تەبىئەت

شىنجاڭ تېرىكى

شىنجاڭ تېرىكى يەنە ھاڭگا تېرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ تېرىكى باشقا ھەر قانداق تېرەككە ئ‍وخشىمايدۇ.

شىنجاڭ تېرىكى يەنە ھاڭگا تېرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ تېرىكى باشقا ھەر قانداق تېرەككە ئ‍وخشىمايدۇ. غول قىسمىدىن تارتىپ شاخلىرىغا قەدەر خۇددى بامبۇك نوتىسىدەك بوغۇم-بوغۇم بولۇپ ئ‍ۆسىدۇ، بىر بوغۇم بىلەن يەنە بىر بوغۇم ئ‍ارلىقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئ‍ەتراپىدا بولىدۇ. قوۋزاق غازاڭلىرىنىڭ رەڭگى قاپاق تېرەكنىڭكىگە ئ‍وخشاش كۈمۈش رەڭدە.

 شىنجاڭ تېرىكىنىڭ غول قىسمىنى باشقا تېرەكلەرنىڭكىگە ئ‍وخشاش ئ‍ۆي جاھازىلىرىنى ياساشقا ئ‍ىشلىتىشكە بولمايدۇ. بوغۇملىرى كۆپ بولغاچقا سۈپەتلىك چىقمايدۇ. شىنجاڭ تېرىكىياغىچىنى پەقەت قىرىمچىىق، قول ھۈنەر -سەنئىتىدە ئ‍اياق، كاسا، دۈشە ئ‍اياق، تەڭلە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئ‍ىشلىتىلىدۇ. 

شىنجاڭ تېرىكى ياغىچىنىڭ تۇقۇلمىلىرى ئ‍ىنتايىن مۇستەھكەم، قاتتىق چىڭ بولۇپ قىرىمچىلىق سەنئىتىدە ئ‍ەڭ ياخشى خام ماتىريال ھېسابلىنىدۇ. باھاسىمۇ باشقا تېرەك ياغاچلىرىغا قارغاندا بەكلا قىممەت. 

 شىنجاڭ تېرىكىنىڭ تارقىلىشى كۆپ ئ‍ەمەس، قەلەمچە قىلىپ ئ‍ۆستۈرۈشمۇ تەس، ئ‍اسان كۆكلىمەيدۇ، پەقەت يىلتىزىسىن ئ‍از ساندا نوتا كۆكلەپ چىقىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى