تەبىئەت

ئ‍اق تېرەك

ئاق تېرەك تىكېلىپ 20 يىلدىن كېيىن ياخشى ياغاچ ماتىريالى بولىدۇ. ئ‍ۇنىڭدىن ئ‍ۆتۈپ كەتسە ياغىچىنىڭ ئ‍ىچى پورلىشىپ ئ‍اجىزلىشىپ كېتىدۇ.

ئ‍اق تېرەك تۈز ئ‍ۆسىدۇ. ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز بولغاندا 20 مېتىر ئ‍ەتراپىدا بولىدۇ. قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈمۈش رەڭدە، غازىڭىنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل رەڭدە بولىدۇ. 

ئ‍اق تېرەكنىڭ قەلەمچىسىنىڭ ئ‍ەي بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئ‍ۈسۈشى تېز، ماتىريال قىممىتى يۇقىرى، ئ‍ەمما ياغىچىنىڭ ئ‍ىچكى تۇقۇلمىلىرى سەل شالاڭ، ئ‍اجىز كېلدۇ. ئ‍اق تېرەكنىڭ ئ‍وق يىلتىزىمۇ يەر تېگىگە بەك چوڭقۇر يىلتىز تاتمايدۇ. چاچما يىلتىزلىرى كۆپرەك بولىدۇ.

ئ‍ەتياز كۈنلىرى باشقا دەرەخلەردىن بىرەر ھەپتە  بالدۇر غازاڭ چىقىردۇ، ئ‍ەمما كۈز كۈنلىرىدە باشقا دەرەخلەردىن ئ‍ۈچ ھەپتە بۇرۇن غازاڭ تاشلايدۇ. قۇرغاقچلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئ‍اجىز، باشقا تېرەك تۈرلىرىدەك يەر ئ‍استى سۈيىنى ئ‍ۆزىگە سۈمۈرۈش ئ‍ىقتىدارى تۆۋەن، ئ‍اسان قۇرۇپ قالىدۇ، تىكىپ 20 يىلدىن كېيىن ياخشى ياغاچ ماتىريالى بولىدۇ. ئ‍ۇنىڭدىن ئ‍ۆتۈپ كەتسە ياغىچىنىڭ ئ‍ىچى پورلىشىپ ئ‍اجىزلىشىپ كېتىدۇ.

ئ‍اق تېرەكنى ياغاچ ماتىريالى قىلىشقا كەسكەندە چۇقۇم كەسكەن ھامان تاشقى قوۋزىقىنى سۇيۋىتىش كېرەك.  قوۋزىقى سۇيۋىتىلسە ياغاچ رەڭگى ئ‍اق، سۈزۈك، قاتتىق، چىڭ قۇرۇيدۇ. ئ‍ەممە قوۋزىقى ۋاقتىدا سۇيۇلمىغان ئ‍اق تېرەك ياغىچىنى ئ‍ىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئ‍اق تېرەكنىڭ شاخلىرىمۇ ئ‍ىنتايىن چۈرۈك كېلدۇ. ئ‍ەي بۇلۇشى ياخشى بولغان بىلەن، ياغىچى باشقا تېرەك ياغاچلىرىدەك مۇستەھكەم، قاتتىق بولمايدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى