تەبىئەت

قۇمۇش

قۇمۇش

 

قۇمۇش ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئاساسەن ھەممە يېرىگە ناھايتى كەڭ تارقالغان. ئۇ چۆللۈك، قۇملۇق، تاشلىق، سۇلۇق، شورلۇق، زەيكەشلىك يەرلەردە ئۆسەلەيدۇ، تۇپراق تالىمايدۇ، ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى، بوران-چاپقۇنغا، تومۇز ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ھەر قانداق ناچار مۇھىتتىمۇ ئۆسىۋېرىدۇ.

 

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

قۇمۇش قۇمۇش ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئاساسەن ھەممە يېرىگە ناھايتى كەڭ تارقالغان. ئۇ چۆللۈك، قۇملۇق، تاشلىق، سۇلۇق، شورلۇق، زەيكەشلىك يەرلەردە ئۆسەلەيدۇ، تۇپراق تالىمايدۇ، ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى، بوران-چاپقۇنغا، تومۇز ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ھەر قانداق ناچار مۇھىتتىمۇ ئۆسىۋېرىدۇ.

سىرتقى شەكلى

قۇمۇشقۇمۇش تۇپراقتىن تەبئىي ئۈنۈپ چىقىدۇ. 3-ئاي كىرىشى بىلەنلا تۇپراقتىن بىخ يېرىپ چىقىدۇ. تۇنجى ئۈنۈپ چىققان نوتىسى ئىنتايىن ئۇچلۇق، ئۇچى ئىنىچكە، تۈۋى توم، مىخ شەكىلىدە ئۈنۈپ چىقىدۇ. غولى بوغۇم ئايرىپ ئۆسىدۇ، بوغۇمىنىڭ ئىچى كاۋاك بۇلىدۇ. كاۋاك قىسمىدا ئاق رەڭلىك پەردە بۇلىدۇ. يوپۇرمىقى تار ئۇزۇن بۇلىدۇ. تۇنجى ئۈنۈپ چىققان مايسىسى ئاق رەڭدە بۇلىدۇ. ئۆسكەنسېرى يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. چۆلدە ئۆسىدىغان قۇمۇش بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، تېرىلغان تۇپراقتا ئۆسىدىغان قۇمۇش ئىككى مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، قۇمۇش يۇپۇرماقلىرىنىڭ غولىغا يېقىن قىسمى تار، ئوتتۇرسى كەڭ، ئاخىرسى ئىنىچكە بۇلىدۇ. قۇمۇش يۇپۇرمىقىنىڭ ئەتراپى ھەرە چىشسىمان بولىدۇ، شۇڭا قۇمۇش يۇپۇرمىقى ئادەمگە تېگىپ كەتسە پىچاقتا كەسكەندەك كېسۋىتىدۇ. قۇمۇشنىڭ يۇپۇرمىقى ئادەتتىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن قېلىن بۇلىدۇ. 

قۇمۇشنىڭ تۈرلىرى

قۇمۇش

ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆسىدىغان قۇمۇشلارنى چوڭ جەھەتتىن تۆت خىل تۈرگە ئايرىشقا بۇلىدۇ. يەنى بۇلار چۆلدە ئۆسىدىغان قۇمۇش، سۇدا ئۆسىدىغان قۇمۇش، يېكەن قۇمۇش، قىياق قۇمۇشتىن ئىبارەت. 

چۆلدە ئۆسىدىغان قۇمۇش

چۆلدە ئۆسىدىغان قۇمۇش ئاساسەن چۆللۈك، قۇملۇق، تېرىلغۇ يەر ئەتراپلىرىدا ئۆسىدىغان بولۇپ، بۇ خىل قۇمۇشنىڭ يوپۇرمىقى قاتتىق بۇلىدۇ، ئىگىزلىكى بىرمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك ھېساپلىنىدۇ. قۇملۇقتا ئۆسىدىغان قۇمۇشنىڭ يىلتىزى ناھايتى چوڭقۇر بۇلىدۇ. بۇ خىل قۇمۇشنى چۆلدە ياشايدىغان ئوتخور ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. تېرىلغۇ يەر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان قۇمۇشلارنى غولى سەل ئىنىچكە، غازىڭى يۇمشاق كېلىدۇ. بۇ خىل قۇمۇش دېھقان-چارۋىچىلار كۈزدە ئورۇپ يىغۋېلىپ قىشتا چارۋا بېقىشقا ئىشلىتىدۇ.

سۇدا ئۆسىدىغان قۇمۇش

سۇدا ئۆسىدىغان قۇمۇشنىڭ ئىگىزلىكى تۆت مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان بولۇپ، بورا توقۇش، ئۆي بېزەش، ھويلا-ئارام چىتلاش، ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان قۇمۇش دەل مۇشۇ سۇدا ئۆسىدىغان قۇمۇشتۇر.

يېكەن قۇمۇش

يېكەن قۇمۇشمۇ ئوخشاشلا سۇدا ئۆسىدۇ. يەنە دەريا، كۆل، سازلىق يەرلەردە ئۆسىدۇ. يۇپۇرماقلىرى ئۇزۇن بۇلىدۇ. ئىگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. ئوتتۇرسىدا ئىنىچكە غولى بۇلىدۇ. غولنى چۆرىدەپ يوپۇرماق چىقىرىدۇ.

قىياق قۇمۇش

قىياق قۇمۇش ئاساسەن شورلۇق يەرلەردە ئۆسىدۇ. بۇنىڭ غولى بولمايدۇ، ئىگىزلىكى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۈچ تال يوپۇرماق چىقىرىدۇ. بۇ خىل قۇمۇش يايلاقلاردىمۇ ئانچە-ساندا بولىدۇ. بۇنداق قۇمۇش بىلەن چارۋىلارنى تويغۇزغىلى بولمايدۇ. پەقەت تۇپراقنى يېشىلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلدۇ.

رولى

 

تۇرمۇشىمىزدىكى رولى

قۇمۇشقۇمۇش ئۆي ئۆگىزىسىنى يېپىش، ئۆي بېزەش، ھويلا-ئارام چىتلاش، قۇم-بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىش، سانائەتتە پىشىقلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت كۆپ يەرلەردە خەلق تۇرمۇشىغا ئىنتايىن يېقىن يەردە تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقلىرىدىن بورا توقۇش.

ئۇيغۇرلاردا يەنە ئۆي سالغاندا ئۆي ئۆگىزىسىنى بورا بىلەن يېپىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت-چۆپ پاخاللىرىنى يېيتىپ ئاندىن ئۈستىنى توپا بىلەن ياپىدۇ. قۇمۇش يەنە ھويلا-ئارامنى چىتلاش، توسۇش، ھويلا-ئارامنى گۈزەللەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

ئۇنىڭدىن باشقا،قۇمۇشنى يەنە قۇم-بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەبئىي توساق دىيىشكە بۇلىدۇ. مەيلى ھۆل قۇمۇش بولسۇن ياكى ئورۇپ يىغۋېلىنغان قۇرۇق قۇمۇش بولسۇن ئۇنىڭ قۇم-بوراننى توسۇش رولى ناھايتى ئۈنۈملۈك.

مۇھىت ئاسراشتىكى رولى

قۇمۇشقۇمۇشنىڭ مەيلى سۇلۇق يەرلەردە ئۆسىدىغانلىرى بولسۇن ياكى قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدىغانلىرى بولسۇن ناھايتى قويۇق، زىچ ئۆسىدۇ. غولى سىرىتقى كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چەيلىنىپ كەتسىمۇ يىلتىزىدىن يەنە تېز كۆكلەپ چىقىدۇ. قۇمۇش چاڭ-توزاننى سۈمۈرۈش، قۇم-بوراننىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، قۇملۇقنىڭ ھاۋاسىنى سوۋۇتۇش، قۇم كۆچۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبئىي يېشىل توساق بەرپا قىلىش، سۇلۇق ئېكولوگىيەنى قوغداش، تۇپراقنىڭ نەملېكىنى ئاشۇرۇش، تۇپراقنى قۇۋەتلەش، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.

 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى