ئاجايىباتلار

سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى توققۇز غەلىتە سەييارە

نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، قۇياش سىستېمىسىدا ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان سەييارىدىن پەقەت توققۇزى بار ئىدى. تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان باشقا سەييارىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى پەقەت پەرەزدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ راستتىنلا مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە ھېچكىم توغرا جاۋاب بېرەلمەيتى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پلۇتوننىڭ ھەقىقىي سەييارىلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ قۇياش سىستېمىسىدا پەقەت سەككىز سەييارىلا قالدى. ئەمما 3500دىن ئارتۇق قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى سەييارە بايقالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىدا ئىنتايىن غەلىتە دۇنيانى بايقىغىلى بولىدۇ.

1. كېپلېر-78: يەر شارىدا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەر

بۇ سەييارە توغرىسىدا ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ ھەتتا مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ھېچ بولمىغاندا سەييارىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنىڭ ھازىرقى زامان نۇقتىنەزىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. كېپلېر-78b ئۇنىڭ ئاساسىي تۇرغۇن يۇلتۇزى بولغان كېپلېر-78غا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، پەقەت 900 مىڭ كىلومېتىرلا كېلىدۇ (قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى سەييارىلەرنىڭ نامى دائىم تۇرغۇن يۇلتۇز ئوربىتىسىنى ئاساس قىلغان ھەم تەرتىپ بويىچە ھەرپلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزغا نىسبەتەن ئورنى ياكى تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ). بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ مېركۇرىينىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاز دېگەندىمۇ 46 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ.

نەزەرىيە جەھەتتە، بۇ سەييارە شەكىللەنگەندە بۇ ياش تۇرغۇن يۇلتۇز كېپلېر-78bدىن چوڭراق بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ كېپلېر-78bنىڭ مەنبەسى بولسا، 78b تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كېلىپ چىقىشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىك شۇكى، بۇ سەييارە تۇرغۇن يۇلتۇزغا قارىغاندا كېيىنرەك ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان، ئەمما ئۇ نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەم ھەرىكەت قىلىدۇ يەنىلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

كېپلېر-78bنىڭ ئۆزى يەر شارىدىن سەل چوڭراق، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسىي تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ ئالاھىدە شارائىتى تۈپەيلىدىن، سەييارىلەر مۇھىتى يەر شارىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. كېپلېر-78b سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 2400 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ئەھۋال بەك ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۇنى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە سۆرەپ كېتىدۇ، تەخمىنەن 200 ~ 300 مىليون يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ پۈتۈنلەي يۇتۇۋېتىلىدۇ.

2. WASP-12b: شار شەكىلسىز سەييارە

كېپلېر-78b يەنە بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەييارە WASP-12 b ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ تارتىش كۈچى يۇتىۋاتقان بولۇپ، بۇ رەھىمسىز ئەمما كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە جەريانىنى كۆزىتىۋاتقان ئاسترونوملارنى خۇشال قىلىدۇ. WASP-12b سىرتقى يۈزىدىكى بىر قىسىم ماددىلار تۇرغۇن يۇلتۇز تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىۋاتقان بولۇپ، WASP-12bنىڭ شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇنىڭ شەكلى پۇتبولغا ئوخشىمايدۇ بەلكى زەيتۇن توپقا تېخىمۇ ئوخشايدۇ. ئۇ تەخمىنەن 10 مىليون يىل ھايات تۇرالايدۇ، مېنىڭچە بۇ ساندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

WASP-12 b نىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان بولۇپ «رېمۇ سەييارىلىرى»غا تەۋە، غايەت زور گاز سەييارىلىرى مەشھۇر يۇپىتېرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ قۇياشتىن %40 چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرغۇن يۇلتۇزنى تېخىمۇ يېقىن چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ: بىر يىل يەر شارىدىكى 24 سائەتكە باراۋەر كېلىدۇ.

3. TrES-2b: قاراڭغۇ دۇنيا

قاراڭغۇ سەييارە TrES-2b ئاساسەن نۇر قايتۇرمايدۇ. ئەگەر بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 750 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان دېگۇلا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بۇ جايغا سەپەر قىلالىساق بىز غايەت زور قىزىل، قارا نۇر چېچىۋاتقان گاز شارچىسىنى كۆرەلەيمىز. بۇ دۇنيا خۇددى ئوت دېڭىزىغا ئوخشايدۇ. بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 1000 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، زىيادە ئىسسىق گاز غۇۋا قىزىل نۇر تارقىتىدۇ.

ئاسترونوملار بۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تۇتۇق سەييارىلەرنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئانا سەييارىنىڭ ئاز دېگەندە %10 رادىياتسىيەسىنى قايتۇرىدۇ. TrEs-2b نىڭ بولسا %1كە يەتمەيدۇ، ئۇ بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ قاراڭغۇ سەييارە. يەر شارىنىڭ سىرىنى بىز ھازىرغىچە ئېنىق بىلمەيمىز. بەلكىم ئۇ ئاساسلىقى ناترىي ياكى كالىينىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىمىيەلىك ئېلېمېنتلار رادىياتسىيەنى پۈتۈنلەي سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇ بەلكىم بىر خىل ئۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن.

4. V391: ھاياتلىقنىڭ كۈچى

ياق، بۇ يەر شارىدىكى ھاياتلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، ھاياتلىقنىڭ بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. «ھاياتلىقنىڭ كۈچى» بۇ سەييارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. V391 سەييارىنىڭ ئانا يۇلتۇزى بولغان بېتاگاسوس ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ قۇياش 5 مىليارد يىلدىن كېيىن ئاندىن بۇ باسقۇچقا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچتا، تۇرغۇن يۇلتۇزلار تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ بىر قىزىل گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قارىمۇقارشى قىسىش جەريانى باشلىنىدۇ. V391 دەل بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزغا بەك يېقىن بولۇپ ئارىلىقى يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ 1.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. خۇددى يەر شارى كۆپۈپ كەتكەن قۇياش تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگىنىگە ئوخشاش، بۇ سەييارە ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ قەدىمىي تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سىرتقى قەۋىتى تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن. ھالبۇكى، ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ سەييارىنىڭ مۆجىزىلەرچە ۋەيران بولماسلىقى.

5. HD 189773b: ئەينەك يامغۇر

HD 189773bنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 63 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، ئۇ بىز ھەقىقىي رەڭگىنى كۆزىتەلىگەن تۇنجى سەييارە، ئۇنىڭ رەڭگى بىز ياخشى كۆرىدىغان يەر شارى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. بەختكە قارشى بۇ پەقەت ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېرى.

HD 1898773b غايەت زور گاز سەييارە بولۇپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1000 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. تەتۈر ھاۋا بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇ ئاجايىپ بىر مۇھىتنى ياراتقان، بۇ سەييارە ئاتموسفېراسىدىكى سىلىتسىيلىق زەررىچىلەر سۇيۇق ھالەتتىكى ئەينەككە ئايلىنىپ ئاندىن يامغۇر شەكلىدە يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. بۇ ئەينەك يامغۇر تامچىسى 11 بال قارا بورانغا ھەمراھ بولۇپ سۈرئىتى 7000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

6. 55 Cancri: تىرىليون كاراتلىق ئالماس سەييارە

55 Cancri يەر شارىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ، زىچلىقى يەر شارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، ئېغىرلىقى يەر شارىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە تەڭ. بۇ سەييارىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن، ئاساسىي تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىشى ئۈچۈن پەقەت 18 سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ سەييارىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 يورۇقلۇق يىلى بولۇپ، ئاستاتون دېڭىزىغا يېقىن، ئۇنىڭ كاربون مىقدارى بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىزدىن خېلىلا يۇقىرى. 55 Cancri بەلكىم ساپ كاربوندىن تەركىب تاپقان بولۇشى مۇمكىن، ھەر خىل يۇقىرى بېسىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرا (2700 سېلسىيە گىرادۇس) شارائىتىدا، ساپ كاربون پەقەت ئالماس ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

7. PRS B1620-26 b: Methuselah

ھازىرىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي سەييارە PRS B1620-26 b: Methuselah. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنىڭ يېشى 12 مىليارد 700 مىليون يىل ئىكەن. ئۇ چاغدا سامانيولى سىستېمىسىمۇ تېخى تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يەر شارى بىلەن قۇياش تېخى شەكىللەنمىگەن.

PRS B1620-26 b: Methuselah يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 مىڭ 400 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان قوش يۇلتۇز سىستېمىسىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىككى قەدىمىي تۇرغۇن يۇلتۇز ئاللىقاچان ئۆلگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ بىرى ئىمپۇلس يۇلتۇزغا يەنە بىرى ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلانغان.

8. TrEs-4: غايەت زور تارقاق ماددا

بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 1400 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، ھېراكلېس يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان بىر سەييارىنىڭ نامى TES-4 ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ سەييارە بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭلۇقى يۇپىتېرنىڭ 1.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قۇياش سىستېمىسىدىكى ھەقىقىي غايەت زور جىسىم دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ زىچلىقى ۋە يادرولۇق ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى چۈشىنىكسىز. يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىقى بىر پۇرۇپكىنىڭ زىچلىقىغا تەڭ، ئەگەر بىز مۇۋاپىق كېلىدىغان چوڭ دېڭىز-ئوكياننى تاپالىساق، ئۇ ناھايىتى ئاسانلا لەيلەپ كېتىدۇ.

TrEs-4 ئۇنىڭ ئاساسىي تۇرغۇن يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 7 مىليون 200 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ يەر شارىدىكى ئۈچ كۈن ئىچىدە تۇرغۇن يۇلتۇزنى تولۇق چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزغا ناھايىتى يېقىن بولغاچقا بۇ سەييارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1300 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىدۇ.

9. گىلىز 436b: ئىسسىق مۇز يۇلتۇز

بۇ پىلانېت ئىسسىق مۇز بىلەن قاپلانغان، بىزگە تونۇشلۇق بولغان مۇز ئەمەس. Gliese 436b يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 30 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىگە جايلاشقان بولۇپ ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 300 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. نېپتۇن بىلەن ئوخشاش بولغان غايەت زور ھەجىم ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىگە زور بېسىم پەيدا قىلىپ بۇ سەييارىنىڭ يەر ئۈستى سۈيىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يەنىلا مۇز شەكلىدە پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىرتقى قەۋىتى زىيادە قىزىپ كەتكەن Gliese 436 b سۇ بىلەن قاپلىنىپ بىر كاللەك سۇ پارىنىڭ سەييارىنى قورشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى