ساغلاملىق

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

ھاۋا تەڭشىگۈچ، نەملىك ئاشۇرغۇچ، كىرئالغۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىلىشى گەرچە بىزگە ھەر خىل قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەر خىل باكتېرىيەلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. قانداق قىلغاندا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى باكتېرىيەنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ پاكىز بولماسلىقىنىڭ زىيىنى:
ھاۋا تەڭشىگۈچ ئۇزۇن مۇددەت پاكىز بولمىسا، ھاۋا تەڭشىگۈچتىكى ھەر خىل باكتېرىيەلەر ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى قىزىتما، مۇسكۇل بوغۇملىرى تېلىپ ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، قورساق ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تونۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

ھاۋا تەڭشىگۈچتىكى باكتېرىيە:
ئوسلومورا باكتېرىيىسى نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

قوزغالماس تاياقچە باكتېرىيەسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، باكتېرىيىلىك قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

كۇك باكتېرىيەسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ۋاقتىدا باكتېرىيىلىك قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ھاۋا تەڭشىگۈچنى يېرىم يىلدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

نەملىك ئاشۇرغۇچنىڭ پاكىز بولماسلىقىنىڭ زىيىنى:
نەملىك ئاشۇرغۇچنىڭ تازىلىنىشى مۇۋاپىق بولمىسا زىيادە سەزگۈرلۈك ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ يەنە «نەملىك ئاشۇرغۇچ ئۆپكە ياللۇغى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۆتىلىش، ھاسىراش، نەپەس قىيىنلىشىش نەملىك ئاشۇرغۇچنىڭ پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئالامەتلىرى.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

نەملىك ئاشۇرغۇچنىڭ تەركىبىدىكى باكتېرىيە
كۇك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى تېرىنىڭ يىرىڭلاپ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا سېپتىتسېمىيە ۋە باكتېرىيىلىك قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

ئات ئاشقازىنى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاندا، تېرە ۋە قان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

قاپارتمىلىق پروپىئونىك كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسى يۈز قىسمىدا دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

نەملىك ئاشۇرغۇچنىڭ تازىلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

نەملىك ئاشۇرغۇچنى ئىشلىتىش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئەڭ مۇۋاپىق، ئىشلەتكەندە پاكىز سۇ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئىشلىتىش جەريانىدا يەنە ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىمۇ ئالماشتۇرۇش كېرەك.

كىرئالغۇنىڭ پاكىز بولماسلىقىنىڭ زىيىنى:
كىرئالغۇ ئىچى پاكىز بولمىغاندا، ئىشلەتكەندە مىكروبلار ئارىلىشىپ كېتىپ بۇلغىنىپ، تېرە يۇقۇملىنىش، تېرە زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

كىرئالغۇدا پەيدا بولىدىغان باكتېرىيەلەر:
كۇك باكتېرىيەسى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، باكتېرىيىلىك قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

كىسلوزا ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاندا، بوغۇم ياللۇغى، ئۆكچە پېيى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىكى ساغلاملىق قاتىلى

كىرئالغۇنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ئىچ كىيىم بىلەن باشقا كىيىملەر ئايرىپ يۇيۇلىدۇ، كىرئالغۇ ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىنسا بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى