ساغلاملىق

«ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن، «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ئۈستىدە 50 يىل ئىزدىنىش

پەن–تېخنىكا گېزىتى يازمىسى،

«ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن، «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ئۈستىدە 50 يىل ئىزدىنىش

بېرلىن بىمارى، لوندون بىمارى، سان پاۋلو بىمارى، سەرخىل كونترول قىلغۇچىلار… بۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئەيدىز ۋىرۇسىنى يەڭگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداقتىمۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى ھەقىقىي يېڭىدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاسىتىسى، ئىلغار بىئوتېخنىكا ياكى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلار بارلىققا كېلىشتىن ئاۋۋال بىز كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يېڭەلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك قورال قىلىشىمىز كېرەك.

جىنسىي يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چەكلمىسى 13 ياش، ئەڭ چوڭ ياش چەكلىمىسى 86 ياش بولغان.

بۇ سانلىق مەلۇماتنى بېيجىڭ يۆئەن دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزى جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىز كېسەللىرى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى سۈن لىجۈن تولىمۇ قايغۇلۇق بىلەن تىلغا ئالدى.13 ياش گۈلدەك ئېچىلغان يىللار، 86 ياش ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى دەملىرى. ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن «ئەسىر» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ھەر ئىككىلىسى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇملانغانغۇچى ئىكەن.

بەزىلەر بۇنى پەقەت ئىككى ئەڭ قەبىھ مىسال دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ جىنسىي كېسەللەر ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى خەن مېڭجيې ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان مۇنداق بىر رېئاللىقنى سۆزلەپ بەردى: «يېقىندا بىز تەشكىللىگەن بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئاز ساندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توردا «ھەمراھ» ئىزدەپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان ئىكەن.

«ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن، «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ئۈستىدە 50 يىل ئىزدىنىش

2020-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 33-نۆۋەتلىك «دۇنيا ئەيدىز كۈنى». دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار ۋە مەملىكەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك: ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلېكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

«ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل»، خەن مېڭجيې بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «گەرچە جۇڭگو 2019-يىلى ئېلان قىلغان زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 2000غا يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىلا ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن».

ئەيدىز ۋىرۇسى بارغانچە «يوشۇرۇن» ھالدا تارقالماقتا. بۇ پەقەت بىرلا تەرىپى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يەنە كۆپلىگەن تارقىلىش «يوشۇرۇن بۇلۇڭ»لىرى بار. ئۇ ھازىر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىش «تەپكە»سىنى بېسىۋەتتى، بۇنىڭغا ئىنسانلار ھېچقانداق چارە تاپالماي تۇرىۋاتىدۇ.

1981 -يىلى، كاپوزى ساركومىسىغا گىرىپتار بولغان ئون نەچچە بىمار بىرلا ۋاقىتتا نيۇيورك ۋە كالىفورنىيەدە پەيدا بولدى، بۇ توپلىنىش خاراكتېرلىك كېسەل تىببىي ساھەدىكىلەرنىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغىدى: بۇ يۇقۇملىنىش خاراكتېردىكى كېسەللىكمۇ قانداق؟

كېيىنكى بىمارلاردا ئوخشىمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى: باكتېرىيە ياكى زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆپكە ياللۇغى، قان پىلاستىنكىلىرى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن بولۇش، تاجاۋۇز خاراكتېرلىك لىمفا ئۆسمىسى…

«ئەيدىز»–ئېرىشچان ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى يىغىندى ئالامىتى(Acquired Immuno Deficiency Syndrome AIDS)دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن. ئەمما كىشىلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كاردىن چىقىرىۋېتىدىغان «تەپكە»نىڭ نېمىلېكىنى ھازىرغىچە بىلىپ بولالمىدى.

كېسەللىك مەنبەسى بايقىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 1983-يىلى فرانسىيە پاستېر ئىنستىتۇتى ۋە ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ پاتوگېنىنى، يەنى سېسىق نامى پۇر كەتكەنHIV نى ئايرىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ئىلىم – پەن» ۋە «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

باش جىنايەتكارنىڭ بايقىلىشى ئەيدىزنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى قىرغىنچىلىقىنى يەنىلا توسۇپ قالالمىدى. 1986-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر «ئەيدىز كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويۇلغان 29 مىڭغا يېقىن ئامېرىكىلىق بىمارنىڭ ئىچىدە 25 مىڭ ئادەم قازا قىلدى.

«ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن، «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ئۈستىدە 50 يىل ئىزدىنىش

بەيلېي مارتىن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 8- خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەي ۋېيپىڭ: «كېيىنكى ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەش خىزمىتى يەرشارى بويىچە توردا داۋاملاشتۇرۇلدى، ھازىر بىز ئەيدىزنىڭ ئافرىقىدا 1930-يىللاردىلا پەيدا بولغانلىقىنى، دەسلەپتە ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا كۆچكەنلېكىنى بىلدۇق.»دېدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان «0- نومۇرلۇق بىمار» بايقالغان ۋاقىتتىن 50 يىل ئىلگىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىشىلەر بايقىغان ئاتالمىش «0- نومۇرلۇق بىمار» بەلكىم پەقەتلا زەنجىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھالقىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ مەنبەنى ئىزدەش تېخى ئاخىرلاشمىدى. 1996-يىلىغا قەدەر ئەيدىزنىڭ دوختۇر ۋە ئالىملارغا ئېلىپ كەلگەن مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تونۇش ۋە ئايرىپ چىقالماسلىق سەۋەبىدىن پەقەتلا پەسىيىپ باقمىدى.

يېقىندا ئېچىلغان «ئەيدىز ئىممۇنىتېتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تېمىسىدىكى شياڭشەن ئىلىم-پەن يىغىنىدا، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى تەيشېڭ ھەسرەتلەنگەن ھالدا: «ئۇ خىل ئۈمىدسىزلىنىش تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، مەن 1993-يىلى فرانسىيىگە بېرىپ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنى ئۆگەنگىنىمدە، ھەمىشە ئۆزۈمنى تولىمۇ چارىسىز ھېس قىلاتتىم، چۈنكى مەن ئۇچراتقان بىمارلارنىڭ ھەممىسى تەخمىنەن بىر يىل ئەتراپىدا ئۆلۈپ كېتەتتى» دېدى.

1996 -يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىم خې دايى داڭلىق «كوكتېل ھارىقى بىلەن داۋالاش» نەزەرىيىسىنى، يەنى ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىملار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى، ئىنتىلىشى، تاجاۋۇز قىلىش يولى، ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ھەتتا ئاجىزلىقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئەيدىزنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىدىغان «ئاچقۇچ»ى بار، ئۇ ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى «CD4» بەلگىلىك «قۇلۇپ»نى ئېچىپ كىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ CD4 ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ RNA ۋىرۇسى بولغاچقا، يوشۇرۇن كىرىۋالغاندىن كېيىن «ئۆزىدە بار بولغان قورالى» ئارقىلىق ئېنزىمنى تەتۈر كۆچۈرۈپ (RNA دىن DNA غا ئۆزگىرىدۇ)، DNAھۈجەيرە يادروسىغا يوشۇرۇنچە سىڭىپ كىرىپ، خروموسومادا مەڭگۈلۈك ماكانلىشىدۇ.

CD4 ھۈجەيرىلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تايانچ پونكىتىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ۋىرۇسلارنى «باققان»دىن كېيىن بىر – بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

نۇكلېئوسىد تۈرىدىكى تەتۈر ئايلىنىشنى خاتىرىلىگۈچى ئېنزىمنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار كەشپ قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ «ھاياتلىق ئىشىكى»نى توستى، پەقەت تەتۈر ئايلىنىشنى خاتىرىلىگۈچى ئېنزىم كونترول قىلىنسىلا، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ «ئۆلۈم ئەرۋاھى»نى ئىشىكنىڭ سىرتىدا قالدۇرغىلى بولاتتى.

كۈتۈلمىگەن ئىشلار كەينى-كەينىدىن يۈز بەرمەكتە ئىدى. ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى بولدى. ئۇنىڭ توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرۇشى دورىغا بەرداشلىق بېرىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئەيدىز ۋاكسىنىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بارغانسىرى كېچىكتۈرىۋەتتى.

خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جېروم گروپمان بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشچان ۋىرۇس، بۇ ھىيلىگەر تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئارقىلىق دورىنىڭ تەسىرىنى نىشان (تەتۈر كۆچۈرگۈچى ئېنزىم)غا يەتكۈزمەيدۇ. بۇ دەل ئۇنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر.

لى تەيشېڭ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن مۇددەت داۋالانغان بىمارلار ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، مەسىلەن يۈرەك قان تومۇر قېتىشىش ھەمدە نېرۋا، بۆرەك ۋە جىگەر مەسىلىسىگە ئوخشاش ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ياشانغانلارمۇ ئېغىر دەرىجىدە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ».

«ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ئۈستىدە 50 يىل  ئىزدىنىش (2)

زەھەرنىڭ ئەكىس تەسىرنى ئازايتىش ئۈچۈن، جۇڭگودىكى نۇرغۇن تەتقىقات ئۆمەكلىرى جۇڭگونىڭ تېبابىتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. «بىزنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىمىز جۇڭگو دورىسى ئارقىلىق رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالايدىغان ليۇگېڭتېڭ تابلىتىنى ئەيدىز بىمارلىرىغا كلىنىكىلىق سىناق قىلىشقا ئىشلىتىپ باقتى، نەتىجىدە CD4 كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى». لى تەيشېڭ مۇنداق دېدى: 2015-يىلدىن باشلاپ، بۇ گۇرۇپپا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭيى دورا تابلېتكىسى تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىب ئۈستىدە يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە كىلىنىكا مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى پروفېسسور لۇ خوڭجۇنىڭ تونۇشتۇرۇپ، شاڭخەي ئاممىۋى سەھىيە ئۆمىكىنىڭ جۇڭيى دورىلىرىدىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە گەنسۈيدىن ئاكتىپ مونومېر ماددىسىنى بايقاپ، دورا مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا كلىنىكىلىق دورا تەتقىقاتىنى باشلايدىغانلىىنى ئېيتتى.

ھەممىسى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكىدىن كېلىپ چىققان تۇرسا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنمۇ؟

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش دوختۇرخانىسى بەشىنچى داۋالاش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فۇشېڭ يېتەكچىلىك قىلغان 100 مىڭ بىمارنى 12 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ CD4 ھۈجەيرىسىنى «چوڭ قىرغىن قىلىشى» ئاللىقاچان ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىكەن. ئۇلار يېڭىدىن داۋالانغان ئەيدىز بىمارلىرىدىكى CD ھۈجەيرىسىنىڭ سەۋىيىسىنى 5 گۇرۇپپىغا ئايرىغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئۇ 500 كۇپ مىلىلېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، داۋالاشتىن كېيىن، CD ھۈجەيرىسى تېز ئەسلىگە كېلىپ، پۈتكۈل سىستېما تەڭپۇڭلىشىشقا مايىل بولىدىكەن، ئەگەر 200 كۇپ مىلىلېتىرغا يەتمىسە، ۋىرۇس كونترول قىلىنغان تەقدىردىمۇ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىن بولىدىكەن.

بۇ كەڭ كۆلەملىك، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭCD4 ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي، ھەتتا ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنىمۇ يوق قىلىۋېتىشتەك بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى پولاتتەك ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.

دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، ئەيدىزنى داۋالاشمۇ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. GSKتەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئۇزۇن ئۈنۈملۈك بىرىكمە ئېنزىمنى تورمۇزلىغۇچى دورا ئافرىقا ئاياللىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلدى، بۇ دورىنى ھەر 2 ئايدا بىر قېتىم ئوكۇل قىلىپ ئۇرسىلا، ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش رولىنى ئوينىيالايدۇ، ھەتتا ئۇنى ۋاكسىنا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

كەسپىي تاراتقۇ «جانلىقلار دۇنياسى» خۇلاسىلىگەن يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات تەرەققىياتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى بەدەن سىرتىدا قايتا كۆپەيتىش ۋە بىرىكتۈرۈش جەريانىنىڭ تەتقىقاتى ئېلان قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى داۋالاش ۋە ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇنۇش مېخانىزىمى تەتقىقاتىدىمۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان.

«ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ئۈستىدە 50 يىل  ئىزدىنىش (2)

1981-يىلى ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشقا قاتناشقان خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جېروم گروپمان بۇ تارىخ توغرىسىدىكى ئەسلىمىسىدە: «1997-يىلدىكى <تەبىئەت> ژۇرنىلىدا، جون خوپكىنس تېببىي مەكتىپى خوۋارد خۇگ تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى روبېرت سىلىسىيانو ئۆزى كەشىپ قىلغان ئىنتايىن سەزگۈر ئۆلچەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەستە ساقلاش ھۈجەيرىسىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى بايقىغانلىقى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ئەيدىز ۋىرۇسى T ھۈجەيرىسىنىڭ DNA زەنجىرىدە ئۈچەككە كىرىش ھالىتىدە تۇرىدۇ».

«يوشۇرۇنغان» ئالۋاستىدا پەقەت Ⅰتىپلىقلا ئىنتېرفېرون بارمۇ؟

2007- يىلى، بىرلا ۋاقىتتا ئاق قان كېسىلى بىلەن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تىموسى رېي بروۋن يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىندى، شۇنىڭدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى مۆجىزىلەرچە ئۇنىڭ تېنىدىن يوقاپ كەتتى. CCR5 نىڭ گېن كەمتۈكلىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئادەم تېنى ھۈجەيرىسىگە كىرگىلى قويمايدۇ، ئەمما بروۋنغا يىلىك تەقدىم قىلغۇچىدا بۇ خىل تۇغما كەمتۈكلۈك بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن گېنىنى تەھرىرلەش، ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىزنى داۋالاشنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى.

«ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ئۈستىدە 50 يىل  ئىزدىنىش (2)

2016-يىلى «لوندون بىمارلىرى» بروۋننىڭ مۆجىزىسىنى قايتا نامايەن قىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ تەلىيى تەقلىد قىلىشقا ئامالسىز قېلىشتەك تەقدىرگە دۇچ كەلدى. ماس كېلىدىغان يىلىكنى تېپىش تەس بولغاندىن سىرت، بارلىق ماسلاشما تىپلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ۋىرۇسنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ. قايتا ئىممۇنىتېتلانغان ھۈجەيرىنىڭ بىمارنىڭ تېنىدە ياشاش-ياشىيالماسلىقى ھەمدە تەسىر كۈچىنى زورايتىش-زورايتالماسلىقى مۇھىم ھالقا، ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش داۋالاش ئۇسۇللىرىدا بىمارنىڭ ۋىرۇسى تازىلانمىغان.

2019 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، «يېڭى ئېنگلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دا دۆلىتىمىز بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى دېڭ خۇڭكۈي، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 5 ـ تېببىي مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى چېن خۇ، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى يوۋئەن دوختۇرخانىسىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ خاۋ قاتارلىق كوللېكتىپلار ھەمكارلىشىپ، CRISPR گېنىنى تەھرىرلەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىدە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان CCR5گېنى ھەم تەھرىرلەنگەندىن كېيىنكى غول ھۈجەيرىنى ئەيدىز بىلەن بىرلىكتە جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى بولغان بىر بىمارنىڭ تېنىگە كۆچۈرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

2020- يىلى، تېخىمۇ خۇشال بولغان بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى، بىرازىلىيە سان پاۋلودىكى بىر ئەر ئالاھىدە دورا بىلەن داۋالاش (تەتۈر نۇسخىلاشقا قارشى ۋىرۇس دورىسى + نىكوتىنامىد)نى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 66 ھەپتە دورا ئىشلىتىشنى توختاتقاندىن كېيىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالمىغان.

ئوخشاش داۋالىنىۋاتقان بەش بىمارنىڭ ئىچىدە پەقەت«سان پاۋلو بىمارلىرى»دىلا داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلگەن. مەيلى ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى دورا بىلەن داۋالىنىپ ساقايغان ئەيدىز بىمارى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئەيدىزنى دورا بىلەن داۋالاپ ساقايتىشقا زور ئىلھام بولدى. ئەمما ئىنسانلار توپىدىكى مۇنداق بىر توپ كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى گېن گۇرۇپپىسى قاتارىغا كىرگۈزۈپ «بەنت» قىلىۋېتىدۇ، ئۇلار«سەرخىل كونترول قىلغۇچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ كېسەللىك قوزغالمايدۇ.

خارۋارد تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى يۈ شۈرىنىڭ يېقىندا «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سەرخىل كونترول قىلغۇچىلار ئىچىدە ۋىرۇس دائىم ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە رايونىدا بىرىكىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ كۆچۈرۈلۈشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.

HIV تەتقىقات كوللېكتىپى ئەڭ يېڭى ئۆلچەش تېخنىكىسى ئارقىلىق مۇكەممەل بولغان HIV گېن گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدىكى ئورنىنى توغرا بېكېتىپ چىققان، بۇ ئارقىلىق HIV-1نى ساقلاپ قالغان 64 نەپەر سەرخىل كونترول قىلغۇچى بىلەن 41 نەپەر مۇسبەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقىسىنىڭ تەرتىپى تېخىمۇ ئارقىدا قالغان.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋاكسىنا ئەملەپ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولمىغان ئەھۋالدا، ھەرقايسى تارماقلار ھەمكارلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جەمئىيەتتىكېلەر ئاكتىپ قاتنىشىپ، ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى