ساغلاملىق

بېدە

بېدە باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

بېدەبۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياتما يىلتىزلىق سامان غوللۇق كۆك گۈللۈك بېدە ۋە تىكەنلىك بېدىنىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ۋاقىتتىكى كۆكى تۇرمۇشتا «بېدە» دېيىلىپ، ئوتياش ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. شاخلىرى كۆپ، يوپۇرماقلىرى كىچىك، دوم تۇخۇمسىمان، سوقىچاق كېلىدۇ. گۈل تاجىسى سۆسۈن رەڭلىك كېلىدۇ.

تەركىبىدە لۇسېرنول (Lucernol)، ساتۋول (sativol)، كوۋ مېترول (Coumetrol)، فورمونونېتىن (Formononetin)، ديزئېن (Daidzein)، تىرتىن(tricin)، سترولىن (cltrulline)، كانالىن (canaline)، %37.8- 21.8 ئاقسىل %9.5 – 4 قەنت بار. يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە ئونونىتول (Ononitol)، مېۋە يېلىمى كىسلاتاسى بار. گۈلىدە دىلفىندىن (Delfhinidin)، پېتونىدىن (Petunidin)، مالۇرىدىن (Maluridin)، ئۇچۇچان ماي بولغان بولىدۇ.

پۈتۈن چۆپىنىڭ ئېرىتمىسى ئۆپكە سىل تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ.

ئەكىس تەسىرى

قورساقنى ئېسىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

پىننە.

ئورۇنباسارى 

پالەك.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

بىدە قايناتمىسى، بېدە تالقىنى.

باھ ئاجىزلىقى، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقلار، تارتىشىپ قېلىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، ھەيز توسۇلۇش، كۆكرەكنىڭ قۇرۇقلۇقى، يۆتەل، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. بېدىنى شېكەر بىلەن داۋاملىق يەپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ. 2. بېدىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى ياغلىسا، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. داۋاملىق پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، تارتىشىپ قېلىشنى داۋالايدۇ. 3. بېدىنىڭ ئۇرۇقىدا ياغ تارتىپ يەرلىك ئورۇنغا ياغلاپ بەرسە، لەقۋا ۋە تارتىشىپ قېلىشقا پايدا قىلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ تۈتۈنىدە داۋاملىق ئىسلىنىپ بەرسە، پالەچكە پايدا قىلىدۇ.

قورساقنى ئېسىدۇ.
پىننە.
پالەك.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى