ساغلاملىق

باقىلە

باقىلە قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئىششىق تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇ سىيىتىگە ئىگە.

باقىلەبۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك قارا پۇرچاقنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، «باقىلە» نامىدا دورىغا ئشلىتىلىدۇ. دورا ئەشيانىڭ شەكلى شارسىمان، ئۆزى چوڭ، ئۈستى قار پوستلىق، رەڭگى قىزغۇچ، توپا رەڭدە كېلىدۇ، تەمى، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ .

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۈنى ئەدەس.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئاگلوتىنىن ((Phytagglutinin بار. يەنە ئاقسىل، ياغ، قەنت ماددىلىرى بار.

ئۈچەي قۇرت كېسەللىكى ھەر خىل ئىششىقلار، ئاشقازان ئاغرىقلىرى، داغ، بەرەس، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز راۋان بولماسلىق، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدۇ.

1. باقىلەدىن 10 گرام، قەنبىلدىن 5 گرام، شاپتۇل يۇپۇرمىقىدىن 10 گرام، كاۋا مېغىزىدىن 7 گرام، فۇپەلدىن 7 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، 10 گرامدىن ئىچىپ بەرسە قۇرت ئۆلتۈرىدۇ. 2. باقىلەدىن 15 گرام ئېلىپ سوقۇپ، گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ئىششىق قايتۇرىدۇ. 3. باقىلەدىن 15 گرام، ئاق ماش، بەرەنگى كابىلى، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلار 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.

مىقدارى 

3~ 5 گرام

ئەكىس تەسىرى

تەستە ھەزىم بولىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 سۆئتەر، تۇز، سېرىقماي.

ئورۇنباسارى

ماش.

كۈزدە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ.

ساقلاش 

قۇرۇتۇپ ساقلىندۇ.

كۈزدە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ.

تەستە ھەزىم بولىدۇ.

تەستە ھەزىم بولىدۇ.

 سۆئتەر، تۇز، سېرىقماي.

ماش.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى