ساغلاملىق

بەزرۇلبەنجى

بەزرۇلبەنجى نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، مەست قىلىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، بىھۇش قىلىش، قۇرۇتۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مىڭدىۋانە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «مىڭدىۋانە» ياكى «بەزرۇلبەنجى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇرۇقى ئۇششاق، كىچىك بۆرەك شەكلىدە، ئاق قىزىل، قارا رەڭلەردە، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى «مىڭدىۋانە» ياكى «بەزرۇلبەنجى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

بەزرۇلبەنجى تەركىبىدە ئاساسلىقى بەزرۇلبەنجى ئالكالوئىدى – مىئوسسىيامىن (Hyoscyadmine)، سىكوپولامىن (scopolamine)، ئۇندىن باشقا يەنە مايلىق ياغ %25 كە يېتىدۇ.

نەزلە، بەلغەملىك يۆتەل، باش ئاغرىقى، ئىچكى− تاشقى ئەزالاردىكى قاناشلىق، جاراھەتلىك كېسەللىكلەر، قۇلاق ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، مالىخولىيا، ئۇيقۇسىزلىق، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بەزرۇلبەنجى تەركىبىدىكى مىئوسسىيامىن، بۇ ئاساسلـىقى پاراتارتارىك تەنچـە ۋە ئاسـتروپىـنلاردىـن ئىبـارەت ۋە سكوپولامىن قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق فارماكولوگيىلىك تەسىرى تۆۋەندىكىچە: 1. بەز تەنچىسى ۋە سىلىق مۇسكۇلغا بولغان تەسىرى: ئاتروپىن بەز تەنچىسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ. ھەرىكەت كۈچىيىپ كەتكەن ياكى تارتىشىش ھالىتىدىكى سىلىق مۇسكۇلغا نىسبەتەن كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بوشاشتۇرۇش رولى بار. كلىنىكىدا ئاشقازان ئۈچەي سپازمىسى ۋە ئاشقازان − ئاغرىقىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. 2. يۈرەك قان تومۇرىغا بولغان تەسىرى: ئاتروپىن ئاداشقان نېرۋىنىڭ يۈرەكنى تورمۇزلىشىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدۇ. 3. كۆز قارىچۇقىنىڭ كېڭىيىشى: ئاتروپىن كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتىپ، كۆز بېسىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە پالەچلىكنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. 4. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: بەزرۇلبەنجى ئالكالوئىدى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. ئەمما سكوپلامىن تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. كلىنىكىدا تىترىمە، پالەچ ۋە باش قېيىش كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

خاس تەسىرى

مەست قىلغۇچى دورىلار

ئورۇنباسارى

ئەپيۈن، كۆكنار.

ئەكىس تەسىرى

كۆپ ئىستېمال قىلسا ياكى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتسە، نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بىمار ساراڭ بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

قايماق ياكى يېڭى سۈت ئىچۈرۈش، قايتا − قايتا قۇستۇرۇش

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۈنى بەرشىشا، قۇرسى كاكىنەچ .

1. بەزرۇلبەنجىنى سوقۇپ سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ، باش ساھەسىگە چاپسا، باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ. 2. بەزرۇلبەنجى 3 گرام، زۇپا 10 گرام، پىرسىياۋشان10 گرام، سەرپىستان7 گرام، ئەرەب يېلىمى، كەتىرادىن 5 گرامدىن، چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل توختىتىدۇ. 3. ئانارگۈلى10 گرام، موزا 5 گرام، بەزرۇلبەنجى 3 گرام، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى، ئاقاقىيادىن10 گرامدىن ئېلىپ، تالقانلاپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئىچكى ئەزالاردىكى جاراھەتلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

يىغىش 

كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا پۈتۈن قىسمىنى ئورىۋېلىپ قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى ئايرىۋېلىپ يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

ساقلاش 

كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا پۈتۈن قىسمىنى ئورىۋېلىپ قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى ئايرىۋېلىپ يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

ئىشىپ كەتسە زەھەرلەپ،يۈزلىرى قىزىرىپ،ۋاقىتلىق گاس ۋە ئەسەبىلىشىش كۆرىلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى