ساغلاملىق

بەرەنگى كابىلى

بەرەنگى كابىلى ئۈچەي قۇرۇتلىرىنى ئۆلتۈرۈش، يەل تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، چىش ئاغرىقىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

بۇ ئاردىسىيا كالا ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق كىچىك چاتقال ئۈسۈملۈك بەرەنگى كابىلىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، «بەرەنگى كابىلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.شەكلى يۇمىلاق، قارا مۇچتىن سەل كىچىكرەك، قارا رەڭلىك، ئىچى ئاق، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى سۇس كىلىدۇ.

ئۈسۈملۈك بەرەنگى كابىلىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، «بەرەنگى كابىلى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

مـېـۋسـىنىـڭ تـەركىـبىـدە ئېمـبېلىـن (Embelin) ۋە ۋىلانگىن (vilangin) قاتارلىقلار بار.

ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە ھىندىستان ، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىنمۇ چىقىدۇ.

ئۈچەي قۇرۇتلىرىنى ئۆلتۈرۈش، غەيرىي تەبئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنى سۈرۈش،يەل تارقىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، چىش ئاغرىقىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

ئىترىفىل قەنبىل ، ھەببى دىيدان .

ئۈچەي قۇرتى، بولۇپمۇ قاپاق ئۇرۇقى مەددىسى، ھۆل جاراھەتلەر، ھەزىم ئاجىزلىقى، چىش ئاغرىقى، پەي مۇسكۇللار بوشاپ كىتىش، سۈيدۈك، ھەيز، راۋان بولماسلىق، بوغۇم ئاغرىقلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇنىڭ قۇرتۇلغان مېۋىسى تاسمىسىمان مەددە قۇرتنى ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە، ئۈنۈملۈك تەسىرى ئېمبېلىن بولۇپ، بۇ ھىندىستاندا تۇغۇت چەكلەش دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئىشقارلىق فوسفورلارنىڭ ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ.

خاس تەسىرى

مەددە قۇرۇت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار

ئورۇنباسارى

تەڭ مىقدار ئاق ماش ، قەنبىل.

ئەكىس تەسىرى

ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

مەستىكى ، ئەرەب يىلىمى

ئىشلىتىش ئۇسۇلى 

1. سوقمونىيادىن 3 گرام،شەھمەنزەلدىن 5 گرام ، سەبرىدىن 7 گرام، بەرەنگى كابلىدىن 10 گرام، شاپتۇل يۇپۇرمىقىدىن 30 گرام ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، 5 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، مەددە قۇرۇت كېسەللىكىگە پايدا قىلىدۇ. 2. سۆرۈنجاندىن 10 گرام ، توربۇتتىن 7 گرام، سانادىن 10 گرام، بادىياندىن 10 گرام، بەرەنگى كابىلىدىن 10 گرام ئېلىپ، تالقان قىلىپ كۈنىگە ئىككى ۋاق 5 گرامدىن ئىچىپ بەرسە ، بوغۇم ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق . 3. 9 گرام بەرەنگى كابىلىنى يېڭى سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، سەپرادىن بولغان مۇپاسىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ. جاراھەتلەرنى قۇرتىدۇ.

تەڭ مىقدار ئاق ماش ، قەنبىل.
مەستىكى ، ئەرەب يىلىمى


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى