ساغلاملىق

بالەنگۇ چۆپى

بالەنگۇ چۆپى ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھۆنى پەسەيتىش، يەللەرنى تارقىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، زەھەر قايتۇرۇش، يارىلارنى پۈتتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بالەنگۇ چۆپى (رەيھاننىڭ بىر خىل تۈرى) نىڭ يەر ئۈستى قىسمى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى«بالەنگۇ چۆپى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بالەنگۇ چۆپى.

ئۆسۈملۈك بالەنگۇ چۆپى (رەيھاننىڭ بىر خىل تۈرى) نىڭ يەر ئۈستى قىسمى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى «بالەنگۇ چۆپى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئاساسلىق تەركىبى ئۇچۇچان ماي بولۇپ، يوپۇرمىقىدا %0.9%~0.2، ئۆسۈملۈكىدە، غولىدا % 0.2 ~ % 0.78 گىچە ماي تۇتىدۇ.

رايونىمىزنىڭ غۇلجا، ماناس، قەشقەر، گۇچۇڭ قاتارلىق ئورۇنلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.ئىچكى ئۆلكېلەرنىڭ خۇبىي، جاڭسۇ،خۇنەن قاتارلىق جايلىردىن چىقىدۇ.

ئاساسلىقى تىنچلاندۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشۇتۇپ، يۆتەل پەسەيتىش، بەدەندىكى ھۆل سوغۇقلۇقنى تارقىتىش، كۆڭۈلنى ئېچىش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھۆنى پەسەيتىش، يەللەرنى تارقىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، زەھەر قايتۇرۇش، يارىلارنى پۈتتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

سوغۇقتىن بولغان زۇكام، زۇكام تەسىرىدىن باش ئاغرىش،ئىشتىھاسىزلىق، ئىچى سىقىلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ، كۆڭلى ئاينىش؛ كاناي ياللۇغى، بەلغەملىك يۆتەل، قۇسۇپ كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

تىنچلاندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، يۆتەلنى، زىققىنى توختىتىش، قان توختىتىش، قان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان قەنتىنى يۇقىرىلىتىش، بۆرەكنى كۈچەيتىش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

خاس تەسىرى

تىنچلاندۇرغۇچى،مەست قىلغۇچى، ئاغرىق پەسەيىتكۈچىدورىلار

ئورۇنباسارى

رەيھان.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

گۈل بىنەپشە،ناۋات

1.زۇپا، پىرسىياۋشان، چىلان، ئەنجۈر مونىكى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، بالەنگۇ چۆپى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كاشكاپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا شىپا بولىدۇ.

2.بالەنگۇ چۆپى، دارچىن، قەلەمپۇر، پىننە، زىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، يەللەرنى تارقىتىدۇ.

ئۆستۈرۈش

رايونىمىزنىڭ غۇلجا، ماناس، قەشقەر، گۇچۇڭ قاتارلىق ئورۇنلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

يىغىش

كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىنپ،قۇرۇتۇپ ساقلىندۇ.

ساقلاش

كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىنپ،قۇرۇتۇپ ساقلىندۇ.

ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

گۈل بىنەپشە،ناۋات


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى