ساغلاملىق

ئەرمۇدۇن دەرىخى ئۇرۇقى

ئەرمۇدۇن دەرىخى ئۇرۇقى پەي، مۇسكۇل، تارامۇشلارنى چىڭىتىش ،باھنى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنى كۆپەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەرمۇدۇننىڭ ئۇرۇقى بولۇپ ئەرمۇدۇن دەرىخى ئۇرۇقى ياكى لىنسانۇل ئاسافۇر نامـىدا دورىـغا ئىـشـلـىتىـلىـدۇ.

رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىن، تايلاند، ھىندىستان، ھىندىنوزىيە قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

پەي، مۇسكۇل، تارامۇشلارنى چىڭىتىش ،باھنى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنى كۆپەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇرۇقىدا %16 ماي ،دەرەخ پوستىدا ئىسكولىن (Aesculin)، ئىسكولىتىن (Aesculetin)، تاننىن، بۇنىڭدىن باشقا ماننىتول، فىراكىسېتىن (Fraxetin) ، فىراكىسىن (Fraxin)قاتارلىقلارمۇ بار.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

سۇپۇپى لىنسانۇل ئاسافۇر، ماددەتۇل ھايات، مەجۈنى سۆلەپ، لوبوبى كەبىر .

پەي،مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئۇلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئەكىس تەسىرى 

باش ئاغرىقىغا زىيانلىق.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار 

بۇ دورا كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدۇ، مۇناسىپ تەكشىگۈچىلەر بىلەن ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك.

1. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.

2. سۈيدۈك مىقدارى ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

 3. قان تومۇر ، ئۈچەي يوللىرى ، بالياتقۇ قاتارلىقلارغا تەسىرى بار .

 4. بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش تەسىرى بار. 

1. 10 گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى مېغىزى بىلەن 2 دانە تۇخۇم سېرىقىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە كۆپ ئىھتىلام بولۇشقا شىپا بولىدۇ .

2. ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، ھەجىرۇل يەھۇد ، ئوغرى تىكەن ، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئېزىپ سۇپۇپ تەييارلاپ كۈندە ئىككى ۋاخ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلايدۇ .

3. يەككە ھالەتتە ئېزىپ مۇۋاپىق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە  جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.

پەي مۇسكۇللار بوشىشىش، بەل ئاغرىش، بالياتقۇ ياللۇغى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، جىنسى ئاجىزلىق، ئېھتىلام بولۇش، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىغا تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى