ساغلاملىق

بۇدۇشقاق

بۇدۇشقاق ئىششىق تارقىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ماددىلارنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، بەدەننى پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۆسۈملۈك بۇدۇشقاقنىڭ غول ۋە يوپۇرمىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «بۇدۇشقاق يىلتىزى»، ئۇرۇقى «بۇدۇشقاق ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى

مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

يىلتىزى تەركىبىدە گلوكوزىد بار. مېۋىسى تەركىبىدە كىسانتوسترومارىن (xanthostrumarin)، دەرەخ يىلىمى، مايلىق ياغ، ئالكالوئىدلار، ۋىتامىنC  قاتارلىقلار بار. قۇرۇق مېۋىسى تەركىبىدە 9%  مايلىق ياغ، مېغىزى تەركىبىدە%7 ~ %6سۇ، %40 ياغ بار.

دورىلىق ئورنى

بۇدۇشقاقنىڭ غول ۋە يوپۇرمىقى.

كېسەللىك مىسالى

يۆتەل، مەقئەت ئىششىقى، باھ ئاجىزلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى، ھەر خىل چىش ئاغرىقلىرى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ

ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل ھەيدەش، تاش پارچىلاش، ئىششىق تارقىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ماددىلارنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، بەدەننى پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

بۇدۇشقاق ئۇرۇقى زەھەرلىك، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە بۇدۇشقاق يېغى ۋە بۇنىڭدىكى ئاقسىلنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەمما مېيى ئايرىپ ئېلىنغان قىسمىنىڭ چىلانمىسىنىڭ زەھەرلىك تەسىرى چوڭ، سۇدا ئايرىپ ئېلىنغان گىلكوزىدلار بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ئاساسلىق زەھەرلىك تەركىبى بولۇشى مۇمكىن، سۇغا چىلاپ تويۇنغاندىن كېيىن، قېپقالغان قالدۇقنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ئاز ياكى يوق، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، قورۇپ كۆيدۈرسە، زەھەرلىك تەسىرى تۈگەيدۇ بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ قاينىتىلمىسى بەدەن سىرتىدا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىلىرىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە تۇرمۇزلاش رولى بار ھەمدە پروپامىن ياكى ئىسپىركىق ئېرىتمىسى بەدەن سىرتىدا قىزىل رەڭلىك تۈك تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغىغا نىسبەتەن تورمۇزلاش تەسىرى بار.

خاس تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرۇغۇچى، تاش، پارچىلىغۇچى دورا

ئورۇنباسارى

ئاق تىكەن

ئەكىس تەسىرى

كۆكرەككە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 بادام مېغىزى،قاپاق يېغى.

1. بۇدۇشقاقنى قاينىتىپ ھەسەل بىلەن ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان كونا يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ، كۆكرەكنىڭ يىرىكلېكىنى يوقىتىدۇ.

2. بۇدۇشقاقنى ئېزىپ گۈل يېغى بىلەن چاپسا، مەقئەت ئىششىقى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.

3. بۇدۇشقاقنى قاينىتىپ يۈزنى يۇسا، يۈزنى قىزارتىدۇ.

مىقدارى

بۇدۇشقاقنىڭ ئازراق زەھەرلىك تەرىپى بولغاچقا، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاق تىكەن


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى