ساغلاملىق

چوڭ سۈتلۈكئوت

چوڭ سۈتلۈك ئوت  بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ  يۆتـەل پەسەيتـىـش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

چوڭ سۈتلۈك ئوت بولسا  سۈتلۈك ئوت  ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ.  يوپۇرمىقى ئاجىز كېلىدۇ. تەمى چۈچۈمەل،تاغ باغرى، يول بويلىرى، چاتقاللىقلار ئارىسىدا ئۆسىدۇ. كۆپىنچە قۇملۇقلار تۆپىلىرىدە بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقى جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ۋە دۇنيانىڭ ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.

ئۆسۈملۈكنىڭ غولى قاتتىق تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان، ئادەتتە تۈۋى قىسمىدىن شاخلايدۇ. شاخلىرى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ياكى سۇس سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ. يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ. ئۇزۇنلىقى15–45 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. ھەرە چىشىغا ئوخشاش چىشلىرى بولىدۇ. ياكى بىر نەچچە گىرۋەكلىك كېلىدۇ. ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىدا بىر دانە رەڭلىك داغ بار. ئىككى يۈزى قىسقا، يۇمران تۈكچىلەربىلەن قاپلانغان. ئارقا يۈزىدە تومۇر بويلاپ تۈكچىلەر زىچ ئۆسكەن، ئۇرۇقى توخومسىمان تۆت قىرلىق، يىل بويى گۈلى ئىچىلىدۇ. گۈلى ئۇششاق، كۆپ بولىدۇ.

 غـەيـرى تەبـىئىـي بەلـغـەم خىلتـنـى، ھـۆل سوغـۇق كەيپىياتـنـى تەڭشـەش، ماددىـلارنـى يۇمشۇتـۇش، بەلـغـەم بوشـۇتۇش، يۆتـەل پەسەيتـىـش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

 غەيرى تەبىئى بەلغەم  خىلىتىنى تەڭشىگۈچى دورىلار

ئەكىس تەسىرى

ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

پـۈتـۈن چـۆپنىڭ تـەركـىبىـدە فـلاۋون گىـلىـكوزىـدى، تـاراكـسېـرول (Taraxerol)B-ئامـىــرىــن (B-Amyrin). B–ستـوستېـرول (B-Sitosterol) ئېئللاگىك كىسلاتاسى (Eillagic acid) قاتارلىقلار بار.

چوڭ سۈتلۈكئوتنى سىناق قىلىش ئۈچۈن چىشى چوشقىغا بەرگەندە سۈت بېزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كۈچەيتكەن، يەنە مەلۇم دەرىجىدە سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئىچنى سۈرۈش تەسىرىمۇ بار، لېكىن باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى يوق.

1. چوڭ سۈتلۈكئوت 5 گرام، روم بەدىيان 5 گرام، سېرىق چېچەك10 گرام، دورىلارنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ تەرلەنسە تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىپ زۇكامغا شىپا بولىدۇ.

2. سۈتلۈكئوتتىن 5 گرام ئېلىپ قەلەمپۇر قايناتمىسى بىلەن قوشۇپ ئىچسە ھۆل سوغۇقتىن بولغان يۆتەل ۋە كونا زىققا كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى.

مىقدارى

5–7 گرامغىچە

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ

تۈزەتكۈچىسى

 بادام يېغى

ئورۇنباسارى

كىچىك سۈتلۈكئوت

شەربىتى موسەپپى خون ، سىپوپى قابىز.

يۆتـەل، زۇكـام، كـالتـە يۆتەل، تارتىشىـپ قېلىش، نەپەس يولـى كېسەللىكلىرىـگە ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.

كىچىك سۈتلۈكئوت


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى