ساغلاملىق

ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتكەنلىكتىن بولىدىغان تېرە كېسىلىنى بىلەمسىز؟

كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان ئۆيدە ئۇزۇن تۇرغاندا ئوڭايلا تۈرلۈك «ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسەللىكلىرى»گە گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مەسىلەن: بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، باش قېيىش، تولا چۈشكۈرۈش، قۇلاق غوڭۇلداش، كەم ماغدۇرلۇق ۋە قول-پۇتنىڭ بوغۇملىرى ئاغرىش دېگەندەك. بۇ ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ قۇرغانلىقى، باكتېرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى، ئۆينىڭ ئىچى-سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭلۇقى ۋە بەدەننىڭ ياخشى ماسلىشالمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بىراق بىلەمسىزكىن، ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان ئۆيدە ئۇزۇن تۇرغاندا يەنە ئوڭايلا ھاۋا تەڭشىگۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرە كېسەللىكلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

«ھاۋا تەڭشىگۈچ تېرە كېسەللىكى»نىڭ كېلىپ چىقىشى تېرىنىڭ قوغداش پەردىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان ئۆينىڭ ئىچى-سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ. ئادەتتە سىرتتا ھاۋا ئىسسىق مۇھىتتا تېرە تەرلەش ئارقىلىق ئىسسىقنى تارقىتىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان سالقىن ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئىسسىقلىق تارقىتىشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، شۇڭا قان-تومۇرلار، تەر تۆشۈكچىلىرى تېز سۈرئەتتە كىچىلەيدۇ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تېرە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان تېرە يېغىمۇ ئازلايدۇ.

تېرىنىڭ ساغلام بولۇشىدا تېرىنىڭ قوغداش پەردىسى بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تېرە قوغداش پەردىسىنىڭ سىرتىدا تېرە ياغ پەردىسى بار. تەر بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان تەر بىلەن تېرە يېغى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان تېرە يېغى تېرە ياغ پەردىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدۇر. ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان ئۆيدە ئۇزۇن تۇرغاندا، بۇ ئىككى خىل نەرسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئازلايدۇ-دە، تېرە قوغداش پەردىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سوغۇقلاشتۇرۇش رولى يېپىق ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسى تەركىبىدىكى سۇنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، دېمەك ئۆينىڭ ھاۋاسىنى قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا تېرىدىكى سۇ زەخمىگە ئۇچرىغان تېرە قوغداش پەردىسىدىن ئۆتۈپ چىقىپ ھاۋاغا تارايدۇ. تېرىدىكى سۇنىڭ ئازلاپ كېتىشى تېرە قوغداش پەردىسىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ زەخمىلەندۈرىدۇ. ھاۋا ئۆتۈشمىگەن ئۆيدە باكتېرىيەلەر ئوڭايلا پەيدا بولۇپ كۆپىيىدۇ. بۇ تەبىئىيلا تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ. يەنە چاڭ توزانلار تەركىبىدىكى سالجا كۆپ ئۇچرايدىغان تېرىگە رېئاكسىيە قىلىدىغان ماددىلارنىڭ بىرى. ئۇ نەپەس يولىدىن ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ ياكى بىۋاستە تېرە بىلەن ئۇچرىشىپ تۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى