يېمەك-ئىچمەك

قەنتلەر

قەنت تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %60-%70 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسىدۇر.

كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى گلۇكوزىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن، ئۇلار ئاددىيلا قىلىپ، قەنت تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەنت تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %60-%70 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسىدۇر. شۇنداقلا، ئۇ ھۈجەيرىلەرنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق تەركىبلەرنىڭ بىرىدۇر. 

قەنتلەرقەنتلەر ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە، مەسىلەن: دانلىق زىرائەتلەر، مېۋە- چېۋە، سەي-كۆكتات ۋە پۇرچاق تەركىبىدە مول بولىدۇ. ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن تەركىبىدە قەنت كۆپ بولغىنى سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، بۇلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بەدەننىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

قەنتلەرقەنتلەر بىزنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىمىز. بۇ خىل ماددىلارنىڭ سېللۇلوزىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشقازان، ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىش ئارقىلىق گلۇكوزىغا ئايلىنىدۇ. گلۇكوزا قانغا كىرگەندىن كېيىن قان قەنتى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. قان قەنتى بەدەننى بىۋاستە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ ياكى قەنت مەنبەسى شەكلىدە جىگەر ۋە مۇسكۇللاردا ساقلىنىپ، زاپاس ئېنېرگىيە ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئارتۇق مىقداردىكى قان قەنتى قەنت مەنبەسىنىڭ غەيرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاستىدا مايغا ئايلىنىدۇ ياكى ئاقسىللار ئارقىلىق بەدەندە ساقلىنىپ، ئورگانىزملارغا ئېنېرگىيە يېتىشمىگەندە، ئۇلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

1. قەنتلەرنى قۇبۇل قىلىش بەك كۆپ بولۇش، ئېنېرگىيە كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كېتىش

ھازىرقى دەۋىردىكى كىشىلەر داۋاملىق تويغىچە غىزالانماقتا. زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ ۋە ئۇندا ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ بەزى كىشىلەر تاتلىق نەرسىلەرنى، قەنت-گېزەكلەرنى يېيىشكە ھەم تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئامراق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە سۈمۈرۈلىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ ئاسانلا سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك بولسا، دىئابىت(قەنت سېيىش)، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، راك ھەم تېخىمۇ كۆپ كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبتۇر.

2) سېللۇلوزا كەملىكتىن، دۆلەتمەنلەر كېسىلى پەيدا بولۇش

كىشىلەر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ ۋە ئۇندا ئېتىلگەن يېيىشلىك بولغان تاماقلار بىلەن غىزالىنىشقا ئامراق بولۇپ، بېخىل ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى سېللۇلوزا تەبئىيلېكىنى يوقاتقان بولىدۇ ھەم ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مېنېرال ماددىلار ۋە ۋېتامىنلار ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلگىچە بېخىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، تەن ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپ، ھەتتا ھەرخىل كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە سېمىزلىك، دىئابېت، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسەللىكلىرى دۆلىتىمىزدە كۈندىن- كۈنگە كۆپەيمەكتە. بۇ يېمەكلىك تەركىبىدىكى سېللۇلوزانىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى