يېمەك-ئىچمەك

گەنبىيەن سومىيەن

ناھىيەسىگەنبىيەن سومىيەن ئۇن، ياغ، گۆش، غولپىياز، كۇدە، سامساق قاتارلىقلارنى خام-ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان سومىيەننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە، رەڭگى چىرايلىق، ئاچچىق-چۈچۈك، قۇۋۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ماتېرىيالى : ئۇن، ياغ، گۆش، غولپىياز، كۈدە، سامساق.

تەم خۇرۇچلىرى : تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، داپەنجى لازىسى، جاڭيو.

قۇشۇمچە : پۇراقلىق قىزىلمۇچ قىيامى، كۈنجۈت ياكى كۈنجۈت مىيى، كاۋاۋىچىن مىيى.

خېمىرنى يۇغۇرۇپ پىلتە قىلىۋالىمىز. كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا سۇ قويۇپ قاينىغاندا پىلتىنى تارتىپ چوكا ئۇچىدەك ئىنچىكە شەكىلگە كەلگەندە ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇپ ئۇزۇنلىقىنى 15 سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا چاناپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ، مۇزدەك سۇدا چايقاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ سۈيىنى ساقىتىپ سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

قۇرۇش ئۇسۇلى 1

قازانغا يېرىم چۈمۈچ ماي قويۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ گۆش سارغايغاندا غولپىياز، كۇدە، قاقمۇچ، سامساقلارنى سېلىپ، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ سىپىپ تۇز سېلىپ پىشۇرۇپ، تەييارلانغان چۆپنى سېلىپ ئارىلاشتۇۋەتمەي تۇرۇپ، بىر نەچچە تامچە جاڭيو تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى ئۈچ مىنۇت قورۇپ تەخسىگە ئۇسسا بولىدۇ.

قۇرۇش ئۇسۇلى 2

گۆشنى تەملاندۇرۇپ قازانغا 3 چۈمۈچ ماي قويۇپ ماي قىزىغاندا گۆشنى سالىمىز، گۆش سارغايغاندا پىشۇرۇلغان خېمىرنى سېلىپ مايدىن سۈزىۋالىمىز. قازانغا ئازراق ماي قويۇپ پۈتۈن كاۋاۋىچىن سېلىپ قۇرۇپ كاۋاۋىچىننى سۈزىۋېلىپ، غولپىياز، كۇدە، قاقمۇچ، سامساقلارنى سېلىپ، پۇراقلق قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ قورۇپ، تۇز، ئاقمۇچ سىپىپ خېمىرنى سېلىپ ئازراق جاڭيو تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈنجۈت ياكى كۈنجۈت مىيى تېمىتىپ تەخسىگە ئۇسىمىز.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى