يېمەك-ئىچمەك

كۇجە ئاش

كۇجە ئاش تەملىك، سىڭىشلىك بولۇپ، ئاشقازان ۋە باشقا كېسەللىك تۈپەيلى پەرھىز تۇتقۇچىلارغىمۇ زىيان قىلمايدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. كۇجە ئېشىنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش، ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش، قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۈچەينى تازلاش، ئۆپكىنى ياخشىلاش، بەدەننى قۇۋەتلەش قاتارلىق كۆپ خىل رولى بار.

كېرەكلىك ماتېرىياللارخام ماتېرىيالى: لوق گۆش (مۇۋاپىق مىقداردا)، ئىككى قۇتا قوناق كونسىرۋاسى، ئاز مىقداردا سۇماي، بىر تال بەرەڭگە، بىر دانە قىزىلمۇچ، بىر دانە كۆكمۇچ، يىسۋىلەك (مۇۋاپىق مىقداردا)، بىر دانە پەمىدۇر، پالەك (مۇۋاپىق مىقداردا).

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قوناق كونسىرۋاسىنى ئۇششاق سوقۇۋالىمىز، قالغان ماتېرىياللارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى: ئاۋۋال قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، توغرىۋالغان ماتېرىياللارنى ئۆي لەغمەنگە قورىغان سەيدەك قىلىپ قورۇيمىز، ئاندىن ئاز مىقداردا سۇ قۇيىمىز، سۇ قاينىغاندىن كېيىن، ئۇششاق سوقۇۋالغان قۇناق كونسىرۋاسىنى سالىمىز ئاندىن تۇزىنى تەڭشەيمىز، ئاندىن پالەكتىن ئازراق سېلىۋىتپ قاچغا ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى