يېمەك-ئىچمەك

كەلپىن چېپىت نېنى

كەلپىن ناھىيەسى نىڭ يەرلىك، ئۆزگىچە ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان «چېپىت نېنى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان.

كەلپىن ناھىيەسىگە سەيلى ساياھەتكە بارسىڭىز، مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن ئومۇمەن ئويغۇر ئائىلىسىدە مېھمان بولسىڭىزلا، ھەممىلا ئۆيدە دىگۈدەك بۇ ناھىيەنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان چېپىت نان يەنى نېپىز ناننى تېتىپ ھوزۇرلىنىسىز ۋە بۇ ناننىڭ  ئۆزگىچە تەمىنى ماختىماي تۇرالمايسىز. ئىگىلىنىشىچە بۇ خىل ئۆزگىچە نان ئاپتونوم رايون بويىچە پەقەت كەلپىن ناھىيىسىدىلا يېقىلىدىغان ۋە ئىستىمال قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەم كۈچا، توقسۇ ناھىيەلىرىدە يېقىلىدىغان چوڭ نان ھەم باشقا جايلاردا يېقىلىدىغان ئادەتتىكى ئاق نانلار بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

كەلپىن چېپىت نېنى ئوخشاشلا ئادەتتىكى تونۇرلاردا پىشۇرۇلىدۇ. شەھەر- يېزىلاردىكى ھەممە كىشى دېگۈدەك ئىستىمال قىلىشقا ئامراق، بولۇپمۇ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىكى مېھمان كۈتۈشلەردە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا چېپىت نان داستىخانغا گۆش-پولۇ ۋە شورپىلىق سۇيۇق ئاشلار بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مېھمانلارنىڭ گۆش ۋە پولونى چېپىت نانغا ئوراپ يىيىشكە قولايلىق يارىتىش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇنداقتا گۆش-پولو ۋە چېپىت نېنى تېخىمۇ يىيىشلىك ھەم مەززىلىك بۇلىدۇ. ئادەتتە بىر قىسىم ئۆت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى بولغانلىقتىن پولو ۋە قوي گۆشى يىيىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلارمۇ بۇ خىل ئەندىشىدىن خالىي بولالايدۇ. چۈنكى پولو ۋە گۆشتىكى ماينى چېپىت نېنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، يەنە مېھمانلارنىڭ گۆش-پولونى چېپىت نانغا ئوراپ «زەللە» قىلىۋېلىشىغا قۇلايلىق بولىدۇ.

كەلپىن ناھىيەسى دە چېپىت ناننىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، قايسى يىللاردا، كىم تەرىپىدىن ئىجاد بولغانلىقىغا ئائىت ھازىرغىچە ئېنىق تارىخىي ماتېرىيال بولمىسىمۇ، پىشقەدەملەرنىڭ دىيىشىچە كەم دېگەندە 2 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. مەيلى ئاچارچىلىقتا ئۆتكەن كونا جەمئىيەتتە بولسۇن، ياكى ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ھازىرقى مەزگىللەردە بولسۇن، كىشىلەر چېپىت نېنىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ كەلگەن. چېپىت نېنىنىڭ ئىجات قىلىنىشى ھەققىدە كىشىلەر ئارىسىدا ھەر خىل پەرەز، قاراشلار تارقالماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولغىنىنى مۇنداق ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ. بىرى، كەلپىن ناھىيەسى نىڭ ناھىيەسىگەزلىك يېزىسى چېپىت ناننىڭ ئەسلى ماكانى بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ. ئۇزۇندىن بۇيان، كىشىلەر ئەڭ ئالىي يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىدا قوي گۆشىنى سۇدا پىشۇرۇپ يىيىشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. بۇ جەرياندىكى نەچچە يۈز يىللىق ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش جەريانىدا گۆش يىيىشكە قۇلاي بولىدىغان چېپىت نېنى ئىجاد قىلىنغان. يەنە بىرى كەلپىن ناھىيىسىدىكى ئويغۇر، قىرغىز قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقى باشقا جايلاردىكى خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۇزۇندىن بۇيان ئادەتتىكى بۇغداي نېنى، قۇناق نېنى، مايلىق نان، سۈت نان، كۆمەچ نان قاتارلىقلارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىپ كەلگەن. بۇ خىل نانلارنى پىشۇرۇشقا ئادەتتە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتى كېتىدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە بىر كۈنى بىر توپ مۇساپىر كەلپىننىڭ مەلۇم بىر كەنتىگە كېلىپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشنى، ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنگەن. ئاق كۆڭۈل كەلپىن خەلقى بۇ مۇساپىرلارنىڭ چىرايىدىكى بىچارىلىك، ئاچلىقنى كۆرۈپ ھەممە ئائىلە نان يېقىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىش دولقۇنىنى قوزغىغان. مۇشۇ جەرياندا بىر كىشى نانلارنى تېز پىشۇرۇش، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن تىز پىشىدىغان چېپىت نېنىنى كەشپ قىلىپ، تېز نان پىشۇرۇش بويىچە مۆجىزە ياراتقان. شۇنىڭدىن تارتىپ چېپىت نېنى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

تونۇر، ئوتۇن، نان تېشى، پۇزا، رىپتە، يەڭلىك، سۇپۇرا، تۇز ئېكىدىغان پىپەك

تونۇر-تونۇر خام كېسەكتىن ياسىلىدۇ. ئىچىكى قىسمىنىڭ دىيامىتىرى 120 سانتىمىتىردىن 1 مىتىرغىچە، ئۈستۈنكى ئېغىزى 60-70 سانتىمىتىرغىچە بولىدۇ. ئىچى شور بىلەن شورلىنىپ تەييارلىنىدۇ. 

ئوتۇن-تونۇرنى قىزدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە چاپىتا يېقىش ئۈچۈن ئۈرۈك ئوتۇنى ئاساس قىلىنىدۇ.

نان تېشى–چاپىتىنى راسلاشقا (كەڭرىىتشكە)ئىشلىتىلىدۇ. دىئامىتىرى 55-60 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولۇپ يۈزى سىلىق تاشتىن تەييارلىنىدۇ. جەمئىيەت تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك نان تاشلىرى مەيدانغا كەلدى. بۇلار گەرچە ياغاچ سۇلاۋلاردىن ياسالغان بولسىمۇ يەنىلا نان تېشى دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.

پۇزا–پۇزا چاپىتىنى كەڭرىتىشكە (نىپىزلىتىش) ئىشلىتىلىدۇ . ئۈرۈك ياكى ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ.

رىپتە-كەلپىن چاپىتىنىسىنى يېقىش ئۈچۈن مەخسۈس ئىشلىتىلىدۇ. دىيامىتىرى 50 –55 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ.

يەڭلىك–نان يېقشتا قولىنىڭ كۆيۈپ، مەينەت بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سۇپۇرا–چاپىتا يېقشتا نان تېشى، ئۇن قاتارلىق چاپىتا يېقىشقا كېتىدىغان بارلىق خام ماتىرىياللارنى قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

پىپەك–تونۇر قىزىپ تاۋلانغاندىن كېيىن تونۇرغا تۇز چېچىشقا ئىشلىتىدۇ. پىپەككە ئاساسەن قومۇش پىپىكى ئىشلىتىلىدۇ.

چېپىت ناننى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇش جەريانى بىر قەدەر ئاددىي ۋە ئىنچىكە بولۇپ، ئالدى بىلەن سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى يۇغۇرۇلۇپ ئۆلچەملىك خېمىر تەييارلىنىدۇ. ئادەتتە تەخمىنەن 200 گىرام خېمىر بىلەن بىر چېپىت نان پىشىپ چىقىدۇ. ئۆلچەملىك پىشۇرۇپ تەييارلانغان بىر چېپىت ناننىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە 40 __ 50 سانتېمېتىر بولىدۇ. بولۇپمۇ تونۇردىن يېڭى سۇيۇۋېلىنغان چېپىت نان ھەم يۇمشاق ھەم پۇراقلىق بولۇپ ئىنتايىن يىيىشلىك بۇلىدۇ. ئاياللار ئادەتتە يېڭى پىشۇرۇلغان ئىسسىق چېپىت نانلارنى مەلۇم ۋاقىت شامالدىتىپ سوۋۇتقاندىن كېيىن داستىخانلارغا ئوراپ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان سالقىن جايلارغا قويۇپ ساقلايدۇ. بۇنداق قىلغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت سۈپەتلىك ساقلاپ يىگىلى بولىدۇ. كەلپىن چېپىت نېنى ئادەتتە ئەل ئىچى ھۈنەرۋەنلەر مەخسۇس تىكىپ تەييارلىغان رۇپتە بىلەن ئوتۇندا قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىلىپ پىشۇرۇلىدۇ، يەنى ئالدى بىلەن خېمىر مەخسۇس ياسالغان تاختىغا قويۇلۇپ مەخسۇس ياسالغان كىچىك نوغۇچ، پۇزا بىلەن يىيىتىلىپ نېپىز، يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ناۋايلار تونۇرغا چاپلاپ پىشۇرىدۇ. ئادەتتە بىر مىنوت ئىچىدىلا پىشىپ بولىدۇ.

خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ۋە بازارلارنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ناھىيە بازىرىدا بىر قانچە يەردە مەخسۇس چېپىت نېنى يېقىپ ساتقۇچى ناۋايلار بارلىققا كەلگەن. چېپىت نېنى ئىلگىرىكى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلاردا ئىستىمال قىلىنىشتىن ھازىر ئادەتتىكى چاغلاردا ئۆيلەرگە مېھمان كەلسىلا ئىستىمال قىلىنىدىغان بولغان. ئىگىلىنىشىچە، كەلپىننىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە نان مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلدىن بۇيان بۇ ناھىيىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار ئاقسۇ شەھىرى دە مەخسۇس ناۋايخانا ئېچىپ چېپىت نېنىنى بازارغا سېلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى