يېمەك-ئىچمەك

تېرىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە.

جاڭگال كاۋاپلىرىئۇيغۇر تائاملىرى تارىخى ئۇزۇن، ھۈنەر-سەنئىتى يۇقىرى، تەملىك، رەڭدار بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت گۈلزارلىقىدىكى چاقناپ تۇرغان گۈل، شۇنداقلا ئىنسانلار يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدۇر. 

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى ئەنە شۇ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بۇ خىل جاڭگال كاۋاپلىرى زىخلىق كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋاپ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، تېرىملىقلار مېھمان كۈتكەندە بۇ خىل كاۋاپلارنى پىشۇرۇپ، ئالاھىدە يېمەكلىك ئورنىدا دەستىخانغا قويىدۇ. 

 تېرىم جاڭگال كاۋاپلىرىنىڭ زىخلىق كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋاپ قاتارلىق تۈرلىرى بار.

جاڭگال كاۋاپلىرىبۇ خىل جاڭگال كاۋاپلىرى ئاساسەن يەرلىك ئەركەك پاقلان، ئەركەك ئوغلاق گۆشىدىن ئېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇغداي ئۇنى، تۇخۇم، ئاقمۇچ، قارامۇچ، زىرە، پىياز، تۇز قاتارلىقلار قوشۇمچە خام ئەشىيا قىلىنىپ، باشقا ھېچقانداق تېتىتقۇ ئىشلىتىلمەي، جاڭگالدا ئۆسكەن قۇرۇق يۇلغۇن، توغراق دەرىخىنىڭ ئوتۇنىنى قالاپ چوغ چۈشۈرۈلۈپ، قىيما كاۋاپ، زىخلىق كاۋاپلار كاۋاپداندا، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن كاۋاپلار شور تونۇردا دۈملەپ پىشۇرىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كاۋاپلار «جاڭگال كاۋاپ» دەپ ئاتالغان. 

جاڭگال كاۋاپلىرىنىڭ تەمى تاتلىق، خۇش-پۇراقلىق ھەم يىيىشلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىققا مائىل بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولغاندىن باشقا يەنە بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېرىملىقلار ئوۋ ئوۋلىغاندا، ئولجىلارنى جاڭگالدا ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشتەك ئەنئەنىۋى ئادىتىنىمۇ ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە. 

جاڭگال كاۋاپلىرىھازىر تېرىملىقلارنىڭ بۇ خىلدىكى جاڭگال كاۋاپلىرى «داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايونى»دىكى يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا. شۇڭا، تېرىم يېزىسىدىكى يىمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان دېھقان تىجارەتچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل كاۋاپچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ، «داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايونى» يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە خىلمۇ-خىل جاڭگال كاۋاپلىرىنى پىشۇرۇپ سېتىپ، ئائىلە ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى