يېمەك-ئىچمەك

كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسى

كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسى ئاق ئۇن، ماي، قوۋۇرغا گۆش، غولپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى خام-ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان قورۇما بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە، قۇۋۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ھورنان تەييالاشتا

ئاساسلىق ماتىرىيال: ئاق ئۇن؛

قوشۇمچە ماتېرىيال: يېمەكلىك خېمىر ئېچىتقۇسى، سودا، ئىلمان سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

قورۇما تەييارلاشتا 

ئاساسلىق ماتېرىيال: قوي گۆشى قوۋۇرغىسى 500 گىرام؛ 

قوشۇمچە ماتېرىيال: ماي، كۆك-قىزىلمۇچ بىر تالدىن، غولپىياز بىر تال، سامساق، زەنجىۋىل چانالمىللىرى، كېسىلگەن قىزىلمۇچ قېقى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەم خۇرۇچلار: تۇز، تېتىتقۇ، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن تالقىنى، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق مىقداردا. 

كىچىك ھورنان تەييارلاش 

كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسىجاۋۇرغا 2 پىيالە ئۇن ئېلىپ بىر چېتىنى ئېچىپ بولدۇرغۇچ <ئېچىتقۇ> سېلىپ ئىلمان سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ يۆگەپ قۇيۇلىدۇ؛ خېمىر بولدۇرۇلۇپ بولغاندا، يۈزىنى تەكشى ئېچىپ، پىيالىگە مۇۋاپىق سۇدا ئېلىپ قايناق سۇدا ئېرىتىپ، خېمىر يۈزىگە سېپىپ مىجىقلاپ سۇدانى تەكشى سىڭدۈرۈپ بولغاندا، ياڭاق چوڭلىقىدا زۇۋلا ئۈزۈپ، نېپىز ئېچىپ قات چىقىرىپ يۆگەپ قاسقانغا تىزىپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۇلىدۇ، پىشقاندىن كېيىن قاسقاندىن ئالسىلا كىچىك قاتلىق ھورنان تەييار بولىدۇ؛

قورۇما تەييارلاش

1. ئالدى بىلەن قوينىڭ قوۋۇرغىسىنى بىر تالدىن ئايرىپ، 3-4 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاناپ قازانغا سۇ ئېسىپ تۇز سېلىپ قوۋرۇغا گۆشىنى سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالىمىز؛ 

2. كۆك-قىزىلمۇچ نى قوۋرۇغا گۆشكە ماس ھالدا توغرىلىدۇ، غولپىيازنى قىيپاچ قىلىپ ئۇزۇنراق توغرىلىدۇ، سامساق، زەنجىۋىل چانىلىدۇ.

3. قازانغا ئاز ماي قۇيۇپ قىزىغاندا، كېسىلگەن قىزىلمۇچ قېقى، سامساق، زەنجىۋىل چانالمىسى، غولپىياز قاتارلىقلار سېلىپ قورۇپ، ئارقىدىن پىشۇرۇلغان قوۋۇرغىنى سېلىپ قورۇلىدۇ؛

4. تۇز، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن تالقىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۆك-قىزىلمۇچلارنى سېلىپ قورۇلىدۇ، ئارقىدىن يېرىم چۈمۈچ شورپا قۇيۇپ، تېتىتقۇ، ئاچچىقسۇ بېرىپ تەمىنى تەڭشەپ، تەييارلىۋالغان كىچىك قاتلىق ھورنانلارنى تەخسە چۆرىسىگە چىرايلىق تىزىپ، ئوتتۇرىغا قورۇمىنى ئۇسۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىچىك ھورنانلىق قوي قوۋۇرغىسى تەييار بولىدۇ.


ئىزدە قامۇسىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى