تەرمىلەر

سىڭگىم مىڭئۆي

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

سىڭگىم مىڭئۆيى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ سىڭگىم جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، جەنۇب تەرىپىنىڭ ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ خارابە يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى مۇرتۇق ئېغىزىنىڭ شەرقىي يېنىدىكى ئۈزۈك يار ۋە تەكشى تۆپىلىك ئۈستىگە تارقىلىپ ، جەنۇبتىن شىمالغا ئىككى كىلومېتىر سوزۇلغان ، ئىچىدە بەش ساڭرام خارابىسى بار . ساڭراملارنىڭ قەسىرلىرى ھەيۋەتلىك ، ھويلا – ئاراملىرى مۇكەممەل بولۇپ ، جايلىشىشىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . تار مەنىدىكى سىڭىم مىڭئۆيى خارابىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇستەقىل ئىككى تاش غار ساڭرامىدىن تەركىب تاپقان . شىمال تەرىپىدىسىنىڭ بىنا قىلىنىشى بۇرۇنراق ، 3-نومۇرلۇق غار مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك شەكىلدىكى ئاساسلىق غار ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئالدى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تېمىغا بىر پارچە چوڭ تىپتىكى نوم ھېكايىلىرى رەسىمى سىزىلغان . رەسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ، سىزىلىش ئۇسلۇبىنى ۋە تېمىسىنى تەھلىل قىلىشتا قارىغاندا ، تاڭ دەۋرىگە خاس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ ؛ ئىككى ياندىكى 2-،4-نومۇرلۇق ئۇزۇنچاق چاسا شەكىلدىكى ئەگمە تورۇسلۇق غارلاردا پېلەك تارتىپ مېۋە باغلىغان ئۈزۈم بارىڭى ، باراقسان دەرەخلىك ، قانىتىنى يىغىپ ئۆزىنى دەرەخلىككە ئاتقان قۇش قاتارلىقلار رېئال تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن . تەخمىنەن 11-ئەسىردە بىنا قىلىنغان جەنۇب تەرەپتىكى بىر غاردا تام رەسىملىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا ، بۇ ئەسەرلەر ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە تەۋە ئىكەن .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى