يېمەك-ئىچمەك

سىياداننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە

بۇ كۆپۈنچىمىزگە تونۇشلۇق بولغان سىيادان ئۆسۈملېكىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندۈلۈك يېمەكلىكى نانغا ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇچلاردىن بولۇپ يېزا-سەھرا ئائىلىلىرىدە داۋاملىق ساقلايدىغان زىرە، قارمۇچ، كۈنجۈت قاتارىدىكى مۇھىم دورا-دەرمەك، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ بىرسىدۇر. سىياداننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ بۇنى ئادەتتە يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قاتارىدا ئىستىمال قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى ناننىڭ يۈزىگە سېپىپ پۇشۇرۇپ يېيىشتۇر. بۇنىڭدا سىياداننىڭ ئاچچىق تەمى مېزىلىك، خۇشپۇراققا ئۆزگىرەيدۇ. سىيادان دېگەن سۆز پارىسچە بولۇپ ، ئۇيغۇرچە «قارا ئۇرۇق ياكى قارا دان» دېگەنلىك بولىدۇ.

سىياداننىڭ شىپالىق رولى
ئەرەبچە نامى: ھەببەتۇسسەۋدا،شۇنىز
پارسچە نامى : شۇنىز،سىيادانە
ئوردۇچە نامى : كولۇنجى
لاتىنچە نامى: Semen Nigellae
ئېنگىلىزچە نامى : Seed of Fennel flover
خەنزۇچە نامى : 黑种草子hei zhong cao zi
تەمى: تەمى ئاچچىق، خۇشپۇراق كېلىدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسيىتى:
تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھەيز راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، پەيلەرنى چىڭىتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش، سۈت پەيدا قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، چاچنى قارايتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
خاس تەسىرى : تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
ئەكىس تەسىرى : ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ۋە بۆرەككە زىيان قىلىدۇ
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ئىشلەتكەندە، سىركىگە چىلاپ ئىشلىتىش كېرەك.
2. بۆرەككە زىيانلىق بولۇپ، كەتىرا قوشۇپ بېرىلسە، بۆرەككە بولغان زىيانلىق تەسىرى ئازىيىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە يەككە ھالەتتە ياكە مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇلۇپ قورساق ئېسىلىش، زۇكام، قولۇنجى، سۇلۇق ئىششىق، ھەيز تۇتۇلۇش، پەي بوشاپ كېتىش، مېڭە ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىق، پالەچ، تىترىمە كېسەل، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، بەرەس قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
سىيادان يەنە سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە، كۆكرەك ئاغرىقى، نەپەس سىقىلىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، تال، جىگەر كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ،
سىياداننى كۆيدۈرۈپ ئۆينى ئىسلىسا، ھەرخىل زىيانلىق ھاشارەتلەر قاچىدۇ.
سىياداننى ھۆل پېتى پۇراپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سىيادان ئۈچەيدىكى تۈرلۈك قۇرۇتلارنى چۈشۈرىدۇ.
سىياداننى دائىم نانغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

پايدىلانغان كىتاب: ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى