ساغلاملىق

ئاچچىقلىنىشتىن كېرىلىشكىچە …

ئاچچىقلىنىش ۋە ئىشتەي

ئاچچىقلىنىشتىن كېرىلىشكىچە … (5) بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تېببى ئۇچۇرلار
پىسخولۇگلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە پوستىلىقدا نۇرغۇنلىغان قوزغاتقۇچى نېرىپلا بولۇپ، ئادەتتە، ھەممىسى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدىكەن، ئەمما، نورمالسىزلىق يۈز بەرگەندە بولسا بىرقىسىم قوزغاتقۇچى نېرىپلا جىددىيلىشىپ، بىرقىسىم نېرىپلار تورمۇزلىنىدىكەن. شۇڭلاشقا ئادەم ئاچچىقلانغاندا، بىرقىسىم نېرىپلار جىددىيلىشىپ ئىشتەينى تۇتۇۋالدىكەن، نەتىجىدە، ئادەمنىڭ تاماق يىگۈسى كەلمەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولۇپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالىدىكەن.

 

تاماقتىن كېيىن يۇيۇنماڭ

ئاچچىقلىنىشتىن كېرىلىشكىچە … (5) بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تېببى ئۇچۇرلار
بەزىلەر تاماق يەپ بولۇپ يۇيۇنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا گەرچە ناھايىتى راھەت ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ، چۈنكى، تاماقتىن كېيىن ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى كۆپ مىقداردا قانغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، باشقا سېستىمىلارنىڭ قان مىقدارى ماس ھالدا ئازلاپ كېتىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا يۇيۇنغاندا، تېرە ئاستى تومۇرلىرى كېڭىيىپ، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى قان مىقدارى كېڭىيىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارسا، ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېرىلشكە سەل قارىماڭ

ئاچچىقلىنىشتىن كېرىلىشكىچە … (5) بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تېببى ئۇچۇرلار
ئادەم چارچاپ كەتكەندە، شۇنداق بىر كېرىلىپ قويسا بەكمۇ ھۇزۇرلىنىدۇ، بولۇپمۇ شىرەگە ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلدىغان كىشلەرگە نىسبەتەن بىرخىل ئىنتايىن پايدىلىق تەنھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. قان ئايلىنشنىڭ ياخشى-يامانلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، بەدەن ئۇزۇن مۇددەت دەم ئېلىش ھالىتىدە تۇرغاندا، مۇسكۇل تۇقۇلمىللىرىدىكى كۆك قان تومۇر بوشىشىدۇ، كېڭىيىدۇ، ئەمما كۆپلىگەن قانلار تىنىپ قېلىپ ئايلىنىۋاتقان قاننىڭ سىغىنچانلىقى كېمىيىدۇ، شۇنداق بىر كېرىلدىغان بولسا قان ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ، كېرەكسىز ماددىلارنى ئېلىپ كېتىپ، چارچاشنى يوقىتىدۇ.

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى