ساغلاملىق

كالىي ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە

كالىي ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە
ئىلمىنت بەلگىسى : K
تۈرى ماكرو ئىلمىنت
قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش : كالىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35تىن%0.2 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇ مۇسكۇل ، نىرۋا ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ سۆڭەك مۇسكۇلى ، نىرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىچ مۇناسۋىتى زىچ ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مېنىرال ماددىدۇر .
ئاساسلىق رولى : يۈرەك مۇسكۇلى نورمالسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نورمال فۇنكىسسىيىسىنى ساقلاپ ، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش ، ، يۈرەك ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۇسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال سۇ مىقدارىنى ساقلايدۇ ، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تۆۋەنلىتىدۇ ، نورمال قان بېسىمىنى ساقلايدۇ .
ناترىي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ .
ئورگانىزىمدا پەيدا بولغان لەختىلەرنى تازىلايدۇ .
مېڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

يىتىشمەسلىك ئالامەتلىرى :
مۇسكۇللار كۈچسىز بولىدۇ ، قۇسىدۇ ، بەدەن ئىششىيدۇ ، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ ، نېرۋا مۇسكۇللىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ ، ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ .
تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك كىشىلەر توپى :
سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقانلار : سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بەدەندىكى كالىينى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدىغانلىقتىن ،
ئاسانلا ئېلىكترولىت تەڭپۇڭسىزلىق ھادىسىسى كۆرۈلۈپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاندا كالىي كەملىك پەيدا بولىدۇ ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر كالىي تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىشى زۆرۈر .
دائىم ئەمگەك قىلىدىغانلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر : ئەمگەك مىقدارى كۆپ بولغاندا بەدەندىن كۆپلەپ تەر چىقىپ ، كالىيمۇ بىللە ئېقىپ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقتىن ، بۇنداق كىشىلەر كالىي تۇلۇقلاپ ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشى زۆرۈر .
تۇز ئىستىمال قىلىش مىقدارى يۇقىرى كىشىلەر : تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىيدىن ئىبارەت . بەدەنگە كۆپ مىقداردا ناترىي قۇبۇل قىلىنسا سالامەتلىك جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ . شۇنداقلا كالينىڭ شۈمۈرۈلىشىگىمۇ تۇسقۇنلۇق قىلىدۇ ، بۇ چاغدا تېخىمۇ كۆپ كالىي تۇلۇقلاپ ، بەدەندىكى سۇ ۋە كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقنى ساقلىشى زۆرۈر بولىدۇ ، كالىي ئۇشۇقچە تۇز ( ناترىي)نىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىگە ياردەم بىرىدۇ .
دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار :
دائىم ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇقلۇقنى قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي ھالدا چىكىنىپ كېتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپرت ئادەم بەدىنىنىڭ كالىينى قۇبۇل قىلىش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ ، بەدەندىكى كالىي مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ-دە ئاسانلا كالىي يېتىشمەسلىك كىسلى پەيدا بولىدۇ ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر كالىينى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلىشى، تۇلۇقلىشى زۈرۈر .
ئاسان چارچايدىغان كىشىلەر : مۇۋاپىق مىقداردا كالىي تۇلۇقلىسا ئادەمنىڭ زىھنى كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، چارچاش ، ماغدۇرسىزلىق تۇيغۇسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلشقا ئامراق كىشىلەر : ساغلام ئادەمنىڭ بەدەن سۇيۇقلىقى ئاجىز ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ .
لېكىن شىكەرنى ئاساس قىلىدىغان تاتلىق يېمەكلىكلەر كۆپىنچە كىسلاتالىق
خۇسۇسىيەتكە ئىگە ،شۇڭا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى كىسلاتالىققا مايىل بولىدۇ . بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا سالامەتلىك جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
بۇ چاغدا كىسلاتا – ئىشقارلىق قىممىتىنى نىيتراللاش ئۈچۈن ، بەدەن ئۆزلۈكىدىن ئىشقارلىق ماددىلار ، مەسىلەن كالىي، ناترىي ، كالتسىي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ نېيتراللاش ئېلىپ بارىدۇ ، ھالبۇكى بەدەندىكى كالىي ، كالتىسي ، ناترىيلارنىڭ مىقدارىنىڭ يىتەرسىز بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تۇلۇقلاپ بەدەندىكى كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش زۈرۈر بولىدۇ .
ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبئوتىك دورىلارنى ئىستىمال قىلغانلار : ئانتىبىئوتىك دورىلار ئادەم بەدىنىنىڭ كالىينى چىقىرىپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقتىن ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك دورا ئىستىمال قىلغانلار تەركىبىدە كالىي مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم .

يېمەكلىكلەردىن كىلىش مەنبەسى : بارلىق دانلىق ئاشلىق ، گۆش ، تۇخۇم، تۇلۇق قايماقلىق سۈت ، ھەر خىل كۆكتاتلار ، مىۋە – چىۋىلەر ، (بولۇپمۇ بانان) ، بەرەنگى تۈرىدىكىلەر ۋە پۈتۈن بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەردۇر.
مىقدارى ئېشىپ كىتىش ئالامەتلىرى :
يۇقىرىي كالىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئادەم بەدىنىنىڭ زەئىپ ، تۇيغۇسى غەيرىي بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك رىتىمى جىددىي قالايمىقانلىشىش ، ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق كەمتۈك بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ .

ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
كالىي تۇلۇقلىغاندا ئۇنىڭ ناترىي بىلەن بولغان تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك ، بولمىسا نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ فۇنكىسسىيىسىگە زىيان يېتىدۇ ،
كالىي سۇدا ئېرىيدىغان مىنىرال ماددا بولۇپ تاماق تەييارلاش ياكى سۇغا چىلاش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرايدۇ ، شۇڭا قىزىتىلمىغان ، پىشۇرۇلمىغان كۆكتاتلار، مىۋە – چىۋىلەر كالىيغا ئىرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ، ئەڭ بىخەتەر يول ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئۇلارنى پىشۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە ئاش تۇزى تەركىبىدىكى كالىي خلورىد قايناۋاتقان سۇدا ئېرىيدۇ- دە ، كالىينىڭ تاماق پىشۇرۇش داۋامىدا زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
كۈندىلىك ئىستىمال قىلىش مىقدارى :
بوۋاقلار : 1000~500 (بىرلىكى مىللىگرام)
Mg
كىچىك بالىلار: 2000~1600 مىللىگرام.
بالىلار : 2000~1600 مىللىگرام .
ياش –ئۆسمۈرلەر : 2000~1600 مىللىگرام .
قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللار : 2000مىللىگرام .
قۇرامىغا يەتكەن قىزلار: 2000مىللىگرام .
ھامىلدار ئاياللار : 2000 مىللىگرام .
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار : 2000 مىللىگرام .

تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
مەنبە : ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى