ساغلاملىق

جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدىغان پەيتلەر

تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ جىنسىي ئالاقىنى ئازايتىشى ياكى جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىشى لازىم.
جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدىغان پەيتلەر
1-ئېغىر كېسەل بولۇپ ساقىيىپ، تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئادەتتە ھەرخىل كېسەل مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى ساقنىڭ جىنسىي تەلىپى قانغان بىلەن كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن يېنىك بولغانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى كېرەك. كېسەللەرنىڭ تۇرلىرىمۇ ناھايتى كۆپ، كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى بۇ ھەقتە دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.
2-زىيادە ھېرىپ-چارچىغاندا،مەست ۋاقىتىدا ياكى روھىي كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ،ئەرلەر زىيادە ھاراق ئېچىپ مەسىت بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىدا غەيرىلىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ ھامىلدار بولۇپ قالسا ئۇنداق ھامىلىنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ غەلىتە تۆرەلمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
3-ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار كىسلاتا خاراكتېرلىك بولۇپ،سىرىتتىن كىرگەن مىكروبلارنى ئۆلتۇرەلەيدۇ.لېكىن ھەيىز مەزگىلىدىكى جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار قان بىلەن نېيتراللىشىپ ئىشقارلىق خۇسۇسىيتىگە ئۆزگىرىدۇ-دە، مىكروبلار ناھايىتى ياخشى ئۆسەلەيدۇ.ھەيىز مەزگىلىدە بالىياتقۇ دىۋارلىرى ئاجراپ بالىياتقۇ ئىچى زەخمىلىنىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى ناھايىتى كىچىك دەرىجىدە ئېچىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا مىكروب كېرىپ جىنسىي ئەزالاردا ياللۇغلىنىشپ پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇرۇن سۇزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى بولسا ھەيىز مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ياللۇغلىنىشنىڭ جىددى غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە قېلىنلىغان جىنسىي ئالاقە ھەيز ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ. قان كۆپ كېتىدۇ. ياكى ئاياللاردىكى بىئاراملىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.
4-ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۇچ ئېيى ۋە ئەڭ ئارخىرقى ئۇچ ئېيى ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشتا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە بالا ھەمراھى بالىياتقۇ ئىچىدە تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولۇپ بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ (بالىياتقۇ قىسقىرىپ)نەتىجىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىش ناھايىتى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى ياكى بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشنى، بالىياتقۇنىڭ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى مەزگىلدە ، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ جىنسىي ئالاقە چەكلىك بولۇشى، ھەرىكەت سىلىق-سىپايىرەك بولۇشى زىيادە قوپال،قاتتىق، قارام ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش،ئايالنىڭ ئۇستىدىن قورسىقىنى زىيادە بەك بېسىۋالماسلىق لازىم.
5-تۇغۇتتىن كېيىن تاكى بالىياتقۇ ئۆز ئەسىلى ئورنىغا،ھالىتىگە كېلىپ بۇلۇشتىن بۇرۇن (تەخمىنەن 40كۈن) جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا جىنسىي ئەزالاردا ئاسانلا ياللۇغلىنىش ،بالىياتقۇ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى يېرىق،جىنسىي يولىدىكى زەخمىلىنىشلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساقىيشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىشى،تەسىر يەتكۇزىشى مۇمكىن.
6-ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇزۇكى سالدۇرغان ياكى ئالدۇرۋەتكەن ۋاقىتتا ۋە ئەرلەر ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاياللار تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىنى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى