ساغلاملىق

جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى

جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

قورامىغا يەتكەن، ئوتتۇرا ياشتىكېلەرنىڭ ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن ئەھۋالدا جىنسىي ھەۋەسنىڭ ناچارلىقى ياكى يوقاپ كېتىشى قاتارلىق نۇرمالسىز ھالەتلەر جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى دېيلىدۇ. بۇ خىلدىكى كېسەللەر ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئۆزىدە ھېچقانداق جىنسىي ئارزۇنىڭ يوقلۇقى ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىتا ھېچقانداق ھەۋەسنىڭ يوقلىقىدىن زارلىنىدۇ. پەقەت خوتۇنى تەلەپ قىلسا ئاندىن تەستىرەك جىنسىي ئالاقە قىلالايدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشىشى ئارقىسىدا بىر يۈرۈش شەرتلىك ۋە شەرتسىز رېفلېكىسلار، ھەرىكەت، قان ئايلىنىش، نەپەسلىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سىستېمىلارنىڭ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە تاماملىنىدۇ. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1-جىسمانىي كۈچ ئامىلى: جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق چارچاش، ياكى ھەر خىل سوزۇلما كېسەللەردىن جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىزلاش يۈز بەرگەنلەردە جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
2.زېھنى كۈچ ئامىلى: بۇ ئاساسەن ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ھەددىدىن زىيادە چارچاش، جىددىيلىشىش نەتىجىسىدە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جىنسىي مەركەزگە ئوخشاش نۇقتىلىرىدا تىزگىنلىنىش يۈز بىرىدۇ. بۇنىڭدىن جىنسىي ھەۋەسنىڭ يوقىلىشى ياكى ئاجىزلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ.
3. پىسخىك ئامىل:بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولۇپ ، تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1) ھەددىدىن زىيادە غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم، غەزەبلىنىش، قورقۇش قاتارلىقلار…
(2) ئايالىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىدە بولىشى، يەنى ئۆز ئىرىگە قوپال مۇئامىلدە بولۇش ياكى خوتۇنى بىر مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىماسلىق پوزىتسىيسىدە بولۇش ياكى مەنى مەنى چىقىرىلغاندىن كېيىنكى «پاسكىنچىلىق »نى يامان كۆرۈش،،،،،،،
4. سوغۇقلۇق ياكى ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان خىزمىتى زەئىپلەشكەندە مەنى ئازلايدۇ دە شەھۋەتمۇ سۇسلاپ زەكرنىڭ قېتىشى ئاستا ۋە بوشراق بولىدۇ.
……………………
سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. پىسخىك جەھەتتە مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ئەر-خوتۇن ئۆز ئارا ئازادە، خۇشال موھىت بەرپا قىلىپ روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك!
بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەندەك بىرەر ئەھمىيەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇرۇش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ نېرىپ-توقۇلمىلارنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، كەيپىياتنى ياخشىلاپ پىسخىك بېسىملارنى يەڭگىللىتىش دېگەندەك مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىشى مۇمكىن.
جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش جىسمانىي جەھەتتىكى قۇۋۋەتسىزلىك، مەنى ئازلاپ كېتىش، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش دېگەنلەر سەۋەبىدىن بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى، بۆرەك ئۇرۇقدان خىزمىتىنى ياخشىلاپ جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا:
1. مەجۈنى سۆئىلەپ
2. لۇبۇبى كەبىر
3. داۋائىل مىشكى
4.ماددىتىل ھايات
5.جاۋارىش زەرئۇنىي
قاتارلىقلاردىن مىزاجىغا مۇناسىپلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئوزۇقلىنىش جەھەتتە جېگدە چېچىگى ھەسىلى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، قۇچقاچ ، كەپتەر كاۋاپلىرى، پاقلان، بېلىق گۆشلىرىدە تەييارلانغان كاۋاپ، شورپا، قورىما دېگەندەك غىزالار، ھەر خىل مېغىز، نوقۇت، سەۋزە ئۇرۇقى دېگەندەك ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىدا تەييارلانغان تالقانلارمۇ قۇۋۋەت ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
دوۋسۇن، بەل-بۆرەك ساھەسىنى ئىسسىقلىق مايلار بىلەن مايلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
بۇ ئاياللارغىمۇ ئورتاقتۇر.

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى