ساغلاملىق

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

يېقىندا شېنجېن شەھەرلىك ئىستىمالچىلار كومىتېتى جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ ھەرخىل تىپتىكى بەرەڭگە ياپراقچىلىرىنى سېلىشتۇرۇش تەجرىبە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن 15 ماركا ئىچىدە، ھەر قانداق ماركىدىكى بەرەڭگە ياپراقچىسىدا A2 تىپلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئاكرىلامىد (丙烯酰胺 ) تەكشۈرۈپ چىقىلغان بولۇپ، ئەگەر خەلقئارالىق ئىستېمالچىلار بىرلەشمىسى (ICRT) تەۋسىيە قىلغان ئاساسىي سەۋىيە 750μg/kg غا قارىغاندا، 15 نۇسخىنىڭ ئىچىدە 8 خىلى بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈچ ماركىدىكى بەرەڭگە ياپراقچىسىنىڭ ئاكرىلامىد مىقدارى 2000μg/kg دىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم يەيدىغان، بولۇپمۇ ئۆيدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى دائىم ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر خىل ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك، ئەجەبا ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بارمۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن بەرەڭگە ياپراقچىسى يەنە يىگىلى بولامدۇ؟ قانداق قىلغاندا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇنداق راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بۇ گۇمانلارنى يېشىش ئۈچۈن بۈگۈن كۆپچلىك بىلەن بىرلىكتە بۇ جەھەتتىكى ئالاقىدار بىلىملەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز:

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

ئاكرىلامىد دېگەن نېمە؟ ئاكرىلامىدتىن ئىبارەت بۇ ماددا بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرگە ئاڭلىماققا ناتۇنۇش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ھەممە يەردە مەۋجۇت. نۇرغۇن ئادەملەر يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ، مەسىلەن: مايدا پىشۇرۇلغان بولكىلار، قاقلانغان قەھۋە پۇرچىقى ئېزىلگەن قەھۋە، مېزىلىك كاۋاپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاكرىلامىد دېيىلسە، يۇقىرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە بار، ئۇنداقتا ئاكرىلامىد زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا، يېمەكلىكنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خۇشپۇراق چىقىرىدۇ، ئەگەر يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدىكى ماددىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ھەممىسى بىر خىل داڭلىق خىمىيىلىك رېئاكسىيە- مىراد رېئاكسىيىسىنىڭ(美拉德反应) يۈز بەرگەنلىكىدىن بولىدۇ، مىراد رېئاكسىيىسىنىڭ يۈز بېرىشى يېمەكلىكنى قوڭۇر ھالەتكە كەلتۈرۈپ، مەززىلىك پۇراق چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب.

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

شۇڭا، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يېگەن ھەر خىل يېمەكلىكلەردىن ئاكرىلامىد بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايمىز، لېكىن ئاكرىلامىد بىزنى قانداق زەھەرلەيدۇ؟ بىز يەنە ئاكرىلامىدنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىۋېلىپ بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشتىن قانداق ساقلىنىمىز؟

ئاكرىلامىدنىڭ قانداق زەھەرلىك؟
ئەگەر ساپ ئاكرىلامىد بولسا، ئۇ بىر خىل ئېنىق بولغان ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا، ئۇنىڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسى كىچىك بولغاچقا، سۇدا ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا، ئۇ تېرە، شىللىق پەردە، نەپەس يولى، ئاشقازان، ئۈچەي يولى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بەدەنگە سۈمۈرۈلىدۇ، ئادەم بەدىنى ئاكرىلامىدنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى توقۇلمىلاردا تارقىلىش ھاسىل قىلىدۇ، قاندىكى قويۇقلۇقىنى ئەڭ يۇقىرى، ئاكرىلامىدنىڭ مولېكۇلاسى بىر قەدەر كىچىك بولغاچقا، قان مېڭە توسۇقى ۋە بالا ھەمراھى توسۇقى ئۆتۈپ، بەدەندە نېرۋا زەھىرى، ئىرسىيەتتىن زەھەرلىنىش، راك پەيدا قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل زىيانلىق روللارنى ئوينايدۇ.

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئاكرىلامىدنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى نېرۋىنى زەھەرلەيدۇ، ئاكرىلامىدنىڭ نېرۋىدىكى تارقىلىشى ئومۇمىي سۈمۈرۈش مىقدارىنىڭ %0.1 ئىگە يەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى 14 كۈندىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاكرىلامىد بەدەندە يىغىلىپ، ئاسانلا نېرۋىنى زەھەرلەش رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

ئاكرىلامىدنىڭ نېرۋىنى زەھەرلەش رېئاكسىيىسى ئاساسلىقى ئۆتكۈر زەھەرلىك رېئاكسىيە ۋە سوزۇلما زەھەرلىك رېئاكسىيە دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاكرىلامىد بىلەن كۆپ مىقداردا ئۇچراشقان ئەھۋال ئاستىدا يۈز بېرىدۇ، جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئاساسلىقى كىچىك مېڭە ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ پۇت-قوللىرى ئۇيۇشۇش، پۇتى ماغدۇرسىزلىنىش، كۆز ئالمىسى تىترەش، ھەرىكەت تەڭپۇڭسىزلىقى، ئاڭ توسالغۇغا ئۇچراش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئاستا خاراكتېرلىك نېرۋىلارنىڭ زەھەرلىنىشى ئادەتتە ئاكرىلامىد بىلەن ئۇچرىشىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن يۈز بېرىدۇ، بۇ خىل ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشمۇ ئوخشاشلا جۇغلانغان مىقدارغا يەتكەندىلا ئاندىن يۈز بېرىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش ئاغرىش، مۈگدەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن، كېسەللىك جەريانى داۋاملىق تەرەققىي قىلسا، قول-پۇتلىرى كۆپ تەرلەش، تېرىسى چۈشۈپ كېتىش، پۇت-قوللىرى ئۇيۇشۇپ قېلىش، پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مەيلى جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش بولسۇن ياكى ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش بولسۇن، ئاكرىلامىدنىڭ جۇغلانغان قويۇقلۇقى 80mg/kg دىن يۇقىرى بولسا، نېرۋىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ مىقدارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزدە يېمەكلىك مەنبەلىك قوبۇل قىلىنغان ئاكرىلامىد مىقدارى يۇقىرىقى قويۇقلۇقنىڭ ئونمىڭدىن بىرىگە يەتمەيدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەك كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك نېرۋىلارنىڭ زەھەتلىنىشىنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلېكىنى پۈتۈنلەي ئويلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئاكرىلامىد راستتىنلا ئادەمگە راك پەيدا قىلامدۇ؟
ئۇنداقتا كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك قوبۇل قىلغان ئاكرىلامىد راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ئاكرىلامىد نۆۋەتتە A2 تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھايۋانات تەجىرىبىسىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، ئەمما، ئىنسانلار ئارىسىدا تېخى ئېنىق ئىسپات يوق، لېكىن ئۇلار راك پەيدا قىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك ماددىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن،

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاكرىلامىد راك پەيدا قىلىدۇ، دېگەن قاراش توغرىسىدا ھازىرچە ئىنسانلار توغرىسىدا ئېنىق تەتقىقات سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان، شۇڭا، يېمەك ـ ئىچمەكتە ئاكرىلامىد ئېلىپ كەلگەن راك پەيدا قىلىش خەۋپىگە كۆپچىلىك يەنىلا دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىشى، بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

بىز بەرەڭگە ياپراقچىسى بىلەن ھېسابلايلى، پەقەت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بەرەڭگە ياپراقچىسى بولسىلا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاكرىلامىد چوقۇم مەۋجۇت بولىدۇ، پەرقى مىقدارنىڭ كۆپ- ئازلىقىدا، مەسىلەن: ئاكرىلامىد مىقدارى تۆۋەنرەك بولغان بەرەڭگە ياپراقچىسى، مەسىلەن: 200μg/kg ۋە بىر مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بەرەڭگە ياپراقچىسى 2000μg/kg دىن بىز ھەر كۈنى قانچىلىك يېسەك ئاندىن راك پەيدا قىلىش مىقدارىغا يېتەلەيمىز؟ بىز ھەر كۈنى ئالدىنقى بەرەنگى ياپراقچىسىدىن 780 گرام ، كېيىنكى بەرەڭگە ياپراقچىسىدىن 78 گرام يېسەك راك پەيدا قىلىش مىقدارىغا يېتىمىز، ئەگەر خالتىغا ئالماشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، نورمال بولغان 50 گرامنى بىر خالتا بويىچە ھېسابلىغاندا، بىرىنچى خىلىنى 15 خالتىدىن ئارتۇق يېگەندە، ئىككىنچى خىلىنى بىر يېرىم خالتا يېگەندە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، راك پەيدا قىلىش مىقدارى دېگەنلىك ھەرگىزمۇ بىر خالتا يېرىم خالتا ئارقىلىق بەلگىلەش ئەمەس، بەلكى ئاكرىلامىد مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتسە چوقۇم راك پەيدا قىلىدۇ.

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

بەرەڭگە ياپراقچىسى راك پەيدا قىلامدۇ؟

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى