ساغلاملىق

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئوزۇقلىنىش ۋە ساغلاملىقنى ئاسراش

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

نۇرمال بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەر-ئايال ئىككىلا جىنىسنىڭ روھىي ساغلاملىقى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ نۇرمال، كۆڭۈللۈك، راھەت ئىلىپ بىرىلىشىدا بەدەن ساغلاملىقى ئۈچۈن كېرەكلىك ئوزۇق-قۇۋۋەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولىشى پايدىلىقتۇر. بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلاردا جىنسىي ئالاقە كۆپرەك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشقا، ئارام ئىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە جىنسىي لەززەتلەرنىڭ ئۇزاقراق داۋام قىلىشىغا ۋە ئومومىي بەدەننىڭ ساغلام بولىشىغا پايدىسى بولىدۇ.

ئالدىدا:
جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىدىكى كۈنلەردە بىلىق، توخو، قوي گۆشىدە تەييارلانغان شورپا، كاۋاپ، قورۇما دېگەندەك گۆشلۈك تائاملار بىلەن غىزالىنىش. يەرياڭىقى، ياڭاق، نوقۇتلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بىرىش ئارقىلىق بەدەنگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەرنى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك. سوغۇق ئىچىملىك، سوغۇق يىمەكلەرنى ئىستىمال قىلمىغان تۈزۈك.
يىنىك بولغان ھەركەتلەرنى ئىشلەپ بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشنىڭ كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ روھنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
زەپە، توشقانزەدىكى، ماكا، لاچىندانە، سۇمبۇل، رەيھان، قەلەمپۇر، قىزىلگۈل دېگەندەك خۇشپۇراق دەرمەكلەر بىلەن چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتە زىيادە چارچاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن بۇرۇن قورساق زىيادە توق ياكى ئاچ بولماسلىقى، ھېرىپ-چارچاپ كەتمىگەن بولىشى لازىم.

كەينىدە:
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن بىر ئىستاكان سۈت، ھەسەل سۈيى، سەۋزە شەربىتى دېگەندەكلەردىن خالىغان بىرىنى ئىچىپ ئارام ئالسا ئۇسسۇزلۇق ھەم قۇۋۋەت تولۇقلاپ ھارغىنلىقنى ئالىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا خورىغان ئېنىرگىيەلەرنى تولۇقلايدۇ.
ئاقسىل مول بولغان مېغىزلاردىن، نوقۇت، كۈنجۈت دېگەندەك دان-ئۇرۇقلارنى تالقان تەييارلاپ قويۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، تۇخۇم، بىلىق، كەپتەر، پاقلان گۆشلىرىدە شورپا-كاۋاپ تەييارلاپ يەپ بەرسە مەنى كۆپەيتىدۇ، قويالتىدۇ. ئۇرۇقنى پۇشۇرىدۇ. شەھۋەتنى كۈچەيتىپ لەززەتنى ئاشۇرىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى سەۋەبلىك ئەزالارنىڭ بالدۇر قېرىشى، تېرىنىڭ خۇنۈكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا پايدىسى بولىدۇ.

بەزى ئەرلەردە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن بەل ئاغرىش، يۈرەك تىترەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ جىنسىي ئالاقە قىتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى، ئارىلىق ۋاقىتنىڭ بەك يېقىن بولۇپ كەتكەنلىكى، ئوزۇق قۇۋۋەتلەرنىڭ يىتەرسىز بولغانلىقىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن.
بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە  ئەر-ئايال ھەر ئىككەيلەن ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا، جىنسىي ئالاقىنى توختىتىپ بىر قانچە كۈن ئارام ئىلىپ يۇقۇردا بايان قىلىنغاندەك قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى