ساغلاملىق

بىر تورداشنىڭ ئورۇقلاش خاتىرىسى

بىر تورداشنىڭ ئورۇقلاش خاتىرىسى

دوستۇم،
سىىزمۇ يېقىندىن بىرى ئۆزىڭىزنى سەمرىپ كەتتىم دەپ ئويلاۋاتامسىز؟
ياز كېلەر كەلمەي ، ئىسسىققا چىدىيالماي قالدىڭىزمۇ؟
بۇرۇنقى چىرايلىق مايكىڭىز كىچىك كېلىپ قالدىمۇ؟
ئامراق ئىشتىڭىزنىڭ بېلى كەلمەيۋاتامدۇ؟
پەلەمپەيگە چىقسىڭىز ھاسىراپ كېتەمسىز؟…. ھەتتا يول مېڭىشمۇ تەس كېلىۋاتامدۇ؟….
ئەمىسە ، ئورۇقلاڭ!….
ئورۇقلاش تەس!… ھەقىقەتەن تەس!…
لېكىن، چوقۇم ئورۇقلىغىلى بولىدۇ!
مانا مەن بىر نەچچە ئايدىلا 15 كىلوگىرام ئورۇقلىدىم!….
مىنىڭ ھېكايەم!..
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پۇتۇم سۇنۇپ ئالدى-كەينى بولۇپ ،4-5 ئاي داۋالاندىم. شۇ جەرياندا ئەسلىدىكى 66 كىلوگىرام كېلىدىغان ئېغىرلىقىم بىراقلا 81 كىلوگىرامغا يەتتى.
داۋاملىق سەمرىۋەردىم. سېمىزلىكنىڭ دەردىنى بىر يىل يەتكۈچە تارتىپ، بۇلتۇر 5-ئايغا كەلگەندە 84كىلوگىراملىق بەدىنىم ئۆزۈمگە ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلايمەن دەپ ، قەتئىي نىيەتكە كەلدىم.
ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتمىدىم، تاماقتىن ئۆزۈمنى بەك چەكلىمىدىم.لېكىن ،قىلمىغان ئىشىم قالمىدى.

توردىن نۇرغۇن ماتىرىيال كۆردۈم، كىتابخانىغا كىرسەملا شۇ توغرىلىق كىتابلارنى ئوقىدىم…
ئىشىنەمسىز؟! شۇ يىلى 10-ئايغا كەلگەندە، ئەسلىدىكى 84 كىلوگىرامدىن بىراقلا 69كىلوگىرامغا چۈشتۈم!
بەلكىم قانداق ئۇسۇل قوللاندىڭ دىيىشڭىز مۇمكىن.
ئاڭلاڭ ھە!
ئەتىگەن ،چۈشلۈك تاماقنى مۇۋاپىق يەڭ، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. نەپسىڭىزنى يىغىڭ. كەچلىك تاماقنى ئازايتىپ، كونتىرول قىلىڭ. مەن ئورۇقلىغان مەزگىلدە ، ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لەغمەندىن ئۆزۈمنى تارتقان. بىر ياز مىنىرال سۇدىن باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەرگە يىقىن كەلمىگەن. كولا كۆزۈمگە ئوت كۆرىنەتتى لېكىن! كەچلىك تاماقتىن بىراقلا قول ئۈزۈش تەس، لېكىن ئاستا ئاستا ئازلاتسىڭىز كۆنۈپ كىتىسىز…. ھەممىسى كۆنۈشتىن! تاماقنى 70-80% تويغىچىلا يەڭ… ئۆزىڭىزنى بەك راھەت ھېس قىلىسىز.
مۇۋاپىق چىنىقىڭ. ئەينى چاغدا مىنىڭ پۇتۇم تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەن. يۈگرەلمەيمەن. لېكىن كۈندە ئاز دىگەندە ئۇدا بىر سائەت پىيادە ماڭدىم. ئۈنۈمى بەك ياخشى…! سىناپ بىقىڭ! ئامال بار پىيادە مېڭىڭ…

ماتىرىيال كۆرۈڭ. توردا نۇرغۇن ئورۇقلاش توغرىلىق نۇرغۇن نەرسىلەر بار. بىر كىتاب تەۋسىيە قىلاي!
ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىت بەرقى نىڭ تەرجىمىسىغۈ دەيمەن ، « ئورۇقلاش جېڭى » دىگەن كىتاب! ماڭا بەك جىق پايدىسى بولغان! (مۇشۇ ئاكامغا رەھمەت ئىيتىمەن!)

ئورۇقلاشتا ئەڭ مۇھىمى ئىرادە، ئىشەنچ!
چوقۇم ئورۇقلىيالايمەن دەپلا ئويلاڭ.

بىلىڭىزنى چىڭلا باغلىسىىڭىز ، بىر ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز… مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى مىنى تىخىمۇ ئورۇقلاشقا ئىلھاملاندۇرغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان. چۈنكى، 80 كىلوگىراملىق ئۆتكەلنى بۇزغان ۋاقتىمدا، تاس قالغان خوشلۇقۇمدىن يىغلىۋەتكىلى!…

ئورۇقلاش تەس!… ھەقىقەتەن تەس!…
لېكىن، چوقۇم ئورۇقلىغىلى بولىدۇ!
مانا مەن بىر نەچچە ئايدىلا 15 كىلوگىرام ئورۇقلىدىم!….
دىمەك، مەن ئورۇقلىدىم، سىزمۇ ئورۇقلىيالايسىز!….
بۈگۈنلا باشلاڭ!… ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، يول يۈرسىڭىز ،پەلەمپەيگە چىقسىڭىز ھارسىرىمايدىغان، كىچىك كېلىپ قالغان ئامراق كىيىملىرىڭىزنى كىيەلەيدىغان ، قىز (ئوغۇل) دوستىڭىزغا تىخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرىنىدىغان ، ھەممە ئادەم كۆرسە، ئورۇقلاپسىزغۇ؟… دەپ ھەيران قالىدىغان بولىسىز……
سىزگە ئامەت تىلەيمەن!….

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى