ساغلاملىق

بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز باشقىلار سىز ئۈچۈن ئاسراپ بەرمەيدۇ.

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز باشقىلار سىز ئۈچۈن ئاسراپ بەرمەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە دوختۇر-تېۋىپلارمۇ ئامال قىلالمايدۇ.
تەن ئامانەت، تەن ئىنئام. تەن ساقلىق زور بايلىق. تېنىڭىزنى كېسەل بولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن ئاسراشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ. مىزاجىڭىزغا نېمە زەرەر قىلىدۇ، نېمە پايدا قىلىدۇ، تۇرمۇش ئادىتىدىكى قانداق ناتوغرا ئادەتلەر زىيانلىق، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك دېگەندەك ئاددىي ساۋاتلارنى بىلىپ قويۇڭ دە، بىلىپ قويۇپلا بولدى قىلماي دەرھال ھەركېتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ.
ھەرىكەتنىڭ تەن-ساقلىق ئۈچۈن نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ھورۇنلۇق قىلامسىز؟
ئاچچىق، تەييار، سوغۇق يېمەكلىكلەر، ئىچىملىكلەر سوزۇلما ساقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىپ تەن سۈپىتىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ ئاجىز، مىشچان قىلىپ قويىۋاتسىمۇ نەپسىڭىزگە ھاي بىرەلمەمسىز؟
بويتاقلىق ئىسكەنجىسىدە قىينالغان جىسمىڭىزغا ئارام بىرىش ئۈچۈن سېرىق مەزمۇندىكى سۈرەت، ۋېدىيولارنى كۆرۈش، قولدا لەززەتلىنىش (ئانانىزىم) لارغا ئادەتلىنىپ قىلىش نەتىجىسىدە ھېسسىياتىڭىزنى ئىزچىل ئالداپ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىڭىز كۈندىن-كۈنگە چىكىنىپ كېتىۋاتسىمۇ، پۇت-قوللىرىڭىز ماغدۇرسىز، ئىرادە كۈچىڭىز زەئىپ، چىرايىڭىز سۇلغۇن، ئەرلىك سۆلىتىڭىز يىگىلەۋاتسىمۇ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ھېسسىياتلىنىپ يەنە ئانانىزىم قىلىپ لەززەتلىنىۋاتامسىز؟
سېمىزلىك تەن ساقلىقىمىز ئۈچۈن زور ئاپەت . يەپ-ئىچىشمۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى. زىيادە تويۇنۇپ ئېستىمال قىلىشنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇلۇغ دانىشمەنلەر ، كىلاسسىك تېۋىپ – ھۆكۈمالىرىمىزدىن ھازىرقى تېببى ئالىملارغىچە تەكىتلەپ كىلىۋېتىپتۇ. شۇنداقتىمۇ قورساققا ئامراق كىشىلەرنىڭ غىزالىنىشتا ئاچكۆزلۈكتىن ساقلانمىقى تەس، يېمەكلىكلەرمۇ خۇمار قىلىدۇ دېگەن قاراشنى كۆپۈنچە كىشىلەر بىلىدۇ. گۆش-ياغ، قەنت-گېزەك، قەھۋە، قېنىق چاي دېگەنلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇلاردىن ھايات ئۈچۈن لەززەت بىلىپ زوقلىنىش ئۈچۈن لايىقىدا ئېستىمال قىلىنسا كۆپ پايدىلىق. لېكىن ھوزۇر قوغلىشىپ خۇمار دەرىجىسىگە يېتىپ بارسا، ئاچكۆزلۈككە يول بەرسەك يۈرەك، مېڭە قان-تومۇرلىرىمىزغا زور بېسىم پەيدا قىلىمىزدە ھاياتىمىزدىن بەركەت كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ. جېگەرلىرىمىز مايلىشىپ ، قورساقلىرىمىز ساڭگىلاپ گۈزەل، سىپتا بەدەن شەكلىمىز ئۆزگىرىپ ھەركەتلىرىمىز قولايسىزلىشىدۇ. بەلكىم ئەقل، تەپەككۇرلىرىمىزمۇ گاللىشىپ قىلىشى مۇمكىن.
بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز باشقىلار سىز ئۈچۈن ئاسراپ بەرمەيدۇ.
بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ، ئۆزىڭىز كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز باشقىلار سىز ئۈچۈن ئاسراپ بەرمەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە دوختۇر-تېۋىپلارمۇ ئامال قىلالمايدۇ.

تور دۇنياسىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى