ساغلاملىق

چىش ئارىلىقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ

ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ۋە كۆركەملىكىگە ھەممىمىز ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز.
ئۇنداقتا چىش ئاراچلىرى چوڭ بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
قانداق قىلغاندا چىشنى توغرا چوتكىلىغىلى بولىدۇ؟

چىش ئارىلىقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ

چىش ئارىچىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب
1. چىش چىرىش: چىش ئەتراپى كېسىلى ياكى چىش چىرىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
2. چىش مىلىكى يىگلەش: ئادەتتە چىش مىلىكى يىگىلەش كۆپ كۆرۈلىدۇ، چىش مىلىكى يىگىلەش ساقايمايدىغان بولۇپ، مۇھىم نوقتا -ئالدىنى ئېلىشتۇر. چىش ئەتراپى ياللۇغى، چىش تېشى، چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش مىلىكى يىرىڭلىق ئىششىقى، يېمەكلىك كەپلىشىپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىش مىلېكىنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردۇر.
3. چىشى ئاجىز بولۇش: چىشىنىڭ بويۇن قىسمىدىكى قاتتىق توقۇلما قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ ئاسانلا ئۇپراپ كېتىدۇ.
4. كىسلاتانىڭ تەسىرى: چىش مىلىكى ئېرىقچىسىدىكى كىسلاتالىق ئاجرالمىلار، كىسلاتا بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىشنىڭ قاتتىق توقۇلمىلىرىنى كالتسىيسىزلاندۇرۇپ ئېرىتىدۇ.
5. چىش چوتكىسىنىڭ تۈكى قاتتىق بولۇش: چىش چوتكىسىنىڭ تۈكى ئىنتايىن قاتتىق بولسا شۇنداقلا دائىم توغرا يۆنىلىشتە چىش چوتكىلىسا چىش ئارىچى پەيدا بولىدۇ.

چىش ئارىلىقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ

چىش ئارىچى بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتسە قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ئېھتىياج-چىش تۈزەش
1. ئەنئەنىۋى مېتال چىش تۈزەش ئەسۋابى: ئۇ بىر خىل ئەڭ ئەنئەنىۋى، باھاسى ئەڭ ئەرزان چىش تۈزەش ئۇسۇلى بولۇپ، ماتېرىيالى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان، بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىدۇ.
2. فارفوردىن ئوقۇر چىقىرىش تۈزگۈچى: ئۇ ئىشلەتكەن ئوقۇر چىقىرىش ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ئاليۇمىن ئوكسىدلىق فارفور بولۇپ، سۈت رەڭلىك، يېرىم سۈزۈك ياكى پۈتۈنلەي سۈزۈك بولۇپ، چىش رەڭگى بىلەن بىردەك بولىدۇ.
3. ئوقۇرسىز يوشۇرۇن تۈزەش ئەسۋابى: يوشۇرۇن تۈزەش تېخنىكىسى ئېلاستىك، سۈزۈك يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىيالدىن ياسىلىدۇ، ئوقۇر ۋە پولات سىم كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ياخشىلايدۇ.

چىش ئارىلىقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتسە مۇنداق قىلىڭ

چىش چوتكىلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

1. ئۈستۈنكى جاغ ئارقا چىشىنى چوتكىلىغاندا، چىش چوتكىسىنى ئۈستۈنكى جاغ ئارقا چىشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، چوتكا تۈكچىسى بىلەن چىش ئارىلىقىدا 45 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، ئاندىن چوتكا بېشىنى ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ چوتكىلاش، ھەر قايسى ئورۇنلارنى تەكرار 10 قېتىم ئەتراپىدا چوتكىلاش، ئىچى ۋە سىرتىنى چوتكىلاش ئۇسۇلى ئوخشاش.
2. ئاستىنقى ئېڭەك ئارقا چىشىنى چوتكىلىغاندا، چىش چوتكىسىنى ئاستىنقى ئېڭەك ئارقا چىشىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، چوتكا تۈكچىسى بىلەن چىش ئارىلىقىدا يەنىلا 45 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، چوتكا بېشىنى ئايلاندۇرۇپ، ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ چوتكىلاش، ھەر قايسى ئورۇنلارنى 10 قېتىم ئەتراپىدا تەكرار چوتكىلاش، ئىچى ۋە سىرتىنى چوتكىلاش ئۇسۇلى ئوخشاش.
3. ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئېڭەكنىڭ ئالدى چىشىنى كالپۇك يۈزىگە چوتكىلاش ئۇسۇلى كېيىنكى چىشنىڭكىگە ئوخشايدۇ.
4. ئۈستۈنكى چىشنىڭ تاڭلاي يۈزى ۋە ئاستىنقى ئالدىنقى چىشنىڭ تىل يۈزىنى چوتكىلىغاندا، چىش چوتكىسىنىڭ بېشى تىك تۇرىدۇ، ئۈستۈنكى چىش يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، ئاستىنقى چىش تۆۋەندىن يۇقىرىغا چوتكىلىنىدۇ. ئاستى-ئۈستى چىشلىشىش يۈزىنى چوتكىلىغاندا، چىش چوتكىسىنى چىشنىڭ چىشلىشىش يۈزىگە قويۇپ، گورىزونتال يۆنىلىشتە قايتا-قايتا كۈچەپ چوتكىلاش كېرەك.
5. چىش چوتكىلاش ۋاقتى ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇش ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىمدىن چوتكىلاش ھەمدە تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەر قېتىم چىش چوتكىلىغاندا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئاندىن چىشنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى چوتكىلاپ بولغىلى بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى