ساغلاملىق

چاچ ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر

  ھازىر، بازارلاردا چاچ ئاسراش مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشنىڭ چاچ ئاسراشتا بەلگىلىك رولى بارلىقىنى بىلىدۇ.

 چاچ ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر

  تۇخۇم. چاچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل. تۇخۇمدا مول ئاقسىل، يەنە زور مىقداردا بىيوتىن بار. بۇ بىيوتىنلار چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، تۇخۇم سېرىقىدا بىر خىل «چاچ ئۆستۈرۈشنى غىدىقلىغۇچى ماددا» بولۇپ، تۈك ھۈجەيرىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن.

 چاچ ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر

سەۋزە. سەۋزە باش تېرىسىنىڭ بىر خىل تەبىئىي تېرە يېغى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاچ يىلتىزىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىيالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سەۋزىدە يەنە مول كاروتېن بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن Aغا ئايلىنالايدۇ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددا باش تېرىنىڭ قۇرغاق بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ياخشىلايدۇ.

چاچ ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر

ياڭاق. قۇياش نۇرى چېچىمىزنى قۇرغاق ھەم يىرىك قىلىپ قويىدۇ، ياڭاقتىكى مول ئومېگا-3 ياغ كىسلاتاسى ۋە ۋېتامىن E قۇياش نۇرى چاچقا ئېلىپ كەلگەن زەخمىنى يېنىكلىتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىكى مول مىس ئېلېمېنتى يەنە سىزنىڭ ساغلام، تەبىئىي چاچ رەڭگىنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.

 چاچ ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر

چېڭزى، ئاپېلسىن قاتارلىق گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەردە مول ۋىتامىن C بولۇپ، چاچ ئۇچىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، چاچنىڭ يىرىك بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار. بۇ تۈردىكى مېۋىلەر يەنە چاچ خالتىسى ئەتراپىدىكى قىل قان تومۇرلارنى غىدىقلاپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى