ساغلاملىق

يوشۇرۇن خامۇشلۇقنىڭ يەتتە خىل ئالامىتى

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تۇرمۇشتا ئۆزىدىكى خامۇشلۇقنى يوشۇرىدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە خۇشال كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ، يوشۇرۇن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۆزىدىكى خامۇشلۇقنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، ئادەتتە ئۆزىدىكى خامۇشلۇق ئەھۋالىنى يوشۇرغان كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

1.ئۇلارنىڭ ئۇخلاش، غىزالىنىش ئادىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ.

كىشىلەر تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئۇخلاش، غىزالىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتسە ئۇنداقتا مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ، ئۇيقۇ بەدەن ساغلاملىقىنىڭ ئاساسى، ئەگەر ئادەم كۈنلەپ ئۇخلىيالمىسا ياكى زىيادە كۆپ ئۇخلىسا بۇ بەلكىم يوشۇرۇن خامۇشلۇقنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن.

بەزى كىشىلەر ھاراق ياكى يېمەكلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى يوشۇرماقچى بولىدۇ، كۆپ نەرسە يېيىش خامۇش بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ يالغۇزلۇق ھېسسىياتىنى پەسەيتىدۇ، ھاراق ئۇلارنىڭ ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، لېكىن بەزىدە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر قىلالمايدۇ.

2.ئۇلار دائىم ئۆزىنى زورلاپ كۈلۈپ يۈرىدۇ، ھەمدە نۇرغۇنلىغان باھانە تاپىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئۆزىنى زورلاپ خۇشال يۈرۈيدۇ، دائىم نىقاب ئاستىدا ياشايدۇ، سىز بۇنداق ئادەملەر بىلەن يېقىن ئۆتسىڭىز، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ نىقابى ئاز-ئازدىن نېپىزلەيدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا سىز ئۇلارنىڭ نىقابىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقىي ھالىتىنى كۆرەلەيسىز، بۇ دەل يوشۇرۇن خامۇشلۇق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشىنىڭ سەۋەبى.

3.ئۇلار ھاياتلىق پەلسەپىلىرىنى سۆزلەشكە ئامراق كېلىدۇ.

يوشۇرۇن خامۇشلۇقنىڭ يەتتە خىل ئالامىتى

يوشۇرۇن خامۇشلۇق كېسىلى بار كىشىلەر سۆزلىگەندە دائىم ھاياتلىق پەلسەپىلىرىنى قېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ھاياتلىق قىممىتى، ھاياتنىڭ مەنىسى دېگەندەك تېمىلار توغرىسىدا سۆزلەشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ، ئۇلار بۇ خىلدىكى تېمىلاردا سۆزلىگەندە دەل ئۇلارنىڭ قەلبى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئېلىشىۋاتقان بولىدۇ.

4. ئۇلار بەزىدە قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن كەينىدىنلا پۇشايمان قىلىدۇ.

يوشۇرۇن خامۇشلۇق كېسىلى بار كىشىلەر ئۆزىنىڭ خامۇشلۇق ھالىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى جاپا چېكىدۇ، بەزىدە ئۇلار ناھايىتى چارچايدۇ ھەمدە قەلبىدىكى ئازابلارنى يېقىنلىرىغا ئېيتىدۇ، بەزىدە مەخسۇس پىسخىكا دوختۇرلىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرىپىنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.

5.ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ.

يوشۇرۇن خامۇشلۇقنىڭ يەتتە خىل ئالامىتى

يوشۇرۇن خامۇشلۇق كېسىلى بار كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ، ئۇلار كىنو كۆرگەندە ئاسانلا يىغلاپ سالىدۇ، تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارغىمۇ كۆز يېشى قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى خامۇشلۇق ھېسسىياتىنى دائىم يوشۇرغاچقا بەزىدە كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي قالىدۇ.

6. ئۇلار ئىشلارغا ئۈمۈدۋار بولالمايدۇ.

پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان تونۇشى تېخىمۇ ھەقىقىي بولىدىكەن، خامۇش كىشىلەر دائىم ئۆزىنىڭ ئىشلارنى ياخشى قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپلا ئۆتىدىكەن.

يوشۇرۇن خامۇشلۇقنىڭ يەتتە خىل ئالامىتى

7. ئۇلار ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ.

بەزى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر قارىماققا نورمال ئادەملەردىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ، ئەگەر بىر ئادەم دائىم ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئاچچىقلىنىپ يۈرسە بەلكىم ئۇنىڭدا يوشۇرۇن خامۇشلۇق كېسىلى پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن.

جۇڭگو قەشقەر تورىدىن ئېلىندى!

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى