ساغلاملىق

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش ھەققىدە

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش ھەققىدە

 

1. قانداق ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىش كېرەك؟

ئىلگىرىكى دوختۇرلارنىڭ دائىملىق تەكلىپى ۋە ئىلگىرىكى قوللانمىدىكى تەكلىپلەرگە ئاساسەن، نۇرغۇن بىمارلار ئەتىگەندە تۇرغاندىن كېيىن دورا ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. لېكىن نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئەتىگەن سائەت 5:00~6:00 ئەتراپىدىكى قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ. يەنە بەزى بىمارلارنىڭ كېچىدىكى قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك، بۇ بىمارلار كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان دورىلارنى ئىچىشى كېرەك.

2. ئېتىبار بېرىش، لېكىن چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك.

بەزى ياشانغانلار قان بېسىمنى ھەركۈنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش ياخشى ئىش، لېكىن قان بېسىمنى ئۆلچەش زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك.

3. يۇقىرى بېسىم (قىسقىراش بېسىمى) تۆۋەن، تۆۋەن بېسىم (كېڭىيىش بېسىمى) يۇقىرى بولۇپ، تومۇر بېسىمى كىچىك بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئادەتتە بۇ خىل بىمارلارنىڭ يېگىنى كۆپ، ھەرىكىتى ئاز بولىدۇ، بۇنى ھەل قىلغۇچ چارە ئېغىزنى يىغىپ، بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرۈشتۇر. يەنە %80 تويۇنۇش، ھاراق ئىچمەسلىك، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، قېنىپ ئۇخلاش، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

4. قىسقىراش بېسىمىنىڭلا يۇقىرى بولىشى.

يۇقىرى بېسىمنىڭ (قىسقىراش بېسىمى) يۇقىرى بولىشى، تۆۋەن بېسىمنىڭ (كېڭىيىش بېسىمى) يۇقىرى بولماسلىقى، ھەتتا بەك تۆۋەن بولۇپ كېتىشى، تومۇر بېسىمىنىڭ چوڭ بولىشى كۆپىنچە ياشانغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا ئۇچرايدۇ. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يەككە ھالدا قىسقىراش بېسىمىنى تۆۋەنلەتمەيدۇ، كېڭىيىش بېسىمىنىڭ دورىسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنىڭ قان بېسمىنى تۆۋەنلىتىش دائىرىسى دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇنقى ئۇل قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ. دېمەك، ياشانغانلاردىكى نوقۇل قىسقىراش بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورىنىڭ قىسقىراش بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشى، قان تومۇر كېڭىيىش بېسىمىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر كىچىك ياكى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ.

5. يىل بويى قان بېسىمى 90/60mmHg بولۇپ، ھەتتا بەزىدە 80/50mmHg بولۇپ قالسا تۆۋەن قان بېسىم ھېسابلىنامدۇ؟ داۋالاش ھاجەتمۇ؟

مۇشۇ خىل ئۆلچەمنى ساقلاپ قېلىش نورمال ھېسابلىنىدۇ، تۆۋەن قان بېسىمى ھېسابلانمايدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ شامالدارىش خەۋپى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. دورا قىلىش ھاجەتسىز.

6. روھىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قان بېسىم ئۆرلەش.

تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق، ئۇيقۇ توسالغۇسى، جۈملىدىن ئۇيقۇغا كىرىشىشنىڭ تەسلىكى، بالدۇر ئويغىنىش، ئۇيقۇدىكى نەپەسنىڭ راۋان بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قان بېسىمدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ.

7. قان بېسىم ئۆرلەپ كەتكەندە «ئاغرىقنى يوشۇرۇپ، دورىنى قىسىش»قا بولمايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر قان بېسىم دورىلىرىغا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن، دورا يېسىلا مەڭگۈ يەپ قېلىشتىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە قان بېسىم دورىلىرى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، كونترول قىلغۇدەك ئەكس تەسىرى يوق. بىر تەرەپتىن دورا ئىشلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، ئەگەر بىر مەزگىل دورا ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن دورىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلسە، دورىنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق ھالدا كېمەيتىشكە بولىدۇ. لېكىن ئەگەر دەسلەپكى قان بېسىم تەكشۈرۈش ئۆلچىمى 160/100mmHgدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، دورا ئىشلىتىشنى ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق باشلىغان ئەۋزەل.

8. بەزى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى قان بېسىمى يۇقىرى، ياز پەسلىدىكى بېسىمى تۆۋەن بولىدۇ. بۇنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا مىقدارىنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

9. يۇقىرى قان بېسىم بىلەن بىرگە يەنە دىئابېت بولسا، قان قەنتىنى ئەستايىدىل كونترول قىلغاندىن باشقا، يەنە قان بېسىمنىمۇ ياخشى كونترول قىلىش كېرەك. گەرچە ناچار خولېسترىننىڭ مىقدارى خىمىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان دائىرە ئىچىدە دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، يەنە ئاز مىقداردىكى تاتىڭ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

10. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كونترول قىلىش دورا بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ، يەنە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى بەش چوڭ رېتسېپقا تايىنىش كېرەك: دورا رېتسىپى، ھەرىكەت رېتسېپى، پىسخىكىلىق ئۇيقۇ رېتسېپى، ئوزۇقلۇق رېتسېپى ۋە تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق چەكلەش رېتسېپى قاتارلىقلار.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى