ساغلاملىق

ئادىتىڭىز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇنىڭغا سەل قارىماڭ

ھەيز ھەر بىر ئايال باشتىن كەچۈرىدىغان بىر ئىش بولۇپ، قىزلار تەخمىنەن 13 ~ 14 ياشقا كىرگەندە ھەيز كېلىدۇ، ھەيز كېلىش ئاياللارنىڭ تېنىنىڭ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كۆپ ساندىكى ئاياللار ھەيز كۆرۈشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ھەيز مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈش بىر قەدەر تەس، بولۇپمۇ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغان ئاياللار ھەيز مەزگىلىدىن تېخىمۇ قورقىدۇ. ئەمما، ھەيز كەلمەي قالسا، بەدىنىدە بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئىشقىلىپ بۇ خىل ھېسسىيات ناھايىتى زىددىيەتلىك.

ئادىتىڭىز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇنىڭغا سەل قارىماڭ

مەيلى سىز ھەيز كېلىشنى خالاڭ -خالىماڭ، ساغلام، ياش ئاياللاردا ھەيز كېلىشى، شۇنداقلا قانۇنىيەتلىك كېلىشى، ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەسلىكى كېرەك.

ھەيزنىڭ دەۋرىيلىكى قانۇنىيەتلىك بولۇپ، 28 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، بىر ھەپتە ئالدىغا سۈرۈلسە ياكى كەينىگە سۈرۈلسە نورمال بولىدۇ. ھەيزنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى بەش كۈن ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك، بىراق نۇرغۇن ئاياللار بۇنداق ئۇزاق داۋاملاشماي تۇرۇپ، 2-3 كۈندىلا ئاخىرلىشىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟ قانداق تەڭشەش كېرەك؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئادىتىڭىز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇنىڭغا سەل قارىماڭ

ھەيز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشىدۇ، نورمالمۇ؟

ھەيزنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئادەتتە بەش كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان دائىرىدە بولمىسا، بىنورمال ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر دائىم ئىككى، ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلاشسا ھەمدە ھەيز مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس، بۇ بەدەننىڭ ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ياخشى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئادەتتە روھىي ھالىتى بىر قەدەر ناچار ئاياللاردا ئاسانلا ھەيز مەزگىلى قىسقا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ھازىرقى دەۋردىكى ئاياللار ھەر كۈنى خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان بولۇپ، ئۇچرىغان بېسىمى ئەرلەرنىڭكىدىن ئازراقمۇ تۆۋەن بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يەنە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك، بولۇپمۇ تويدىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

ئادىتىڭىز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇنىڭغا سەل قارىماڭ

ھەر كۈنى يۇقىرى بېسىم ئاستىدا ياشىغاندا، روھىي ھالىتى ناچارلىشىپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىياتقۇدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ، ھەيز مىقدارى ئازىيىپ، داۋاملىشىش ۋاقتى تەبىئىي ھالدا قىسقىرايدۇ.

ئادىتىڭىز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇنىڭغا سەل قارىماڭ

ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولمىسا، دائىم بەزى غىدىقلىغۇچى، خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، سوغۇق يەل بالىياتقۇغا يىغىلىپ قېلىپ، بۇ يەردىكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز ئاز كېلىدۇ، يەنە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.

ئاياللار ئىزچىل ھالدا ياخشى بەدەن شەكلىنى قوغلىشىدۇ، دائىم ئورۇقلاشنى كۈندىلىك پىلانىغا كىرگۈزىۋالىدۇ. ئاياللار ئورۇقلاشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل تاماققا چەك قويۇش بولۇپ، ئاسانلا بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدانغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەيزمۇ نورمالسىز بولۇپ، ھەيز ئاز كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىشى ھەيز مەزگىلىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشىدىكى بىر چوڭ سەۋەب، بولۇپمۇ 35 ياشتىن كېيىنكى ئاياللاردا تۇخۇمداندا مەسىلە كۆرۈلسە، ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بالدۇر قېرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ قېرىشى تېزلىشىدۇ.

ئادىتىڭىز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇنىڭغا سەل قارىماڭ

شۇڭا، ھەيزنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا، ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ، بولۇپمۇ توي قىلمىغان ئاياللار تۇغۇت مەسىلىسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولسا، ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ بېقىپ، ھەيزنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى ئاسراشقا دىققەت قىلىش، خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، بەدەننى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، مەسىلەن، چىلان، لۇڭيەن قاتارلىق بالىياتقۇنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، كىندىكى ئوچۇق تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك.

ئادىتىڭىز ئىككى ئۈچ كۈندىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ بۇنىڭغا سەل قارىماڭ

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يوگا، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەرىكەت قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنى ئازايتىدۇ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى ئاسراشقا ياردىمى بولىدۇ، ھەيزمۇ نورماللىشىدۇ.

ھەيز كۆرۈش ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، چوقۇم ئۇنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەيز مەزگىلى بەك قىسقا بولۇپ قالسا، چوقۇم ئىمكانقەدەر تېز تەڭشەپ، ھەيزنى نورمال ھالەتتە ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى