ساغلاملىق

ھەيزنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشى ۋە كەينىگە سۈرۈلۈشىنىڭ قايسىسىنىڭ زىيىنى چوڭ؟

ئاياللار ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە ھەيز كېلىشكە باشلايدۇ، ھەيز مەزگىلى ئادەتتە 7~3 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەيز دەۋرى 30~28 كۈن بولىدۇ. ھەربىر ئايالنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەيزنىڭ كېلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى پەرقلىق بولىدۇ، ھەيزنىڭ دەۋرلىنىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ ھەر ئايدا نەچچە كۈن ئالدىغا سۈرۈلۈشى مۇمكىن، يەنە بەزى ئاياللارنىڭ نەچچە كۈن كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئادەتتە ھەيز مۇددەتتىن بۇرۇن كەلسىمۇ ياكى كەينىگە سۈرۈلسىمۇ، يەتتە كۈن ئىچىدە بولسىلا نورمال دائىرىگە كىرىدۇ. ئەمما، بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ «ھەيز قالايمىقانلىشىش» نىڭ ئالامىتىدۇر.

ھەيزنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشى ۋە كەينىگە سۈرۈلۈشىنىڭ قايسىسىنىڭ زىيىنى چوڭ؟

ئۇنداقتا، ھەيز بالدۇر كېلىش بىلەن كەينىگە سۈرۈلۈشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ قايسىسىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؟ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئالدى بىلەن ھەيز بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئايلىنىش دەۋرى بولۇپ، تۇغۇت ئىقتىدارىغا ئىگە ئاياللار ۋە ھايۋانلاردا يۈز بېرىدۇ، بۇ ئاساسلىقى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ دەۋرىيلىك قېلىنلىشى، قان تومۇرنىڭ ئۆسۈشى، بەز تەنچىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئىبارەت بىر قاتار دەۋرىيلىك فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت.

ئىككىنچىدىن، كۆڭۈلدىكىدەك ھەيز دەۋرى كىتابتا دېيىلگەن بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، يەنى ھەر ئايدا كېلىشى، كېلىش دەۋرى 30~28 كۈن ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ھەيز ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەيز بەدەن ساپاسىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئادەتتە مۇددەتتىن بۇرۇن كېلىش ياكى كېچىكىش ۋاقتى يەتتە كۈن ئىچىدە بولسا نورمال بولىدۇ.

ئۇنداقتا، ھەيز كېچىكىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟

1. ئاياللاردىكى ياللۇغ

ياللۇغ ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا قىچىشىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل يوشۇرۇن كېسەللىك ئالامىتى شۇكى، ھەيز كېچىكىپ كېلىدۇ، ھەيز قارىداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ھەيز قارىداش پەقەت بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلېكىنىڭلا ئىپادىسى ئەمەس.

ھەيزنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشى ۋە كەينىگە سۈرۈلۈشىنىڭ قايسىسىنىڭ زىيىنى چوڭ؟

2. زىيادە ئورۇقلاش

بەزى ئاياللار ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماققا ھەددىدىن زىيادە چەك قويىدۇ. ھەتتا ئاچلىق ئېلان قىلىپ بەدەندىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ياغمۇ تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز دەۋرىيلېكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3. كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش

زىيادە خۇشاللىق ۋە قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ياخشى روھىي ھالەت ئەمەس، بۇلار بەدەندە ھەر خىل مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك كەيپىيات داۋالغۇشى ھەيز دەۋرىيلېكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ھەيز بالدۇر كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟

1. دورىنىڭ تەسىرى

بەزى ئاياللار ئۇزاق مۇددەت ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ياكى باشقا دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا ھەيز بالدۇر كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەمما دورا توختىتىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋال ئاستا-ئاستا يوقاپ، ھەيز دەۋرىمۇ نورماللىشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

2. تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىنىڭ تەسىرى

ئاياللار تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكىنى سالدۇرغاندىن كېيىن، ئىككى، ئۈچ ئايلىق ھەيزى مۇددەتتىن بۇرۇن كېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بەدەنگە يات نەرسىنى سالغاندا، ئادەتنىڭ قىسما مەزگىللىك نورمالسىزلىقى نورمال ئەھۋال.

ھەيزنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشى ۋە كەينىگە سۈرۈلۈشىنىڭ قايسىسىنىڭ زىيىنى چوڭ؟

3. بەدەندە كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر بەدەندە بەزى كېسەللىكلەر كۆرۈلسە، ھەيز بالدۇر كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن: مېڭە ئۆسمىسى، ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ياللۇغلار، قالقانسىمان بەزنىڭ بىنورماللىقى، كىلىماكتېرىيە دەۋرى ئالدىغا سۈرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەيز دەۋرىنىڭ نورمال ۋاقتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، جۇڭگو تېبابىتىدە ئېيتىلىدىغان قان ئاجىزلىقمۇ ھەيز دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدىكىلەر ھەيز بالدۇر كېلىش ۋە كېچىكىپ كېلىشنىڭ سەۋەبلىرى، ھەيز دەۋرىيلىكىدە ئۆزگىرىش بولسا، مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى