ساغلاملىق

ھەيز مەزگىلىدە پۇت چىلاشقا بولامدۇ؟

دائىم پۇت چىلاشنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە زور پايدىسى بار، شۇڭا نۇرغۇن ئاياللار مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى ھەيز كەلگەندە بولسۇن دائىم پۇتىنى چىلايدۇ. بىراق، يەنە بەزى ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلاشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئاڭقىرالمايدۇ. ئۇنداقتا ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلاشقا بولامدۇ؟

پۇت چىلاشنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن بەلگىلىك پايدىسى بار، بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە پۇت چىلاش ئاياللارنىڭ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ بەدىنىنى باشتىن-ئاخىر بىر قەدەر ئىللىق ھالەتتە ساقلاپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە پۇت چىلاشقا بولامدۇ؟

كۆپ ساندىكى دوستلار ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلاشقا بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار پۇتنى چىلاپ بەرسە، بەدەنگە تۆۋەندىكىدەك پايدىلىرى بار.

بىرىنچى، ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلىغاندا سوغۇقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، نۇرغۇن ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە پۇت-قولى مۇزلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پۇتنى چىلاپ بەرسە، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەپ، زۇكامنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

ئىككىنچى، ھەيز مەزگىلىدىكى قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، بەزى ئاياللارنىڭ بەدىنى سوغۇق بولغاچقا، قان ئاسانلا ئۇيۇپ قالىدۇ، ئاسان چىقىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان لەختىسىگە ئايلىنىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇتنى چىلاش ئارقىلىق، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاننىڭ چىقىرىلىشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغىلى، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلىسا، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە پۇت چىلاشقا بولامدۇ؟

ھەيزدار ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلاشتا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

بىرىنچى، ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا ھەيزگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنى ئىشلىتىپ پۇت چىلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى، پۇتنى چىلايدىغان سۇنىڭ مىقدارى بەك ئاز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ئۈچىنچى، پۇت چىلايدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى نۇرغۇن قان بەدەننىڭ ئاستىنقى قىسمىغا يىغىلىپ، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى ھەرقايسى ئەزالاردا ۋاقىتلىق قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سالامەتلىككە پايدىسىز.

ئەمەلىيەتتە، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلاشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، چۈنكى ھەيز مەزگىلىدە پۇتنى چىلاشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار. ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە تېنى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر ھەيز مەزگىلىدە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلسا، ھەيز مەزگىلىدىكى تىت-تىت بولۇش قاتارلىق كەيپىيات مەسىلىلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، پۇت چىلاش مۇشۇ خىل ئۈنۈمگە ئىگە بىر خىل ياخشى ئۇسۇل. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا كۆپچىلىككە يەنە پۇت چىلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭ دوستلارغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى