يېمەك-ئىچمەك

ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشىگە ماس كەلمەيدىغان ئالاھىدە مەزگىللىرى

 

نۇرغۇن كىشىلەر چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چاي ئىچىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ ئاياللار بەزى ئالاھىدە مەزگىللەردە چاي ئىچسە بولمايدۇ.

1. ھەر ئايلىق فىزىيولوگىيىلىك مەزگىل يېتىپ كەلگەندە

چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ھەيز قېنى بەدەندىكى نۇرغۇن تۆمۈر ماددىسىنى خورىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئاياللار بۇ ۋاقىتتا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان كۆكتات-مېۋىلەرنى، مەسىلەن، پالەك، ئۈزۈم ۋە ئالما قاتارلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.

ئەمما بۇ چاغدا تاماق يەپ بولۇپ تويۇنغاندىن كېيىن چاي ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى چاي تەركىبىدە %50 تاننىك كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇ ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۈچەي يولىدا تۆمۈر ماددىسى ياكى قان تولۇقلاش دورىسىدىكى تۆمۈر تېشى ئاسانلا چۆكمە پەيدا قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشىگە ماس كەلمەيدىغان ئالاھىدە مەزگىللىرى

2. ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇرغاندا

ئادەتتە قېنىق چاي تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ قويۇقلۇقى %10كە يەتسە، ئادەمنىڭ ھاياجانلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش ۋە يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى ۋە چاستوتىسىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۈرەك ۋە بۆرىكىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئانا بولۇش ئالدىدىكىلەر ئەڭ ياخشىسى چاينى ئاز ئىچكىنى تۈزۈك.

ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشىگە ماس كەلمەيدىغان ئالاھىدە مەزگىللىرى

3. ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇتتىن ئىلگىرى قېنىق چاينى كۆپ ئىچكەندە، چاي تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ روھلاندۇرۇش رولى كۈچىيىپ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇن يېتەرلىك ئۇخلىيالمىسا، تۇغۇتتا چارچاپ ھالىدىن كېتىشى، ھەتتا تۇغۇتى قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشىگە ماس كەلمەيدىغان ئالاھىدە مەزگىللىرى

4. تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئانا سۈتى بىلەن باقماقچى بولغانلار كۆپ مىقداردا چاي ئىچكەندە، چاي تەركىبىدىكى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى تاننىك كىسلاتاسى شىللىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، سۈت بېزىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى چەكلەپ، سۈتنىڭ يېتەرلىك ئاجرىلىپ چىقماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشىگە ماس كەلمەيدىغان ئالاھىدە مەزگىللىرى

6. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللاردا باش قېيىش ۋە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا، يەنە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، مىجەزى چۇسلىشىش، ئۇيقۇسى ناچارلاشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئەگەر چاينى بەك كۆپ ئىچسە بۇ ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

شۇڭا چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار بۇ ئالاھىدە باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولسا، ئەڭ ياخشىسى چاينى توختىتىپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈۋالماسلىقى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى