يېمەك-ئىچمەك

بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر

 

بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللار تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، بالىياتقۇنى ئىللىتىش، زەھەر ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئېرىشىدۇ.

بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر

بىرىنچى، لۇڭيەن(桂圆).

لۇڭيەن كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ھەمدە دائىم ئىستېمال قىلىدىغان مېۋە. ئاياللارغا نىسبەتەن بولۇپمۇ بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتە لۇڭيەننى كۆپ ئىستېمال قىلىشى زۆرۈر، چۈنكى لۇڭيەن تىپىك ھالدىكى ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولۇپ، تالنى قۇۋۋەتلەش، سوغۇقنى ھەيدەش، قان تولۇقلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە، بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاياللارنىڭ سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇ بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى شۇنداقلا زەھەرنى ھەيدەپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىدىن يىراق قىلىدۇ.

بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر

ئىككىنچى، مامۇرانچىن(黄连).

مامۇرانچىن بىر خىل دورىلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھەيزىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، مامۇرانچىننىڭ يەنە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش، قان ئۇيۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار، شۇڭلاشقا بالىياتقۇسىنى سوغۇق قاپلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ كۆپرەك ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئادەتتە مامۇرانچىننى قايناقسۇغا سېلىپ ئىچسە، بالىياتقۇدىكى زەھەرنى ھەيدەشكە پايدىسى بار.

بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر

ئۈچىنچى، سۇلۇ(燕麦).

سۇلۇنى كىشىلەر ئادەتتە ناشتىدا كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. مەسىلەن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك سېللۇلوزىسى ۋە مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭلاشقا سۇلۇ دائىم پۇت-قولى مۇزلايدىغان، بالىياتقۇسىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ يېيىشىگە بەكرەك ماس كېلىدۇ.

بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر

تۆتىنچى، قىزىل پۇرچاق(红豆).

قىزىل پۇرچاقنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولى بار، ئۇ يەنە قان كۆپەيتىپ بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى ھەيدەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاياللارنىڭ تېنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشقا ياردىمى كۆپ، شۇڭلاشقا قىزىل پۇرچاق ئاياللار ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭ يەنە بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەش، سوغۇقنى تەن سىرتىغا چىقىرىش قاتارلىق رولىمۇ بار.

بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەر

بەشىنچى، قارا شېكەر سۈيى(红糖水).

قارا شېكەر سۈيى بىزگە ناتونۇش ئەمەس، بولۇپمۇ ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە دائىم قارا شېكەر سۈيى ئىچىپ ئادەتنى تەڭشەيدۇ. قارا شېكەر سۈيى بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەپ، ئۇيۇپ قالغان قاننى پارچىلايدۇ، بالىياتقۇنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەندە كۆپىنچە ھاللاردا ھەيز قېنى بەدەندە تۇرۇپ قېلىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا دائىم قارا شېكەر سۈيى ئىچىپ بەرسە بالىياتقۇدىكى زەھەرنى ھەيدىگەندىن سىرت، يەنە بالىياتقۇنى ئىللىتىپ، ئاياللار كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى