ساغلاملىق

ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى ئاياللاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەلۇم ياشقا بارغاندىن كېيىن بەدەن تەدرىجىي چېكىنىشكە باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر 45 ياشقا كىرگەندىن كېيىن بەدەندە روشەن ئۆزگىرىش بولسا، ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلېكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق بەدەننى ياخشى ئاسراشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەيز توختاش مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتكىلى بولىدۇ. بولمىسا ناچار ئادەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بەدىنى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، 45 ياش ئەتراپىدىكى ئاياللار ھەيز توختاشنىڭ يېتىپ كېلىشىگە دىققەت قىلىشى، ھەمدە بۇنىڭغا ئاكتىپ يۈزلىنىشى كېرەك.

ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى ئاياللاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

ئاياللارنىڭ ھەيز توختاش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، بەدەندە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

1. ھەيز ئۆزگىرىش

ئادەتتە ھەيز توختاش مەزگىلى يېتىپ كەلگەنلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى بولسا، ھەيزدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.

تېخى ھەيز توختاش مەزگىلىگە كىرمىگەن ئاياللارنىڭ ھەيز قانۇنىيەتلىك بولغان ئەھۋالدا، ھەيز كېلىشكە ئاز قالغاندا بەدەندە روشەن ئىپادىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەيز كېلىش ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ، بۇ تېخى ھەيز توختاش مەزگىلىگە كىرمىگەن ئاياللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى.

ھەيز توختاش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ھەيزدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاسانلا ھەيز مىقدارى ئازىيىپ، ھەيز توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ ھەيز توختاش ئېھتىمالى بولغان سىگنال.

ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى ئاياللاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

2. ھۆل ئىسسىقتىن تەرلەش

ئاياللارنىڭ ھەيز توختاش مەزگىلىگە قەدەم قويۇش ئالدىدىكى يەنە بىر روشەن ئىپادىسى شۇكى، قىزىپ تەرلەش. كېچىدە ئۇخلاش جەريانىدا، بەدەندىن ئاڭسىز ھالدا كۆپ تەر چىقىشى مۇمكىن، بۇ خىل ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەيز توختاش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ داۋالغۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، نۇرغۇن ئاياللاردا قان تومۇرلار كېڭىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدىكى روشەن ئالاھىدىلىك شۇكى، بەدەن كۆپ تەرلەيدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

3. سۆڭەك ئاسان ئاغرىيدۇ.

ھەيز توختاش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغاندا، بەدەندىكى سىگنالمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئاياللار كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ بوغۇم ۋە سۆڭەكلەردە ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولۇش ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلېكىنىڭ بىر خىل سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەيز توختاشقا ئاز قالغاندا تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ چاغدا بەدەندە پەيدا بولىدىغان ئانىلىق ھورمۇن ئازىيىدۇ.

ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولمىغاندا، ئاياللار بەدىنىنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ، كالتسىينى ۋاقتىدا تەمىنلەپ بېرەلمىگەندە سۆڭەك ساغلاملىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىر قەدەر روشەن ئىپادىسى سۆڭەك شالاڭلىشىش. بۇ ۋاقىتتا ئاياللار بوغۇم ۋە سۆڭەكتە ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋاللاردىمۇ ھەيز توختاش مەزگىلىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

ھەيز توختاش مەزگىلىدىكى ئاياللاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

4. كەيپىياتتىكى داۋالغۇش

ھەيز توختاش مەزگىلى كەلگەندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ كەيپىياتىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر كەيپىياتىدا داۋالغۇش چوڭ بولۇپ، ھە دېسىلا ئاچچىقلانسا، بۇ ھەيز توختاشقا ئاز قالغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، نۇرغۇن ئاياللار كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا كەيپىيات داۋالغۇشىنىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

5. ئۇيقۇسىزلىق

ئەگەر ئاياللار كېچىسى ئۇخلىغاندا دائىم ئۇخلىيالماي، كۆپ چۈش كۆرسە، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ ھەيز توختاش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلېكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، بۇ چاغدا بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاسانلا ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆسۈملۈك نېرۋىلىرىمۇ ئانچە-مۇنچە تەسىرگە ئۇچراپ، ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇيقۇ سۈپىتى ئاسانلا تۆۋەنلەپ، كېچىدە دائىم ئۇخلىيالماي كۆپ چۈش كۆرۈشى مۇمكىن.

ئەگەر ھەيز توختاش مەزگىلىگە كىرمىگەن ئاياللاردا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، تۇخۇمدان بالدۇر چېكىنگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سەل قارىماي ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى