ئاجايىباتلار

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

 

لوندون شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كىچىك ئۆيدە، پىلىپ رېد (Philip Reed) ئىسىملىك بىر بوۋاي ھەر كۈنى ئويغىنىپلا خىزمەت ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ رەسىم سىزىشقا، ياغاچ تېشىپ رازمېرىنى ئۆلچەشكە باشلايدۇ.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

ئۇنىڭ قىلغىنى ئاللىقاچان دەۋر تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت بولۇپ، تاپاۋىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭدىن خۇشال ئىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

چۈنكى رېد ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى «كەسپىي مىكرو كېمە مودېلى ئۇستىسى» بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا توپتوغرا 49 يىل بولدى.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مۇنداق…

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

مۇنداق

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

يەنە مۇنداق

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

رېد بوۋاينىڭ ھېكايىسىنى ئۆتكەن ئەسىردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ 1942-يىلى لوندوندا تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆزىدە ئانچە كۆپ ئويۇنچۇق يوق ئىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

بۈگۈنكى كۈندىكى ئوغۇل بالىنىڭ ھەر خىل ئويۇنچۇقلىرى ئەينى چاغدىكى رېدقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى. رېدنىڭ بىردىنبىر ئوينىيالايدىغان نەرسىسى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ياغاچ ئىدى. كىچىك ۋاقتىدا رېد ئۆزىنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتى، پەقەت ئۆزىنىڭ رەسىم سىزىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى، شۇڭا ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارىغا كەلدى.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

رېد 15 يېشىدىن باشلاپ سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ھەم 21 يېشىدا ئوقۇش پۈتكۈزگەنگە قەدەر رەسىم سىزىش ماھارىتى ئىزچىل ياخشى بولغان، كېيىن ئۇ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى تاللاپ، ئوقۇغۇچىلارغا رەسىم سىزىش ۋە كۇلالچىلىق سەنئىتىنى ئۆگەتكەن. شۇ چاغدىكى رېد بىر قېتىملىق ئىختىيارىي سىرتقا چىقىپ بازار ئايلىنىشنىڭ ئۆزىگە بىر ئۆمۈرلۈك ئىشىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

1970-يىللارنىڭ بىر كۈنى رېد لوندوندىكى بىر كېمە مودېلى ماگىزىنىغا كىرگەندە نەپىس ئىشلەنگەن ھەر خىل تىپتىكى كىچىك كېمە مودېلى تىزىلغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ كېمە مودېللىرىنىڭ ئۆلچىمى نەچچە يۈز ھەسسە كىچىك بولۇپ، قارىماققا سىرتقى شەكلى ھەقىقىي پاراخوت بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. شۇ چاغدا رېدە قاراپ تۇرۇپ قالغان. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن مەلۇم بىر نەرسە ئويغانغاندەك بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ نەپىس ئويۇنچۇقلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان رېد كىچىكلىتىلگەن مودېلنىڭ بۇنداق نەپىسلىكتە مۇشۇنداق دەرىجىگە يەتكەنلېكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ كېمە مودېلىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي قالغان…

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

شۇنىڭ بىلەن رېد ئۆزى قول سېلىپ كىچىك كېمە مودېلى ياساشقا كىرىشكەن. ئۇ دەسلەپتە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سىناپ باققان، كېيىن كېمە مودېلىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، نورمال دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالغان. بىر نەچچە يىل ئىككىلەنگەن رېد 1980-يىلى رەسمىي ئىستېپا بېرىپ، «كەسپىي كېمە مودېلى ئۇستىسى» بولغان. ئەينى ۋاقىتتىكى رېدنىڭ خوتۇن-بالىلىرى بار بولۇپ، كىرىمىمۇ خېلى يۇقىرى ئىدى، بىراق ئۇ كېمە مودېلى ياساش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا بەل باغلىغاندىن كېيىن، كورنۋالدىكى بىر پاراخوت مودېلى كارخانىسىدىن باشلاپ، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسىدىن كەسپىي كېمە مودېلى ئۇستىسى بولۇپ قالدى.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يېرىم يولدا ئەسلىدىكى كەسپىدىن چىقىپ كەتكەن بۇ بوۋاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كەسپىي كېمە مودېلى ياسىغۇچىغا ئايلانغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. كېمە مودېلى ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشنىڭ بەدىلى زور، رېدنىڭ كىرىمى ئاز بولۇپلا قالماي، ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتىمۇ بارغانسېرى ئازلىغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، رېد ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا مەجبۇر بولغان، گەرچە كېيىن يېڭى بىر قىز دوست تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا «كېمە مودېلى ياسىشىغا دەخلى قىلماسلىق»نى ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلغان. بىراق نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن رېدنىڭ پاراخوت مودېلى ياساش ماھارىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭ پاراخوت مودېللىرىنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە نەپىس سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ قالغان.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

ئىلگىرىكى كېمە مودېلى ئۇستىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ بىر كېمە مودېلىنى ياساشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ كېمىنىڭ تارىخىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، بۇ كېمە توغرىسىدىكى ھەر قانداق بىر تەپسىلاتنى تاشلىۋەتمىگەن، تارىختا رەسىمى خاتىرىلەنمىگەن قەدىمىي كېمىلەرگە نىسبەتەن رېدمۇ ئىمكانقەدەر % 100 ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. شۇنداق قىلىپ، 1971-يىلى تۇنجى كېمە مودېلىنى ياساشتىن باشلاپ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، رېد 17-ئەسىردىكى قەدىمكى كېمىدىن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەربىي پاراخوتقىچە، جەمئىي 58گە يېقىن پاراخوت مودېلىنى ياساپ چىققان. بارلىق پاراخوت مودېللىرىنى پۈتۈنلەي قولدا ياسىغان بولۇپ، ماتېرىيالىغا سېرىق تېرەك ياغىچى، قاتتىق قەغەز تاختا، مېتال ياپراقچە قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

مودېل ياساش بىلەن ھەقىقىي پاراخوت ياساش جەريانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئالدى بىلەن سېرىق تېرەك ياغاچ ئويمىسىدىن كېمە گەۋدىسى ياسىلىدۇ. ئاندىن پاراخوتنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدىكى تەپسىلاتلارنى، يەنى ماچتىدىن ئارقانغا، كېمە بېشىدىكى ھەيكەلدىن پالۇباغىچە بولغان تەپسىلاتلارنى بىر-بىرلەپ نامايان قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن پاراخوت گەۋدىسىدىكى ھەر خىل زاپچاسلار، زەمبىرەك سۇپىسى، يۆنىلىش رولى، يەلكەن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش نىسبەت بويىچە كىچىكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا زاپچاسلارنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش كېرەك. شۇڭا پاراخوت مودېلى ياساشنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

1678-يىلى سۇغا چۈشۈرۈلگەن «ئاننې» (TAnne) ناملىق پاراخوت مودېلى مۇشۇنداق تاماملانغان. ھازىرقى زاماندىكى پاراخوت مودىللىرىنىڭ ھەممىسى قەغەز تاختا ۋە مېتال ياپراقچىلاردىن ياسالغان، لېكىن ئىنچىكە ھالقىلارغا ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىلگەن. مەسىلەن 1944-يىلى سۇغا چۈشۈرۈلگەن «خان جەمەتى چەۋەندازلىرى» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت. كېمە گەۋدىسىدىكى تۆمۈر دېتى قاتارلىقلاردىن ئىنچىكە ھالقىلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

رېدنىڭ ھەر بىر پاراخوت مودېلىنى ياسىشىغا نەچچە ئاي كېتىدۇ، سېتىلىش باھاسى نەچچە مىڭ فوندستېرلىڭدىن نەچچە ئون مىڭ فوندستېرلىڭغىچە بولىدۇ. 49 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە رېد چاچلىرى ئاقارغان بىر بوۋاي بولۇپ قالدى، ئەمما ئۇنىڭ پاراخوت مودېلىغا بولغان قىزىقىشى خۇددى ئۆسمۈر ۋاقتىدىكىگە ئوخشايدۇ.

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

ئۇ مۇنداق دېدى: «پاراخوت مودېلى ئۇستىسى بولۇشنى تاللىغانلىقىمدىن بىر سېكۈنتمۇ پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم. چۈنكى بۇ مەن ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇش. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغانسام ئىنتايىن مىننەتدار بولىمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈم قىزغىن سۆيىدىغان ئىشنى دادىل قىلساملا بولىدۇ».

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمە مودېلى ئۇستىسى

ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى قىزغىن مۇھەببىتىنى ئۆمۈر بويى ساقلاپ، قىزغىن مۇھەببەتنى ئۆمۈرلۈك ئىشقا ئايلاندۇرغان رېد بوۋاينىڭ ھاياتىمۇ كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ…

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى