ساغلاملىق

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرسا بولامدۇ؟

نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلار ھەيز مەزگىلىدە ھەرىكەت قىلسا بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بەزى ئاياللار بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بولغاچقا، ھەيز كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئادىتى بۇزۇلۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەممە ئاياللارنىڭ ھەيز ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلى ئۇزۇن، ھەيز مىقدارى كۆپ بولىدۇ، پەقەت زىيادە ئاغرىپ كەتمىسە، ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولمىسا، ھەيز مەزگىلىدىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەيز مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ باشقا پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار.

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرسا بولامدۇ؟

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرغاندا چوقۇم ھەرىكەت مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، ھەيز مەزگىلىدە پەقەت ھەرىكەت قىلماسلىق تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، لېكىن يۇقىرى قىيىنلىقتىكى ھەرىكەتلەرنى، كۆپ مىقداردىكى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، سەكرەش، قورساق قاتلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئامال بار قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە نورمال ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغىلى، قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى، قورساق، داس بوشلۇقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلىغىلى بولىدۇ.

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرسا بولامدۇ؟

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ يەنە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

  1. ھەيز مەزگىلىدىكى بىئاراملىقنى يوقىتىپ كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ

كەيپىياتى ناچار ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغان ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە يوگا ئىشلەش، يول مېڭىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرگەندە كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

2. قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ

ھەرىكەت قورساق مۇسكۇلى ۋە داس بوشلۇقى مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەيز قېنىنىڭ نورمال ئېقىپ چىقىشىغا پايدىسى بولىدۇ، قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالى پەسىيىدۇ.

3. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ

ھەيز مەزگىلىدە مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرگەندە ئاغرىققا بولغان چىدامچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ھەمدە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز مەزگىلىدە بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدە قايسى ئۇسۇللاردا بەدەن چېنىقتۇرغان ياخشى؟

ئاياللار بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىنىڭ سالامەتلىك، فىزىلوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ تاللىسا بولىدۇ، ھەيز كەلگەن ئالدىنقى ئۈچ كۈندە يېنىك، ئازادە، راھەت بولغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش، مەسىلەن يوگا، بەدەن مەشىقى دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىش، ۋە ياكى ئۆيدە ئاددىي بولغان بەدەن سوزۇش ھەرىكەتلىرى قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى، بېسىمنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرىكەت مەزگىلىدە قورساققا زىيادە بېسىم چۈشۈرمەسلىك، پۇتىنى زىيادە ئىگىز كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەگەر ھارغىنلىق، ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال ھەرىكەت قىلىشنى توختىتىش لازىم.

ھەيز مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ كۈنىدە ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش يەنى يول مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا زىيادە ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بەدەن چېنىقتۇرسا بولامدۇ؟

ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا يەنە ھەيز مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەككىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە قەھۋە ئىچمەسلىك، ياكى قەھۋە مىقدارىنى ئازايتىش، ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى