ئاجايىباتلار

دۇنيادىكى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئەڭ غەلىتە ھەيكەللەر

بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن سەنئەت ئەسەرلىرى نامايان بولۇشقا باشلىدى، بەزى سەنئەت ئەسەرلىرىنى كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ.

بۈگۈن كۆپچىلىككە دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە ئالتە ھەيكەلنى تونۇشتۇرىمىز:

«بۇداپېشت مەيدانىدىن ئۆمىلەپ چىقىۋاتقان گىگانت ئادەم»

بۇ ھەيكەل ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت مەيدانىدا، ئۇ ئۈستىدىكى چىملىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان بىر ۋېنگرىيەلىكنىڭ ھەيكىلى. بۇ ھەيكەلنىڭ چىراي ئىپادىسى ئازابلىق بولغىنى بىلەن، ناھايىتى زور كۈچ كەتكەن. بۇ ھەيكەل ۋېنگىرىيەلىكلەرنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئارزۇ-ئارمىنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

«يامغۇردىكى ئادەم»

بۇ ئىتالىيەدە ياسالغان ھەيكەل، پۈتۈن بەدىنى قارا رەڭلىك تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئوڭ قولىدا بىر كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇ ھەيكەل مۇشۇ شەھەردىكى ئەڭ غېرىب كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان. قاتتىق يامغۇر ياغقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بەس-بەستە ماكانلىرىغا قېچىشىدۇ، لېكىن بەزىلەرنىڭ قەدىمى بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆيىنىڭ نەدىلېكىنى بىلمەيدۇ، ناھايىتى تەنھا ۋە غېرىبلىق ئىلكىدە يۈرىيدۇ.

«يولۇچى»

بۇ پولشانىڭ ۋارشاۋا مېترو ئېغىزىغا جايلاشقان ھەيكەل، بۇ ھەيكەللەر خۇددى مەقسەت-مۇددىئاسىز كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى خىشلار يېرىلىپ كەتكەن، خۇددى ئۇلارنىڭ ھەر بىر قەدىمى شۇنداق ئېغىردەكلا، بۇ ھەيكەللەر ئەينى ۋاقىتتا پولشانىڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان. ئۇلارنىڭ شەكلى ھەر خىل ھەر ياڭزا، كىيىم-كېچەكلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس، كەچلىرى ئۇلارنى كۆرسىڭىز قورققىنىڭىزدىن جان-پىنىڭىز چىقىپ كېتىدۇ.

«دەرياغا سەكرەۋاتقان بالىلار»

بۇ بەش يالىڭاچ ئوغۇل بالىنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىياپەتلىرى ئوخشاش ئەمەس، بەزىلىرى سۇغا سەكرەشكە تەييارلانغان، بەزىلىرى قىرغاقتا يۈگۈرەۋاتقان، بۇ ھەيكەللەر سىنگاپورنىڭ سۇ ئۈزۈش تۈرىدىكى تۇنجى تۈركۈم تەنھەرىكەتچى بالىلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان، بۇ ھەيكەللەر كۈندۈزى ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ، كەچنىڭكىنى دېمىسەكمۇ تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان.

«قېلىپتىن قۇتۇلۇش»

بۇ ھەيكەل ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە. بىر تامدا تۆت ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى تامنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان، قالغان ئۈچى قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. بۇ ھەيكەللەر بەك ئوخشىتىپ ياسالغاچقا، كەچلىرى كىشىلەر بۇ يەردىن مېڭىشنى خالىمايدۇ.

«ھاۋادا ئېسېلىپ تۇرغان ئادەم»

يۇقاردىكى بۇ ئىسىم سەل قورقۇنچلۇقمۇ-نېمە؟! يىراقتىن قارىغاندا، بۇ بىر تىرىك ئادەمنىڭ بىر خادىنى تۇتۇپ تىركىشىۋاتقانلىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ، بۇ ئەسەرنىڭ ئىجادچىسى داڭلىق روھىي ئانالىز مۇتەخەسسىسى، ئۇ بۇ ھەيكەلنى ئۆزىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندە، ئازابقا چىدىماي دوستىغا مورفىننى ئوكۇل قىلدۇرۇپ ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن ئىجاد قىلغان. ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەسەر سەييارە كۆرگەزمە قىلىنغاندا نۇرغۇن يولۇچى ئۇقۇشماي ساقچىغا بىرسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى دەپ مەلۇم قىلغان، بۇ يەرمۇ بەك قورقۇنچلۇق جاي، چۈنكى بۇ ھەيكەل بەك ئەينەن ياسالغان.

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى