ساغلاملىقيېمەك-ئىچمەك

سامساق جىگەرگە زىيانلىقمۇ؟

بەدەننىڭ ساغلام ھالىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە جىگەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. نۇرغۇن جىگەر ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئادەتتە جىگەرنى قانداق ئاسراشنى بىلىدۇ شۇنداقلا سامساق يېيىشنىڭ جىگەر ساغلاملىقىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان. دوختۇر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، جىگەرگە زىيانلىق يېمەكلىكلەر ئىچىدە سامساق يوق، جىگەر ئىقتىدارى ياخشى ئەمەسلەر تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل يېمەكلىكنى چوقۇم كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.

سامساق جىگەرگە زىيانلىقمۇ؟

1. قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر. تورت، پېچىنە، قەنت- گېزەك، شېكەر، قورۇما قاتارلىق يېمەكلىكلەردىكى قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەن ساغلام بولغان ئەھۋالدا ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما جىگەر ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرگە نىسبەتەن تاتلىق يېمەكلىكلەر جىگەر كېسىلىنىڭ كاتالىزاتورى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنى بۇ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئارتۇق قەنتلەر ياغقا ئايلىنىپ بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ. زىيادە كۆپ ماي جىگەرنىىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىگەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جىگەرنى ماي قاپلاش، ھەتتا جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سامساق جىگەرگە زىيانلىقمۇ؟

2. تۇزلۇق يېمەكلىك. تۇزلانغان سەي، سۈر گۆش، قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئەڭ ياخشىسى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، جىگىرى ياخشى بولمىغان بىمارلار تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تېخىمۇ كونترول قىلىشى كېرەك. نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ئېغىر تەم تېتىيالماسلىق بولۇپ، قورۇما قورىغاندا ناھايىتى كۆپ تۇز سالغاندىلا ئاندىن تەمىنى تېتىيالايدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ناترىي ئىيونىنى ئۆرلىتىپ، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمنى پەيدا قىلىپ، جىگەرنى تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ..

سامساق جىگەرگە زىيانلىقمۇ؟

3. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر. تۇرمۇشتا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ناھايىتى كۆپ، مايدا پىشۇرۇلغان قاتلىما، پىلتە قۇيماق، بەرەنگى قەلەمچىسى، ھەتتا تاۋا كاكچىسى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە دائىم پۇرچاق سۈتى ئىچىپ، پىلتە قۇيماق يەيدۇ، پىلتە قۇيماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىلتە قۇيماق ياسىغاندا قوشۇلغان كۆپتۈرگۈچتە بەلگىلىك خىمىيەلىك تەركىب بولىدۇ، بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى بەدەنگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. جىگەر ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئەگەر دائىم يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، جىگەرنىىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ماي ئۇزۇن مۇددەت ئۈچەي يولىغا يىغىلىپ قېلىپ، قورساق قىسمىنىڭ سېمىزلېكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل يېمەكلىكلەر تۇرمۇشتا ئاز ئىستېمال قىلىنىدۇ.

سامساق جىگەرگە زىيانلىقمۇ؟

4. تەييار يېمەكلىك. تەييار چۆپ، ئىسسىق گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق نۇرغۇن تەييار يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە خۇرۇجلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، جىگىرى ياخشى ئەمەسلەرنىڭ توكسىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا كۈچلۈك ئەمەس، جىگەرنى ناھايىتى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، تۇرمۇشتا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك.

جىگەرنى تېخىمۇ ساغلام قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشتا ئاقسىل بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن، سۈت، پۇرچاق ياسالمىلىرى، ئالقات قاتارلىقلار، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى جىگەرنى مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنىىڭ زەھەر تازىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. يېمەكلىك جەھەتتە كۆپرەك دىققەت قىلغاندىن باشقا، تۇرمۇشتا يەنە ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى

Warning: preg_grep() expects parameter 2 to be array, null given in /www/wwwroot/www.bilbilik.com/wp-content/plugins/wp-autopost-pro/wp-autopost-function.php on line 9920