يېمەك-ئىچمەك

كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ

 

كۈزدىكى كاۋا بەك يېيىشلىك، ئەمدىلا كۆكتاتلىقتىن چىققان ۋاقىتتا يېپىشقاق، ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ساقلانغان كاۋا ناھايىتى تاتلىق. ئادەتتە قورۇما قورۇشتىن باشقا، كاۋىدا پىرەنىك ياساشمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش. كاۋا بىلەن يېپىشقاق نومى گۈرۈچ ئۇنىدىن ياسالغان پېچىنە، رەڭگى سېرىق ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ، يېسە يۇمشاق، يېپىشقاق ھەم تاتلىق. كاۋىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان شىرنە سۈيى سۈزۈك سۇنىڭ ئورنىنى ياخشى ئالالايدۇ، شۇڭا سۇ قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇپىشقان كاۋا پېچىنىسى يۇمشاق، يېپىشقاق، تاتلىق بولۇپ، بۇنداق ئاددىي ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان پېچىنە-پىرەنىكلەر تەملىك. ئەسلىدە ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان سىرتقى كۆرۈنۈشىنى، پىشۇرغاندىن كېيىن سارغايغان سىرتقى كۆرۈنۈشى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى تېخىمۇ ئۆزىگە تارتىدۇ، يېگەندە مەززىلىك ھەم چۈرۈك.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇكېرەكلىك ماتېرىيال:
بىر پارچە كاۋا (南瓜)، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر، مۇۋاپىق مىقداردا نومى گۈرۈچ ئۇنى (糯米粉 ).

ياساش باسقۇچى:
1. كاۋا پوستىنى تازىلاپ، نېپىز توغرايمىز، كاۋىنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 300 گرام ئەتراپىدا بولمىسىمۇ بولىدۇ.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ2. قاسقانغا سېلىپ 15 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز، ھوردا يۇمشاق پىشىدۇ.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ3. دۈملەپ پىشۇرۇلغان كاۋىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىسسىقىدا ئۈچ قوشۇق ئاق شېكەر سالىمىز، كاۋىنى ئېزىپ بوتقا ھالەتكە ئەكىلىمىز، تەخمىنەن 40 گرام بولسىلا بولىدۇ، تاتلىقنى ياقتۇرمىسا 10-15 گىرام ئازلاتسا بولىدۇ.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ4. نومى گۈرۈچ ئۇنىنى ئاز مىقداردا كاۋا بوتقىسىغا كۆپ قېتىم ئارىلاشتۇرىمىز، ئارىلاشتۇرۇش كاۋىنىڭ سۇ مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ5. ئاندىن قول بىلەن خېمىر يۇغۇرىۋالىمىز، خېمىرنىڭ يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق بولسىلا بولدى.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ6. بىر قاچا تەييارلايمىز، تېگىگە بىر قەۋەت ماي سۈركەپ چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خېمىرنى سېلىپ تەكشى يايىمىز. قېلىنلىقى بەك قېلىن بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا دۈملەپ پىشۇرۇش تەس، تەمى ياخشى بولماي قالىدۇ.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ7. يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق يېڭى ساقلاش يوپۇقىنى يېپىپ، قازاندا دۈملەپ پىشۇرىمىز، پىشۇرۇش ۋاقتىنى قاچىنىڭ قېلىنلىقىغا ئاساسەن بېكىتسەك بولىدۇ.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ8. پىشقاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ، مۇۋاپىق چوڭلۇقتا پارچىلىساق بولىدۇ.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ9. قازانغا بىر قەۋەت نېپىز ماي سۈركەپ، كاۋا پارچىسى سېلىپ تۆۋەن ئوتتا تاكى تۆت ئەتراپى ئالتۇن رەڭگە كىرگۈچە تۇرغۇزساق بولىدۇ. قازاندىن ئېلىپ، ئېغىز كۆيمىگىدەك ھالەتتە يېسە بولىدۇ، ئىنتايىن يېيىشلىك.
كاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇكاۋىنى مۇنداق پىشۇرۇپ يېسىڭىز يېيىشلىك بولىدۇ

ئەسكەرتىش:
1. نومى گۈرۈچ ئۇنىنىڭ ئورنىغا باشقا ئۇنلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇنداق يۇمشاقلىق پەقەت نومى گۈرۈچى ئۇنىدىلا بولىدۇ.
2. يېڭى پېتى ساقلاش يوپۇقىغا (保鲜膜) يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىدىغىنىنى ئىشلەتسە ئاندىن ياخشى بولىدۇ، ئادەتتىكىلىرىدە زەھەرلىك ماددىلار بولۇشى مۇمكىن، ياكى قەلەي قەغەز (锡纸) ياكى بىر تەخسە ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى