ئالەم

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

«ئاپوللو 11-نومۇر» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىغا قونغان-قونمىغانلىقىغا قارىتا گۇمانلىق پىكىرلەر ئىزچىل ئۈزۈلۈپ باقمىدى. ھەتتا بەزىلەر شۇ قېتىمقى ئايغا چىقىش جەريانىنى ھوللىۋودتىكى چوڭ لاپاستا تارتىلغان، دەپ قارىدى، ھەمدە بۇنى ئۆرنەك قىلىپ بىر كىنو ئىشلىدى، بەزىلەر يەنە مەخسۇس بىر كىتاب چىقىرىپ، «ئاپوللو 11-نومۇر» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىدە ئېلان قىلغان سۈرەتلىرىگە قارىتا ھەر خىل پەرەزلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

ئاپوللو 11نىڭ ئايغا چىقىش ۋەزىپىسى ئاساس قىلىنىپ سۈرەتكە ئېلىنغان كىنو «جەدى يۇلتۇزى 1-نومۇر»دا ئايغا چىقىش ئالدامچىلىقى بايان قىلىنغان

ھازىر ئايغا ئادەم چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قويۇپ بېرىپ، ئاي شارىغا سىلىق قونۇشمۇ ئىنتايىن قىيىن ئىش، دۇنيادا بۇنداق ئەمەلىي كۈچى بار دۆلەتتىن پەقەت بىرنەچچىسىلا بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە 50 نەچچە يىل ئىلگىرىكى پەن-تېخنىكا بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى تېخنىكىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ.

ئاپوللو 11-نومۇر ئايغا چىققان چاغدا، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زومىگەرلىك تالىشىۋاتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلى ئىدى، ئىككى دۆلەت دۇنياغا ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلماقچى بولۇپ، كۈچ جەھەتتە قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشۈشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئاپوللو 11-نومۇر ئايغا چىقىشتىن بۇرۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە ئىزچىل تۈردە ئامېرىكىدىن بىر قەدەم ئالدىدا تۇراتتى. ئاپوللو 11-نومۇر ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغاندىن كېيىن، بۇ خىل ھالەت دەرھال تەتۈرگە ئايلاندى، ئايغا چىقىشمۇ ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توسۇققا ئايلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچىنى خورىتىۋەتتى.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

ئاپوللو 11نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاي شارىدا ھەرىكەت قىلىپ، ئەۋرىشكە يىغدى

شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەختتىن چۈشۈپ پارچىلانغانغا قەدەر ئىزدىنىپ، يەر شارىدىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان.

شۇڭا ئەينى چاغدىكى ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئايغا چىقىش ۋەزىپىسى ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق ئاددىي پەن تەتقىقات ئىزدىنىشى ئەمەس، ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگىنى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىدى. شۇڭا بۇنداق مۇھىم ئىش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ساختا سۈرەتكە ئېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق بىمەنە ئىش بولسىمۇ قىلىش كېرەك.

بۇمۇ ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئايغا چىقىشىدا ساختىلىق بارلىقىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئايغا قونۇشىدىكى يەنە بىر چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ـــ ۋاقىت.

1961-يىلى 4-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي قەھرىمانى يۇرى گاگارىن «شەرق 1- نومۇر» (东方一号) ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىدا بىر سائەت 48 مىنۇت ئايلىنىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسىغا ئايلاندى. 1962-يىلى 9-ئايدا، كېننېدى زۇڭتۇڭ ئايغا چىقىش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، 10 يىل ئىچىدە ئىنسانلارنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىمىز دېدى. ئەمەلىيەتتە، 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنمىدى. بۇ قېتىمقى ئايغا چىقىش نۇتقىدىن كېيىن، يەتتە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، يەنى 1969-يىلى 7-ئايدا، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاي شارىغا چىقىدىغان يولۇچىلىرى ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئاي شارىغا قاراپ يولغا چىقتى.

بۇ بىر گۇرۇپپا ۋاقىت سانلىق مەلۇماتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىدە، تۇنجى قېتىم يەر مەركىزىنىڭ تارتىش كۈچىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى بوشلۇققا چىقىرىشى ئۈچۈن پەقەت سەككىز يىل ۋاقىت كەتكەن، 1962-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ كېننېدىنىڭ ئايغا چىقىش نۇتقى، ئامېرىكىنىڭ ئايغا چىقىش ئىرادىسىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئايغا چىقىش ۋاقتى يەتتە يىلغىمۇ يەتمەيدۇ.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

كېننېدى زۇڭتۇڭنىڭ مەشھۇر ئايغا چىقىش نۇتقى

بۇ بىر گۇرۇپپا ۋاقىت سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇش كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ. 50 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىن باشقا مەيلى قايسى دۆلەتنى ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئايغا چىقىشقا قۇربى يېتىدۇ دېيىلسە، كىشىلەر بىرىنچى بولۇپ بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلېكىنى ھېس قىلىدۇ، ئاندىن قاتتىق گۇمانلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت ئارىلىقىنى يەنە بىر ھەسسە چوڭايتقان تەقدىردىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئامېرىكا 50 يىل بۇرۇنلا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

50 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ «چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە قونۇپ، ئاي شارىدىن ئىككى كىلوگىرام ئەۋرىشكە ئېلىپ يەر شارىغا قايتىدۇ. ئادەمسىز بولغاندىن باشقا، ئېغىرلىقى پەقەت ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغىلا تەڭ بولۇپ، پۈتكۈل جەريان 50 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ قېتىملىق ئادەم ئېلىپ ئايغا چىقىشنىڭ تەكرارلىنىشى ئىدى.

«چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە قونغاندىن كېيىن، بىز يەنە بىر نۇقتىدىن، 50 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئادەملىك ئايغا چىقىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئىسپاتلايلى. «چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە قونغاندىن كېيىن، ئۆزىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ، ئۆزىنىڭ «ئۇزۇن پۇتى»نى نامايان قىلدى. ئاپوللو 11-نومۇر ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇڭدىن تارتىلغان بىر پارچە سۈرىتى بار.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

«چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئايغا قونغان ۋاقىتتىكى تىرەك پۇتى

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئايغا قونغان ۋاقىتتىكى تىرەك پۇتى

يۇقىرىقى ئىككى پارچە سۈرەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رېتسىپ، ئەمما ئوخشاش بىر خىل تەمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ھەر ئىككىسىدە ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان ئۇزۇن پۇتىنىڭ ئاستىدا بىر يۇمىلاق تەخسە شەكىللىك تاپان بار. «چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تاپىنى بىرقەدەر چوڭقۇرراق چۆككەن، ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ تاپىنىنىڭ قونغاندىكى ھالىتى بىرقەدەر تېيىزراق بولغان. ئاي شارىغا يېڭى قونۇپ، ئۇچۇش بۆلمىسىدىن چىققان ۋاقىتتا، ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئۇچقۇچىلىرى يەر يۈزى قوماندانلىق مەركىزىگە ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنى تەسەۋۋۇرىدىكىدىن قاتتىقراق بولۇپ، ئۈستىدە بىر قەۋەت ئاي توزانلىرى ۋە ئۇششاق تاشلار بار ئىكەن دەپ دوكلات قىلغان.

ئىككى پارچە سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاي شارىدىكى بىر قەۋەت چاڭ-توزان ۋە بىر قىسىم كىچىك تاشلارنىڭ رەڭگى ئازراق ئوخشىمىغاندىن باشقا، تەركىبى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، «چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ تاپىنىنىڭ چوڭقۇرراق چۆكۈپ كېتىشى بەلكىم ئاشۇ تۇپراقنىڭ تېخىمۇ يۇمشاق بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

ئاپوللو 11-نومۇرلۇق ئاي شارىغا چىقىش ئەسۋابىنىڭ تىرەك پۇتى

بۇ سۈرەت ئارقىلىق ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ تىرەك پۇتىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ (ئاستىدىكى تاياقنىڭ نېمىلېكىنى بىلىدىغان دوستلار بارمۇ، نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؟).

بۇ تىرەك پۇتنىڭ يېنىدا ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت قىلغان ئاياغ ئىزى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ خېلىلا قېلىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئاياغ ئىزى ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە نەچچە يۈز مىڭ يىل ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

ئاپوللو 11-نومۇر

بۇ ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئەزالىرى ۋەزىپىنى تاماملاپ، قايتىش بۆلۈمچىسىگە بېرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى خاتىرە سۈرەت. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تىرەك پۇتنىڭ سايىسى بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ سايىسى خۇددى ئىككى پاراللېل سىزىققا ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن تىرەك پۇتنىڭ ئاي شارى يۈزىگە ئانچە چوڭقۇر چۆكمىگەنلېكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئاي شارى ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ، يامغۇر ياغمايدۇ، بولمىسا بۇ بىر قەۋەت چاڭ-توزان يامغۇر سۈيىگە ئارىلىشىپ كېتىپ، ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئاياغ ئىزىمۇ قالمىغان بولاتتى.

ئاپوللونىڭ ئايغا چىقىش پىلانى توغرىسىدا، نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئاساسىي ئېقىم ئۇنىڭ چىنلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا، گەرچە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى زومىگەرلىك تالاشسىمۇ، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئىشتىن گۇمانلانمىدى. قانداقلا بولمىسۇن نەچچە يۈز مىڭ ئادەم قاتناشقان تۈر، ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرماي قىلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئاي شارىغا قونغاندىكى ئورنى بىلەن چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ئاي شارىغا قونغاندىكى ئورنىنىڭ يەر شەكلى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ھەرقايسىسىدە بىر قەۋەت ئاي توزانلىرى ۋە بىر قىسىم كىچىك تاش پارچىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. رەڭگى سەل غەلىتە بولغاندىن سىرت، باشقا نۇقتىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، بۇمۇ قونۇش ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. ئەلۋەتتە، بىرنەچچە پارچە سۈرەت ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشتەك بۇ زور تۈرىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما بۇ ئاپوللو يۈرۈشلۈكىنىڭ ھەقىقىي ئاساسقا ئىگە ئەھۋالدا چىقارغان قىياس ۋە تەھلىلىدۇر.

ئاپوللو 11 راستىنلا ئايغا قونغانمۇ؟ ئاي شارىدىن جاۋاب كەلدى

«چاڭئې 5-نومۇر» ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مېخانىكىلىق بېلىكى ئاي شارىدىن ئەۋرىشكە ئالغان ئەمەلىي كۆرۈنۈشى

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر بۇنى ھەقىقىي دەپ قارىساق، بىز ئامېرىكىنىڭ پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىدىن ھەيران قېلىشقا مەجبۇر بولىمىز، 50 نەچچە يىل ئىلگىرى، شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقىشىدەك ئۇلۇغ ئىشنى تاماملىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئېھتىمال ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم قىلالماسلىقى مۇمكىن، بىز گەرچە بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۆزىمىزنى بەك تۆۋەن چاغلىماسلىقىمىز كېرەك. ئامېرىكىنىڭ 50 يىل بۇرۇن نامايەن قىلغان ئەمەلىي كۈچىگە نىسبەتەن بىز ھازىر قوغلاپ يېتىشىۋېلىش باسقۇچىدا، بۇ ئارلىقتىكى پەن-تېخنىكىنىڭ بەزى تەرەققىياتى ھەقىقەتەن ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز يەنىلا قالاق ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز، پەقەت بۇ ئارىلىق تەدرىجىي قىسقىراۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز پەقەت مۇشۇنداق تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىساقلا، ھامان بىر كۈنى يېتىشىۋالىمىز، ھەتتا ئېشىپ كېتىمىز، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى