ساغلاملىق

73 ياشلىق دىيابېت بىمارى 20 يىل دورا يېمەي، دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى

بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرىلىماقتا. بىمارلار قوشۇنىمۇ بارغانسېرى زورايماقتا. بۇ كېسەللىكنى كونترول قىلىش نىسبىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىستاتىستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئون چوڭ ئۆلۈم سەۋەبى ئىچىدە، «ئۈچ يۇقىرى» بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قازا قىلغۇچىلار ئومۇمىي قازا قىلغۇچىلار سانىنىڭ %27ىنى ئىگىلەيدىكەن. كۆپچىلىككە مەلۇم، كۆپ ساندىكى «ئۈچ يۇقىرى» بىمارلىرى ئۇزاق مۇددەت دورا يېيىشى كېرەك، لېكىن دورىنىڭ ئەكس تەسىرى دەل كۆپچىلىك ئەنسىرەيدىغان ئاساسلىق مەسىلە. ئۇنداقتا، دورا يېمەيدىغان كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ؟

73 ياشلىق دىيابېت بىمارى 20 يىل دورا يېمەي، دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى.

چېن ئەپەندى بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 20 يىل ئىلگىرى ئۇ مەلۇم شىركەتتە شوپۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەندە ماشىنا ھەيدەپ خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئاپىرىپ قويۇش يولىدا، تۇيۇقسىز مەيدىسى قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. خىزمەت ۋاقتى ۋاقتى بولغاچقا، ئۇ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەرنى ئۆيىگە ئوڭۇشلۇق ئاپىرىپ قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.

73 ياشلىق دىيابېت بىمارى 20 يىل دورا يېمەي، دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى

بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، چېن ئەپەندىگە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلغان. گەرچە يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە بىر ئاي، ئادەتتىكى كېسەلخانىدا بىر ئاي ياتقان. ئىككى ئايدىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭغا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرىنىڭ 11mmol/L دىن ئېشىپ كەتكەنلېكىنى، دورا يەپ داۋالىتىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. چېن ئەپەندى تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىنى يەپلا قالماي، يەنە دىيابېت كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىنىمۇ يېيىشىگە توغرا كەلگەن. ھەر قېتىم دورا يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاشقازىنىنىڭ ئىنكاسى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، چېن ئەپەندى دورىنى توختىتىش توغرىسىدا بىر قارار چىقارغان. ئۇ بارلىق دورىلارنى توختىتىپ، ھەرىكەت ئارقىلىق كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى سىناپ باقماقچى بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ھەر كۈنى باغچىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرغان، ئالدى بىلەن تېز سۈرئەتتە يول يۈرۈپ، ئاندىن تۈرلۈك تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئىشلىگەن.

ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا، چېن ئەپەندى ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ، يۈرىكى ئېغىپ، ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالغان. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇققاندىن كېيىن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېن ئەپەندىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ياخشى كونترول قىلىنغانلىقى، قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئەمما، شېكەرلەشكەن قان قىزىل ئاقسىلى ئۆلچەمدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، بۇ دىيابېت كېسىلىنى ئۇزاق مۇددەت كونترول قىلىشنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلېكىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، چېن ئەپەندىنىڭ قىلغان ھەرىكەتلىرى دىيابېت كېسىلى ئۈستىدىن غالىب كېلەلمىگەچكە، ئەكسىچە قان شېكىرى تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتكەن.

73 ياشلىق دىيابېت بىمارى 20 يىل دورا يېمەي، دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى

سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، دوختۇر ناھايىتى ھەيران بولغان. چېن ئەپەندىنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇشى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، بىر قانچە مۇھىم قان تومۇرلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە يامراش خاراكتېرلىك تارىيىش بولغان، بۇنداق بولغاندا ھەر ۋاقىت يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىدى. پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، چېن ئەپەندى تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا قوشۇلغان.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، چېن ئەپەندى تەلەيلىك كىشى بولۇپ، ئۇ دورا يېمىگەن ئەھۋال ئاستىدا 20 يىل ياشىغان، بۇ بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەرىكەت بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنى ماسلاشتۇرغان بولسا، ھازىر چوقۇم باشقا بىر نەتىجىگە ئېرىشكەن بولاتتى. رېئال تۇرمۇشتا، بەزى بىمارلار چېن ئەپەندىنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى تەكرارلاۋاتىدۇ، بەزى بىمارلار سىناپ بېقىشقا ئالدىراۋاتىدۇ، لېكىن چېن ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىنىڭ سىزگە ئىبرەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1. دورا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىلەن دىيابېت كېسەللىكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كۆپ ساندىكى بىمارلار ساقايمايدۇ. ئۇزاق مۇددەت دورا يېيىشىگە توغرا كېلىدۇ، ھەرىكەت بەلگىلىك دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، ئەمما ھەرىكەت قىلدىم دەپ دورىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى ئۇزۇن مۇددەت قان پىلاستىنكىسىغا قارشى دورىلار، تاتىن تۈرىدىكى دورىلار ھەمدە قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى توسقۇچى دورىلار قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بەزى بىمارلار يەنە نىترات كىسلاتا ئېستېرى تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئۇزاق مۇددەت قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئىچىشى ياكى ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ سېلىشى كېرەك. بۇ دورىلارنى ھەر كۈنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىش كېرەك، خالىغانچە توختىتىشقا بولمايدۇ. دورا مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكىمۇ، ئازايتىشقىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ناچار تەسىر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

73 ياشلىق دىيابېت بىمارى 20 يىل دورا يېمەي، دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى

2. قان شېكىرىنى ئۆلچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

دىيابېتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 100 خىلدىن ئاشىدۇ، بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، پۇت كېسەللىكى، ئەتراپ نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار. ئەمما، زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغان دىيابېت يۈرەك قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرى يوشۇرۇن خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، قان تومۇرنى قەدەممۇ قەدەم توسۇۋېلىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرى قان شېكىرىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. ئەگەر قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ياخشى بولمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دىياگنوز قويدۇرۇشى كېرەك.

3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ناھىيەسىگەرچە ھەرىكەتنى دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ۋە دىيابېت كېسەللىكىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئاكتىپ رولى بار. بىرىنچىدىن، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك مۇسكۇلىنى قان بىلەن تەمىنلەش ۋە يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئىككىنچىدىن، ھەرىكەت قاندىكى ماينى تەڭشەش، قان بېسىمىنىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈش، قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكەت قىلغاندا مېتابولىزمنى ياخشىلاپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، دىيابېت كېسەللېكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈچ يۇقىرى بىمارلار، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار دورا يېيىشكە تېگىشلىك بولغان ئەھۋالدا، دورىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توختاتماسلىقى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى