ساغلاملىق

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش؟مەن ھېچنېمە قىلىپ باقمىغان، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش نۇرغۇن ئاياللار ئايلىنىپ ئۆتەلمەيدىغان كارىزغا ئوخشايدۇ، دوختۇرخانىمىزنىڭ ئاياللار بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسىگە ئاز بىر قىسىم بىمارلار بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى داۋالىتىش ئۈچۈن كېلىدۇ. ياش قىزلارغا دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپىنچىسى غەلىتە ۋە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىدۇ، يەنە خىجىل بولۇپ، ئۆزىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەسلەيدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ: مەن ھېچنېمە قىلىپ باقمىغان بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئارىلىشىپ باققان. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ توي قىلىپ بالىلىق بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيالى ئىرماش-چىرماش بولۇشقا باشلايدۇ: ئەجەبا بالا تۇغۇش كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟ ئەجەبا ئەرلەر ئىشەنچلىك ئەمەسمۇ؟ ئادەم ئەمەس نېمىكەن بۇ! بارابارا …… راست شۇنداقمۇ؟ مەن ھېچنېمە قىلمىدىم، نېمىشقا بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بولىدۇ؟

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش؟مەن ھېچنېمە قىلىپ باقمىغان، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسەللىك ئەمەس

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ئىلگىرى ھەر خىل نوپۇزلۇق تېببىي دەرسلىكلەردە كېسەللىك دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن، لېكىن تېببىي تونۇشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش تېببىي كېسەللىك كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدىغان بولۇپ، 2008ـ يىلى نامى بالىياتقۇ بوينى تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە غەيرىي ئورۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بىر خىل نىسبەتەن كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغان بەدەن ئالامىتى. بەزىلەر بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسەل بولمىسا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قورقۇنچلۇق ئىسىم قويۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق، بالىياتقۇ بوينىدىكى تېرە تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە ۋە تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيەدىن تەركىب تاپىدۇ. تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە قاپقىقى بولغاندا بالىياتقۇ بوينى سىلىق ھالەتتە، تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە قاپقىقى بولغاندا دانىچە ھال رەڭدە بولىدۇ، بۇ چاغدا بەزىلىرى تېرىقتەك سېسىپ كېتىدۇ، شۇڭا بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش دەپ ئاتىلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش؟مەن ھېچنېمە قىلىپ باقمىغان، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنىڭ كۆپ قىسمى فىزىئولوگىيىلىك بولۇپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى كېسەل خاراكتېرلىك بولىدۇ.

1. فىزىئولوگىيىلىك بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنىڭ ماھىيىتى ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن بالىياتقۇ بوينى تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيە سىرتقا يۆتكىلىشىنى بولۇپ، ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ بالىياتقۇ بوينىمۇ سىلىق بولىدۇ. دېمەك شەلۋەرىگەن بالىياتقۇ بوينى بىلەن شەلۋەرىمىگەن بالىياتقۇ بوينىنىڭ پەرقى ئادەمنىڭ تەقى ـ تۇرقىنى سۈپەتلىگەنگە ئوخشاش ،بۇ خۇددى ياشلىقتىكى دانىخورەك چىققان ـ چىقمىغانلىقىلا ئەمەس، يەنە تېرىنىڭ سىلىق ياكى سىلىق ئەمەسلېكىنى سېلىشتۇرغاندەك بىر ئەھۋال .

2. كېسەل خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ئىچكى ئۆسمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈۋرۈكسىمان ئېپىتېلىيەنىڭ سىرتقا يۆتكىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن بالىياتقۇ بوينى ھالىتىنى ئادەت خاراكتېرلىك تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بالىياتقۇ بوينى ھال رەڭ يۈزىدە پەيدا بولغان قىزىل رايون شەلۋەرەش كۆرۈلگەن رايون بولۇپ، يېنىك، ئوتتۇرھال، ئېغىر بولۇش دەپ شەلۋەرىگەن كۆلەمنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنى يەنە X دەرىجىدىكى شەلۋەرەش دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

ئادەتتە شەلۋەرەشنىڭ مەۋجۇت بولۇش ـ بولماسلىقى ۋە ئۇنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ ياكى ھەر قايسى كىشىلەرنىڭ تەن ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، لېكىن جىنسىي تۇرمۇش، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان بولۇش قاتارلىقلار بىلەن مۇقەررەر باغلىنىشى يوق ۋە بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇقەررەر باغلىنىشى يوق. نۆۋەتتە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ باش جىنايەتچىسى يۇقىرى خەتەرلىك تىپتىكى ئادەم ئەمچەك توپچىسى ئۆسمىسى ۋىرۇسى ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى.

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش؟مەن ھېچنېمە قىلىپ باقمىغان، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مۇھىمى ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك سەۋەبىنى بىلىش كېرەك، مەسىلەن تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، قانۇنىيەتسىز، ئىلمىي بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش، كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش، ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىقلار ،يەنە ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى بىلىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى،دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى. ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ياش قىز دوستلار بار، ئۇلار بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، تۇرمۇشقا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇ يەردە بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى، بۇ بىزنىڭ قاراتمىلىق ھالدا داۋالىشىمىزغا پايدىلىق.

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش؟مەن ھېچنېمە قىلىپ باقمىغان، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

1.بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب جىنسىي تۇرمۇشتىكى ئۈچنى قىلماسلىق، يەنى پاكىز بولماسلىق، قانۇنىيەتسىز بولۇش، ئىلمىي بولماسلىق.

ھازىرقى زامان جەمئىيەت ئىدىيە- قارىشىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاياللار كىچىكىدىن باشلاپلا جىنسىي تۇرمۇشنى باشلايدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئون نەچچە يېشىدىلا جىنسىي تۇرمۇشنى باشلايدۇ، بالىياتقۇ تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، ئىممۇنىتېت كۈچى نىسبەتەن ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي بىلىمى يوق، جىنسىي تۇرمۇش سىجىللىقى زىيادە چوڭ بولۇش ۋە جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولۇش ياكى جىنسىي ئالاقە ئوبيېكتىنى كۆپ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل.

2. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە بىر سەۋەب شۇكى، نۇرغۇن ئاياللار جىنسىي تۇرمۇش تەدبىرلىرىنى جايىدا قىلالماسلىق ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنالماسلىق، كۆپ قېتىم تاسادىپىي ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بالا چۈشۈرۈش، بالا چۈشۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى ھېس قىلالماسلىق قاتارلىقلار. دورا ئارقىلىق ھامىلە چۈشۈرۈش، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرۈش، تۇغۇتى مۇۋاپىق بولماسلىق، كۆپرەك ياخشى ئارام ئالالماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىياتقۇ بوشلۇقى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىياتقۇ بوينى يۇقۇملىنىپ شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېخىمۇ ئاز بولمىغان ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بىرگە بولسا، ھەقىقەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ھەيز مەزگىلىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ قارشىلىق كۈچى ئەڭ ئاجىز بولغاچقا، ۋىرۇس قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بىلەن ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىپ، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش قاتارلىق ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يەنە بەزى ئاياللاردا ئاساسىي ئاياللار كېسەللىكلىرى ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى كەمچىل بولۇپ، ئاياللار كېسەللىكلىرى دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ. بەدەندە، بولۇپمۇ ئاستىنقى بەدەندە ئازراق بىئاراملىق كۆرۈلگەندە، بەزى ئاياللار دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشتىن خىجىل بولىدۇ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپلا دورىخانىغا بېرىپ سېتىۋالغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئاستىنقى بەدەننى ئۆزى يۇيۇپ، بالىياتقۇ، جىنسىي يولدىكى مىكرو مۇھىتنى بۇزۇپ، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى كۆپەيتىپ، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش؟مەن ھېچنېمە قىلىپ باقمىغان، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

4. بەزى ئاياللاردا ئەسلىدە بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش يوق بولۇپ، ئادەتتە دائىم باكتېرىيە تىزگىنلىگۈچى دورىلارنى ياكى ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ دورىلار باشقا غەيرىي ئاياللار كېسىلىنى داۋالىغان تەقدىردىمۇ، بەدەندىكى زىيانلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرگەندىن باشقا، بەدەندىكى باشقا پايدىلىق باكتېرىيەلەرمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ، بالىياتقۇ بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر توپى بۇزۇلۇپ، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ناچار تۇرمۇش ئادىتى (تۈنەش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار )، چېنىقىشنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايال دوستلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشى يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى تۈنەش، چېنىقىش كەمچىل بولسا قان سۇيۇقلۇقى راۋان بولماي، توكسىن قاتارلىقلار بولۇپمۇ ئاستىنقى بەدەن يىغىلىپ قېلىپ، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى