ساغلاملىق

بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئۈچ خىل ئالامەت

بالىياتقۇ ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى بىر قەدەر يوشۇرۇن ئورۇندا بولغاچقا، سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆز بىلەن كۆزىتىشكە ئامالسىزمىز. كۆپىنچە كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ھاجەتخانىغا كىرىش، تەرەت قىلىش بەدەندىكى زەھەر ۋە ئەخلەتلەرنى ھەيدەش بولۇپ، سالامەتلىككە پايدىلىق، ئۇنداقتا بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ سۈيدۈكىدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

1. سۈيدۈك رەڭگى سۈزۈك بولۇش

ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سۈزۈك بولۇشى كېرەك، بىراق ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۇنجى قېتىملىق سۈيدۈك رەڭگى سەل سارغۇچ بولسا، بۇ نورمال ئەھۋال.چۈنكى، ئادەم بەدىنى ئۇخلاش جەريانىدا بەدەن مېتابولىزم ئېلىپ بارىدۇ، بەدەندىكى زەھەر ۋە ئەخلەتلەر سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ، لېكىن ئەگەر سۈيدۈك رەڭگىنىڭ سەل قىزىل ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ھوشيار بولۇشىڭىز كېرەك.

سۈيدۈك رەڭگىنىڭ نورمالسىزلىقى كۆپ خىل مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە بالىياتقۇنىڭ باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ داۋالانغاندىلا، ئاندىن بالىياتقۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

2. سۈيدۈكتە غەيرىي پۇراق بولماسلىق
نورمال ئەھۋالدا بالىياتقۇ سىلىق، ساغلام بولىدۇ، لېكىن تەرەت قىلغاندا، ئاياللارنىڭ مەخپىي ئورنى ۋە سۈيدۈك يولىنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولغاچقا، چىققان سۈيدۈك بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شۇڭا سۈيدۈك ئارقىلىق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتەلەيمىز.

بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئۈچ خىل ئالامەت

ئەگەر سۈيدۈك چىقارغاندا سۈيدۈكتە سېسىق پۇراق بولسا، بالىياتقۇدا ياللۇغ پەيدا بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ياللۇغلىنىش كۆرۈلسە، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار بەدەنگە كىرىپ، سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بالىياتقۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلسىڭىز، ئاندىن ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولىدۇ.

3. سۈيدۈك چىقىرىش راۋان بولۇش
نۇرغۇن ئاياللاردا ھەيز بىنورمال بولۇش ئەھۋالى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، ھەيز دەۋرى مۇقىم بولماسلىق، ھەيز ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇش قاتارلىقلار بالىياتقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئەگەر ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىكى سۈيدۈك راۋان بولسا، بۇ بالىياتقۇڭىزنىڭ نىسبەتەن ساغلام، پاكىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر سۈيدۈك چىقىرىش قېتىم سانى كۆپ، سۈيدۈك جىددىي بولۇش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بالىياتقۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك، شۇنداقلا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، شۇندىلا بەدەن ئىچىدىكى مۇھىتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.

بالىياتقۇسى ياخشى ئاياللارنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئۈچ خىل ئالامەت

ئۈچ ئىشتىن ساقلىنىش، بالىياتقۇ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ
بىرىنچى. ئاچچىقلىنىش
ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر سەزگۈر، بىرەر ئىش سەللا كۆڭلىگە ياقمىسا ئىچى سىقىلىدۇ، جۇڭيى تېبابىتىدە ئاياللار كېسىلى كۆپ ھاللاردا ئاچچىقلىنىشتىن پەيدا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، دائىم ئاچچىقلانسا بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئىككىنچى. تۈنەش
تۈنەش سالامەتلىككە زىيانلىق، بۇ ھەممىگە ئايان ئىش، بىراق نۇرغۇن خانىم- قىزلار تۈنەشنى تاشلىيالماسلىقتەك ئادىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن ۋاقىت تۈنەش بالىياتقۇدا ھۆللۈك ئارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچىنچى. ھەيز مەزگىلىدە خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىش
ھەيز ئاياللار تەن ساغلاملىقىنىڭ بارومېتىرى، ھەيز بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ يېرىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ، ھەيز مەزگىلىدە، بالىياتقۇنىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بالىياتقۇنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*

code

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى